ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى پائالىيەتچان بولۇشى كېرەك
يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:44:45 كۆرۈلۈش سانى : 1136
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى پائالىيەتچان بولۇشى كېرەك
يېڭى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئادەم تەربىيىلەش، كىتاب ئوقۇتۇش بىلىم بېرىش جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتچان بولۇشى مۇھىم بىر تەرەپتۇر. بىراق تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇت: 1. بەزى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزەرىيە، كەسپىي بىلىمى يۇقىرى بولۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلىم بېرىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ھالقىلىرىدا نەتىجىسى يۇقىرى ياكى ياخشى. ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش، ئۇنۋان قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، بىراق مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي، مەدەنىي پائالىيەتلەردە ھېچقانداق رولى يوق. 2. بەزى ئوقۇتقۇچىلار تارتىنچاق، نازۇك بولۇپ، مەدەنىي پائالىيەتلەردە ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئىلاجى بار ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى نۇتۇق سۆزلەش، شېئىر - قوشاق ئوقۇش، ناخشا ئېيتىش ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلار قولىدىن كەلمەيدۇ )ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتمەيدۇ(. 3. سىنىپلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىدە بىرەر سىنىپنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىدىن ناخشا، خور تېكىستى، بالىلار ئىتوتلىرى ۋە باشقا نومۇرلارنىڭ تەييارلىنىشى ئۈچۈن ياردەملەشمەيدۇ، بۇنداق ئىشلار كۆپ ھاللاردا سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇخىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 4. مەكتەپ ياكى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلغان گېزىت، ژۇرنال، تام گېزىتى قاتارلىقلاردا بىرەر قېتىممۇ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى چىقارمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلەردىن يېتەرسىزلىكى تىلغا ئېلىنسا ئۇلار >بىز سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇمىغان، ساز - مۇزىكا چالالمايمىز، ناخشا ئۇسسۇل ساۋاتىمىز يوق< دېيىشى مۇمكىن، ئېيتايلۇق مەكتەپلەردىكى ساز چېلىشنى بىلىدىغان، توپ ئوينايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇشۇ پەندە ئوقۇغانمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ ماھارەتلەرنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، قىزىقىشى بىلەن ئۆگەنگەن. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئىنكاس قايتۇرۇشمۇ بەك تومتاق بولۇپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەنلىك. ئەگەر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە مەنسۇپ بولغان باشقا پائالىيەتلەرگە سەل قارىسا بۇندىن كېيىنكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى تەرىپىدىن شاللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قانچە ئىشنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ نەزەرىيە بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئەتراپلىق ئىپادە قىلىشقا تىرىشىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ جەھەتتە مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە تەتبىقلاپ، مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ بۇ جەھەتتە ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى بايقاش، يېتەكلەش جەھەتتە ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىش لازىم دەپ قارايمەن. |
|