بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەرنى ئوقۇتۇشتىكى بىر مەسىلە

مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەرنى ئوقۇتۇشتىكى بىر مەسىلە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:32:01    كۆرۈلۈش سانى : 254  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەرنى ئوقۇتۇشتىكى بىر مەسىلە

  ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر ئالدى بىلەن  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن پەقەت مۇستەقىل سۆزلەرلا ھەم لېكسىكىلىق ھەم گرامماتىكىلىق مەنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. مەسىلەن:
  >ئوقۇغۇچىلا كەلدى< دېگەن جۈملىدىكى >ئوقۇغۇچىلار< ئوقۇش كەسپى  بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى بىلدۈرىدۇ. >كەلدى< كېلىش ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، >ئوقۇغۇچىلار<—  ئىسىم، كۆپلۈك سان، باش كېلىش، ئىگە قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرسە، >كەلدى<— پېئىل ئەسلىي  دەرىجىسى، بولۇشلۇق، ئاددىي ئۆتكەن زامان، ئۈچىنچى شەخس، خەۋەر قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق مەنىلىرىدۇر.
  ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى سۆزلەر لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى، جۈملە ئىچىدە مۇستەقىل ۋە ئاددىي جۈملىلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ،  ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى تولۇقلاش ۋە روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،  قوشۇمچە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدۇ. ياردەمچى سۆزلەر ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە ئەمەس، باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى بىلەنمۇ تۈرلەنمەيدۇ، ياسىغۇچى، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بولمايدۇ، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى  بولمايدۇ، مەسىلەن:
  مەملىكىتىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.ھاۋا تۇتۇلدى، بىراق يامغۇر ياغمىدى. سىلەر تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇ مېنى كۆردى - دە، خۇشاللىقىدىن تۇرۇپلا قالدى. بۈگۈنكى يىغىندا ئۆگىنىشكە دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. مەن بۇ يەرگە ئايروپىلان بىلەن كەلدىم.
  يۇقىرىقى مىساللاردىكى >ۋە، ھەمدە، بىراق، مۇ، دە، دائىر، بىلەن< قاتارلىقلار لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەي، پەقەت تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆزلەردىن ئىبارەت.
  بىز دەرس تەييارلاش باسقۇچىدا، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىكتىكى >مۇستەقىل سۆزلەر ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلىتىدۇ…<، >ياردەمچى سۆزلەر ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلاتماي، پەقەت جۈملىدىكى سۆزلەرنى بىر - بىرى بىلەن باغلاپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئېنىقلاش ياكى ئۇلارنىڭ مەنىلىرىگە قوشۇمچە مەنە بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ< دېگەن ئىككى نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەنە قانداق مەنە ئىكەنلىكىنى  ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى توغرا ۋە ئەتراپلىق بولدى. دەرسمۇ ياخشى ئۆزلەشتى.
 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى