بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنى ئوقۇتۇش ھەققىدە

ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنى ئوقۇتۇش ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:41:49    كۆرۈلۈش سانى : 1049  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز  سۆز بىرىكمىسىنى ئوقۇتۇش ھەققىدە

  بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ لېكسىكا ۋە سىنتاكسىس قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. 
  1. تۇراقلىق  سۆز بىرىكمىسى بىلەن تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش كېرەك. 
  )1( ھەر ئىككىلىسى ئىككىدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن:
 تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  قاش قارايغان چاغ
  ئوقۇرى ئېگىز
  جىگىرى يوق
  تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  قىزىل ئۈزۈم
  تىك قىيا
  قىيىن سوئال
 
  )2( ئۇدۇل مەنىلىك تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئارىسىغا ئوخشاشلا بەزى ماس كېلىدىغان تەركىبلەرنى قوشۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: 
تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  ئەندىر قوغۇنى — ئەندىرىنىڭ قوغۇنى
  خوتەن مائارىپى — خوتەننىڭ مائارىپى
تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  ئۇنى كېلەمدىكىن دەپ — ئۇنى تېزرەك كېلەمدىكىن دەپ 
  ۋەتەننى قوغداش — ۋەتەننى جان تىكىپ قوغداش
  )3( مەيلى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى بولسۇن ياكى تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى بولسۇن ھەر ئىككىلا  جۈملىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولالايدۇ. مەسىلەن: 
 
  تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
 
  ئاق كۆڭۈل — مۇختار ئاق كۆڭۈل  بالا بولدى
  تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  تەكلىپ قىلماق — ساۋاقداشلار تۇرسۇن مۇئەللىمنى ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 
  2. تۇراقلىق سۆز بىرىكمسىى بىلەن تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنىڭ پەرقى توغرىسىدىكى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. 
  )1( تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدىكى سۆزلەر تۇراقلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ياكى بىرىكمە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى ئېھتىياجغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ. ئۇلارنى پارچىلاشقا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: 
  تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  مېغىزىنى چاقماق
  يىلان چېقىۋالماق
  پۇتى كۆيگەن توخۇدەك
  تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  ئون پارچە ئاسەر
  ئۆزىنى قەدىرلەش
  تاتلىقىنى تاللاپ
  يۇقىرىقى مىساللاردىكى >تاتلىقىنى تاللاپ< دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى >ئاچچىقىنى تاللاپ، كىچىكىنى تاللاپ…< دېگەندەك سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما >پۇتى كۆيگەن توخۇدەك< دېگەن تۇراقلىق بىرىكمىنى >پۇتى كۆيگەن كەپتەردەك< دېگەن سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 
  )2( تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىرلىشىپ بىرلا مەركىزىي مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىنىڭ بەزىلىرى بىرلا خىل مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ يەنە بەزىلىرى ھەرخىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
  تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  بېشىغا دۆلەت قۇشى قونماق
  ئاغزى بوش
  بىر قوشۇق قېنىنى تىلىمەك
تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  ئۇزۇن چاپان )بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدۇ(
  باغلاپ قويماق — بەلنى باغلىماق، ئېشەكنى باغلاپ قويماق
  )3( تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى — مەنە جەھەتتىن مۇرەككەپلىككە،  تۈزۈلۈش  جەھەتتىن تۇراقلىققا ئىگە بولۇپ، بىرلا لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلىتىدۇ. تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى —  ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ ۋاقىتلىق بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سىنتاكسىسلىق بىرلىك بولۇپ، مەنە جەھەتتىن تۇراقلىق بولمايدۇ. تۈزۈلۈشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن: 
 
  تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  يۇرۇڭقاش دەرياسى
  ئۆپكىسى يوق
  قولى ئەگرى
تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  پاكىز ئۆي
  كۆپ ماركا
  پاختىلىق كىيىم
)4( ھەرقانداق سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئارىسىغا بەزى تەركىبلەرنى قوشۇپ كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇدۇل مەنىلىك تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىدىن باشقا تۇراقلىق بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا باشقا تەركىبلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:
تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
  خوتەن گىلىمى — خوتەننىڭ گىلىمى
  چىرىيە ئانارى — چىرىيەنىڭ ئانارى
  لوپنۇر كەندىرى — لوپنۇرنىڭ كەندىرى
تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  قىزىل ئورۇندۇق — قىزىل سىرلانغان ئورۇندۇق
  پاكىز سىنىپ — پاكىز تازىلانغان سىنىپ
  ئېگىز دەرەخ — ئېگىز، تۈز ئۆسكەن دەرەخ
  )5( ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر مەنىسى ۋە تۈزۈلۈشىگە  ئاساسەن تۇراقلىق بىرىكمىلەر،  ئىدىيوملار، ماقال - تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى — قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاددىي سۆز بىرىكمىسى ۋە مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن:
    تۇراقلىق بىرىكمىلەر
  قاراقاش دەرياسى )تۇراقلىق بىرىكمە(
  خورىكى ئۆسۈپ قالماق )ئىدىيوم(
  ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا )ماقال - تەمسىل(
تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى
  لاي سۇ )ئاددىي سۆز بىرىكمىسى(
  ئېگىز مەجنۇنتال تۈۋىدە )مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىسى(
  دېمەك تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى بىلەن تۇراقسىز  سۆز بىرىكمىسى مەلۇم جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر - بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ،  ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتتە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىگە ئائىت بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەشكە، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرىقى تەرەپلەرنى ئەتراپلىق ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى