بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدە نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقىدە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش

ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدە نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقىدە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:33:03    كۆرۈلۈش سانى : 409  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدە نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقىدە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك

  ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش ئوقۇش ئىقتىدارى  بىلەن يېزىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار بىرەر تېما ئۈستىدە ئويلانغانلىرىنى ئاغزاكى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەمما يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى يازماقچى بولغان ماقالىنىڭ مەركىزىي  ئىدىيىسىنى توغرا تونۇپ يېتىش، ماقالىنىڭ ماتېرىيالىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، ئالدىدا نېمىنى، كەينىدە نېمىنى يېزىش، ئابزاس، بۆلەكلەرنى قانداق ئايرىش، سۆز - جۈملىلەرنى قانداق تاللاش، تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق ئىشلىتىش، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىم بېرىپ ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش، كۆرسىتىلگەن ئۈلگە ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، تېشىدىن ئىچىگە، ئىچىدىن تېشىغا ئۆتۈش، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشى، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ خۇلاسە چىقىپ شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش - ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىگە باشلاپ كىرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىقنى مەشىق قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى يېزىقچىلىقنى باشلاشتىن بۇرۇنقى پائالىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن،  ئەڭ مۇھىمى يازغاندىن كېيىنمۇ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ،  ماقالىگە ھەر جەھەتتىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، باھالاپ ۋە مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇلاسە چىقىرىپ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلھام بېرىش، بۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ماقالىلىرىدىكى خاتالىق ئادەتتە لوگىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مۇنۇ ئىككى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ. بىرى، گرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ لېكىن مەزمۇنى لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى مۇۋاپىق سۆز جۈملىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەسلىك ياكى ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزلەرنى تاپالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئالدىنقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ باغلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان بولىدۇ. كېيىكى ئەھۋالدا سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمىگەن بولىدۇ. بۇ خىل يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گرامماتىكىلىق بىلىمى بىلەن تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. 
  شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش پائالىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكتە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەپسىلىي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تەپسىلىي يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى سەۋىيە جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشىراق بولغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. سەۋىيىسى تۆۋەنرەك بولغان ئوقۇغۇچلارغا نىسبەتەن پەيدىنپەي يۈكسىلىش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلىدىغان نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى