ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقىدا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىككى مەسىلە
باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقىدا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىككى مەسىلە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:30:56 كۆرۈلۈش سانى : 463
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقىدا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىككى مەسىلە
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملاسىنى ياخشىلاش ۋە راۋان ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملاسىنى ياخشىلاش )توغرىلاش( باشلانغۇچ مەكتەپ 1 - يىللىقىدىن باشلىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ھەرپ شەكىللىرىنى چوقۇم توغرا، رەتلىك، چىرايلىق، ئېنىق يېزىش تەلىپىنى قويۇش كېرەك. باشلانغۇچ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى مەكتەپ يۈزى كۆرگەچكە ئۇلاردا جىم ئولتۇرالماسلىق ياكى رەسىملەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى چوقۇم ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىش مەشقى دەپتىرىنىڭ چىرايلىق، توغرا، پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ئەڭ ياخشىسى ئۆچۈرگۈچنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم خەتنى چىرايلىق، ئىملانى توغرا يېزىش كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكۈچى، ئوقۇغۇچى ئۆگەنگۈچى. بولۇپمۇ 1 - يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىملاسى توغرا، خېتى چىرايلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان بولۇشى كېرەك. يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى دەرس مەزمۇنىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە بېرىلىپ كېتىپلا، خەتنى چىرايلىق، ئىملانى توغرا يېزىشقا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. بۇ چاغدا يۇقىرى يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، ئىملا خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا مەسىلىسى تۆۋەن يىللىقلاردىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى يىللىقلاردىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مەسىلە. ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇنىڭغا سەل قارىماي، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىملا خاتالىقى ۋە خەت شەكلىنىڭ ناچارلىقىنى تۈزىتىش چارىلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئۇلارنىڭ سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنەلىسە، ئاندىن شۇ تېكىست توغرىسىدا سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇنداقلا شۇ تېكىستكە ئاساسەن بىرەر ئابزاس ياكى پارچىلارنى يازالايدىغان بولىدۇ. شۇڭا )باشلانغۇچ( ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قابىلىيىتى باشلانغۇچ 1 - يىللىقتا 32 ھەرپنى تولۇق ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتە يېتىلىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتۇش ساۋاتى چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قابىلىيىتى يېتىلىپ ساۋاتى چىققاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك ئوقۇش مەشقى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. 1. ئۈنلۈك ئوقۇش — بۇ، باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2. دىئالوگلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇش — باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىقىدا تېكىستنى باشتىن - ئاخىر بىر خىل ئاھاڭدا ئوقۇش ئەھۋالى ئېغىر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا ھەر بىر پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، شۇ خىل تەلەپپۇزدا ئوقۇشقا يېتەكلەش. 3. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش — شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشتا باشلانغۇچ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا ھەتتا قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ بىرخىل ئاھاڭدا، يېقىمسىز دېكلاماتسىيە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئاۋۋال ئۆزلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، كۆپرەك ئابدۇقېيىم ئىمىنغا ئوخشاش شېئىرنى ياخشى ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ شېئىر ئوقۇش ئۇسلۇبىدىن ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش كېرەك. 4. باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل يېتەكچىلىرى، سۆزلەش ۋە پىكىر قىلىشنىڭ ئاساسچىلىرى. شڭا ئوقۇتقۇچىلار تىل - ئەدەبىيات دەرس سائىتىدە چوقۇم ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلەشنى ئادەت قىلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلىش كېرەك. چۈنكى بالىنىڭ تىلى باشتا پۈتۈن، راۋان چىقسا، چوقۇم كەلگۈسىدە ئاجايىپ پىكىرلەرنى قىلالايدىغان بولىدۇ. |
|