بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىكى تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنى ئوقۇتۇش توغرىسدا

ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىكى تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆزلەرنى ئوقۇتۇش توغرىسدا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:35:35    كۆرۈلۈش سانى : 817  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

  تۈپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتىكى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئىگىلەش ياكى ئىگىلىيەلمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىراق، ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان >ئۇيغۇر تىلى< دەرسلىكىدە بۇ بىر مۇھىم نۇقتا ئۈچۈن پەقەت >ئايرىم تۇرغاندا مەنە ئاڭلىتىدىغان، مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەيدىغان سۆزلەر تۈپ سۆز؛ تۈپ سۆزلەرگە تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدىغان، مەنىلىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدىغان سۆزلەر ياسالما سۆز؛ بىر تومۇردىن تۈزۈلگەن سۆزلەر تومۇرداش سۆزلەر دېيىلىدۇ< دېگەن قائىدىلا بېرىلگەن. 
  ناۋادا دەرسنى دەرسلىكتىكى مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچىلا ئۆتىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار >قىز، قىزچاق، قىزغىن، قىزىل، قىزغان، تام )ئىسىم(، تامچى، تامغا، تامبال،  تەمەگەر، تامغاق، ئىش، ئىشچى، ئىشقى، ئىشپىيۇن، ئىشان< دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تومۇرداش ياكى ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالماي بۇ خىلدىكى سۆزلەنىڭ تۈپ سۆز ياكى ياسالما سۆز ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ. 
  ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگەندە تۈپ سۆز بىلەن ياسالما سۆزنى ئايرىشتا زادى نېمىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك؟ 
  بىز تۆۋەندە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز چۈشەنچىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. 
  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن قارىغاندا چوڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. بىرى تۈرلەنمەيدىغان سۆزلەر، يەنى سۆز تۈرلىگۈچى مەخسۇس قوشۇمچىلىرى يوق سۆزلەر. بۇنداق سۆزلەردىن ھەرقانداق ۋاقىتتا يېڭى مەنىلىك سۆز ياسالمايدۇ. ئىككىنچىسى تۈرلىنىدىغان سۆز يەنى سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا ئىگە  سۆزلەردۇر. بۇنداق سۆزلەر جۈملىدە گرامماتىكىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، تۈرلۈك شەكىللەردە قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ تۈرلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭلاشقا بۇنداق سۆزلەرنى تومۇر ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا ئاجرىتىش مۇمكىن. سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلىتىدىغان قىسمى ئاساس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدە سۆزلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ سىنتاكىسلىق خىزمەت قىسمى قوشۇمچە  دەپ ئاتىلىدۇ.
  ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ تۈپ ياكى ياسالما ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، شۇ سۆزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يەنى شۇ سۆزنىڭ ئاساسىي  گەۋدىسى ھېسابلانغان قىسمىنىڭ مەنىسى بىلەن يېڭىدىن قوشۇلغان قىسمى بىلەن بىرىكىپ ئاڭلاتقان >يېڭى مەنىسى< نىڭ مۇناسىۋىتىگە قارايمىز. ئەگەر >تومۇر< دەپ قارالغان قىسىمنىڭ مەنىسى بىلەن قوشۇمچە  قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسىغاندىكى مەنىسىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا بۇنداق سۆزلەرنى تۈپ سۆز دەيمىز. 
  مەسىلەن: >قىز< دېگەن سۆز بىلەن >قىزغىن، قىزىل< دېگەن سۆزلەرگە قاراپ باقايلى:
  >قىز< دېگەن سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى — ياش جەھەتتىن كىچىكرەك بولغان ئايال جىنىسلىقلارنىڭ بىر خىلىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى  >قىزغىن< دېگەن سۆز لېكسىكا جەھەتتىن >تەشەببۇسكار< دېگەن مەنىنى >قىزىل< دېگەن سۆز رەڭنىڭ بىرخىل تۈرىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، >قىز<
   دېگەن سۆز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق مەنە ئىپادىلەپ كەلگەن شۇڭا بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ھەممىسى تۈپ سۆزلەردۇر. 
  ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بەلگىلىك سۆزنىڭ ئاساسىي  گەۋدىسى ھېسابلانغان قىسمىنىڭ مەنىسى بىلەن >يېڭىدىن قوشۇلغان< قىسمى بىلەن بىرىكىپ ئاڭلاتقان مەنىسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ياكى ئىچكى باغلىنىشى بولسا بۇنداق سۆزلەرنى ياسالما سۆز دەيمىز. 
  مەسىلەن: >تام< دېگەن سۆز  ئىسىم بولۇپ >تامچى< دېگەن سۆز ئاشۇ تامنى بىنا قىلغۇچى ئادەمنى،   >تامچىلىق< دېگەن سۆز ئاشۇ تام ياساش ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ناملىرىنى  بىلدۈرىدۇ. شۇڭا >تامچى<،  >تامچىلىق< دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى  >تام< دېگەن تومۇرغا   >چى، چىلىق< قاتارلىق قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىن كېيىن، ياسالغان ياسالما سۆزلەردۇر. ئەمدى ئۇلارغا يېقىن بولغان  >تامغا< سۆزمۇ ئىسىم بولۇپ  >مۆھۈر< ياكى  >بىرەر شەخسنىڭ ۋە ئورۇننىڭ ئىسپاتى< دېگەن مەنىنى،   >تامبال< دېگەن ئىسىممۇ كىيىمنىڭ بىر خىلىنى بىلدۈرىدۇ.  بۇ مەنىلەر بىلەن ئەسلىدىكى تومۇر ھېسابلانغان >تام< نىڭ مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەنە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇلار تۈپ سۆزدۇر. سۆزلەرنى سۆز مەنىسى جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، >تومۇر< )ئاساس( دەپ قارالغاندىكى مەنىسى  بىلەن >قوشۇمچە< دەپ قارالغان قىسىمى ئۇلانغاندىن كېيىنكى >يېڭى مەنىسى<نىڭ باغلىنىش - باغلانماسلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسسىدا ئايرىشىمىز كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى