تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:28:15 كۆرۈلۈش سانى : 340
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. ئۈنلۈك ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇتۇش باشتىن - ئاخىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىش قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەگەر بۇ قىممەتلىك دەۋردىكى ئۈنلۈك ئوقۇش ئارقىلىق بىلىم توپلاش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىلىدىكەن ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاز بولمىغان بىلىملەردىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئۈنلۈك ئوقۇش ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئۆز كۆز قارىشىنى توغرىلاپ، ئۈنلۈك ئوقۇشقا سەل قاراش خاھىشىغا خاتىمە بېرىشى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يۈزلەندۈرۈشى، بولۇپمۇ بىر قاتار ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. مېنىڭ قارىشىمچە مۇنداق بىرقانچە خىل ئۇسۇلنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ: 1. ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى ئۈنلۈك ئوقۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش تىلى گۈزەل، ئوبرازلىق، ئۇسلۇبى نادىر ئەسەرلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇش — ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، خۇشال كەيپىيات يارىتىدىغان بىرخىل پسىخىكىلىق پائالىيەت جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىشتىكى رولى ناھايىتى زور. ئامېرىكا پسىخولوگى برونى: >ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى قوزغاتقۇچىسى يەنىلا ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىغا بولغا قىزىقىشتىن ئىبارەت. ئەكسىچە، دەرىجىگە ئېرىشىش ۋە كېيىنكى رىقابەت تەدبىرلىرى قاتارلىقلار سىرتتىن تېڭىلغان نىشاندىن ئىبارەت< دېگەنىدى. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات ماتېرىياللىرىى تەركىبىگە 70% ئەتراپىدا مەزمۇنى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئۇسلۇبى گۈزەل نادىر ئەسەرلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئەسەر ئاپتورلىرى گۈزەل تىل، مول تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر بەدىئىي تەپەككۇرلىرى ئارقىلىق گۈزەل كارتىنىلارنى سىزىپ جانلىق بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۈنلۈك ئوقۇش ئوقۇتۇشىدا پسىخىكىلىق گۈزەللىك ئامىللىرىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرالمايۋاتقان بۇ ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە ھېسىيات جەھەتتىكى ھۇزۇرلىنىش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان، جانلىق، ھەرىكەتچان بىر ئوقۇتۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مانا بۇ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىدۇر. 2. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش پۇرسىتى بېرىش. پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، قىزىقىش بىلەن نەتىجە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار بىر - بىرگە تايىنىدۇ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. مەلۇم تەرەپتىكى قىزغىنلىق كىشىلەرنى تۈرلۈك تۈمەن مۈشكۈلاتلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شەرىپىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇشىنى ئۆگىنىشىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىغا توغرا باھا بېرىپ، ئۇلارنى تەقدىرلىشى ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشى ئۇلارنىڭ ئاھاڭ ۋە ھېسسىياتلىق ئىپادىلەش جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى ھەمىشە نەتىجىگە ئېرىشىش ۋە ئالغا بېسىش شادلىقىغا چۈمدۈرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ خىل يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ. 3. ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش يولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاش. ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان دىئالېكتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شارائىت ئادەتتە ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شارائىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل شارائىتلار قانداق يارىتىلىدۇ؟ ئادەتتە ئۆگەنگۈچىنىڭ سۇبيېكتىپ ھالىتى، ئەقلىي قابىلىيىتى قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە بۇرۇن قوبۇل قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار سۇبيېكتىپ شارائىتنى شەكىللەندۈرسە تەبىيىلىگۈچىلەر ۋە تەربىيىلەش ئەسلىھەلىرى جۈملىدىن تەربىيىلەشكە ئالاقىدار قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللار قۇرۇلۇشى ھەمدە ئۆگەنگۈچىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى قاندۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئوبيېكتىپ شارائىتى شەكىللىنىدۇ. |
|