بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش

تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:25:09    كۆرۈلۈش سانى : 482  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يېڭى دەرسنى باھالاش ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باھالاش سىستېمىسى، دەرسنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بابتا تىل ـ ئەدەبىيات دەرسنى باھالاش جەريانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى باھالاش مەسىلىسى ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى )سىناق تەرىقىسىدە يولغا قوۇلىدۇ(دا مۇنداق دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلدى؛ باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلەردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى تەلەپلىرىنى بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشىغا، ئۆزىگە ئىشىنىشنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىش؛ باھالاشنىڭ تەلىم ـ تەربىيە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يۇقىرىقى تەلەپكە ئاساسەن، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش باھالاش ئىسلاھاتى جەھەتتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.
1. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش قارىشىنى يېڭىلاش 
(1) باھالاش فۇنكسىيىسىنى ئىنسان تەبىئەتلەشتۈرۈش 
يېڭى دەرستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئاساس قىلىنغان قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. بۇ ھال ئوقۇتۇشنى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەتراپلىق ۋە ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا قارىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئوقۇشنى باھالاشنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنى باھالاشنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نىشانىغا يېتىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە ياخشىلاش، دەرسنىڭ لايىھىلىنىشىنى ياخشىلاش، ئوقۇتۇش جەريانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئاكتىپ باھالاشنى تەشەببۇس قىلىش، پاسسىپ باھالاشنى چەكلەش لازىم؛ باھالاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش فۇنكسىيىسىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىلھام بېرىش لازىم؛ ھەربىر ئوقۇغۇچى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالغا بېسىش تۇيغۇسىنى ئويغىتىش لازىم؛ ئوخشىمىغان تۈر، ئوخشىمىغان نىشاننى لايىھىلەپ چىقىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆزىنىڭ ىيورۇق نۇقتىسىنى تاپقۇزۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرقنى ئېتىراپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان باشلىنىش نۇقتىسىنى نەزەرگە ئېلىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالغا بېسىشىنى تەھلىل قىلىشقا دىققەت قىلىش؛ نومۇر سانىنى ئىسىم رېتىنى ئېلان قىلىشتەك ئۇسۇللارنىڭ سەلبىي ئەسىر پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش، باھالاش تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا ئازار بېرىپ قويماسلىق لازىم. 
(2) باھالاش شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش 
ئوقۇغۇچىېرنىڭ ئوقۇشىنى باھالاشنى ئۈنۈم ۋە شەكىل جەھەتتىن نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات يېڭى دەرسىنى ئوقۇشىنى باھالاشتا ھەر خىل باھالاشلار ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلاشقا دىققەت قىلىپ، نىشاندىن پايدىلىنىپ باھالاش بىلەن نورمال ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ باھالشنى ۋە شەخسلەر ئارا پەرقلىق باھالاش، دىئاگنوز خاراكتېرلىك باھالاش ۋە شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالاش، ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى باھالاش، مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش بىلەن سۈپەت خاراكتېرلىك باھالاش قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق تەتبىقلاش لازىم. 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە كۆرسىتىلگەن پرىنسىپنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىمىز لازىم - شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى باھالاش زۆرۈر. لېكىن، شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالاشنى كۈچەيتىش لازىم. يېتىلىشنى خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش جەريانىنى ۋە نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ماتېرىياللارنى، مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى ۋە قىزىقىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى توغرىسىدىكى خاتىرە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ئويلىنىشى ۋە يەكۈنى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ باھاسى، ئاتا ـ ئانىلاردىن كەلگەن ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن يىغىش لازىم. 
خاراكتېرىنى بېكىتىپ باھالاش بىلەن مىقدارىنى بېكىتىپ باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش، خاراكتېرىنى بېكىتىپ باھالاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئارخىب ماتېرىيالللىرىنى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆەىنىشتىكى تەرەققىياتىنى ۋە يېتەرسىزلىكىنى توغرا بايان قىلىشى، ھەمدە تەكلىپ بېرىشى؛ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە پاكىتلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى باھالىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىپادىسى توغرىسىدا ئىلھاملاندۇرۇش، تەقدىرلەش قاتارلىق باھالاشنى ئاساس قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى باھالاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىش، ئىمكانقەدەر ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەش لازىم. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى كۆپ ئامىللاردىن ھاسىل بولغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەت. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە مەشغۇلات نۇقتىسىدىن ئۈچ ئۆلچەم )بىلىم ۋە قابىلىيەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشى( ۋە بەش تەرەپ )خەت تونۇش - خەت يېزىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش(تە ئايرىلدى، ھەمدە ھەر قايسى باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئوخشاش بولمىغان باھالاش ئامىللىرىمۇ باھالاش قورالى ۋە باھالاش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 
(3) باھالاش سۇبيېكتىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى 
ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە مۇھىتتا دەرسلىكنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋە ئوقۇتۇش سۇبيېكتىلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دەرس باھالاشتا ئوقۇتقۇچى باھالاش، ئوقۇغۇچى ئۆز ـ ئۆزىنى باھالاش، ئوقۇغۇچىلار ئارا باھالاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنىمۇ ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش لازىم. باھالىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلاپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى باھالاشقا پەقەت ئوقۇتقۇچى قاتنىشىدىغان خاھىش ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دەرس باھالاشتىكى سۇبيېكىتلىق ئورنى تىكلەندى. بۇنداق باھالاشنىڭ ماھىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۇبيېكتى بولۇشتىن ئىبارەت ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش قارىشىنى بىر ياندىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش جەريانىدىكى باھالاش سۇبيېكتى بولۇش ئورنى تىكلەنمىسە، ئۇلار ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى بولالمايدۇ. 
مىسال: 
باھالاش: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇش - شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى باھالاش ئىسلاھاتىدىن نەزەر 
ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش جەھەتتە تەرەققىيات خاراكتېرى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئۆتكەنكى كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا بىلىم ۋە ماھارەتكە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ھالەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ۋە ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆزىتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تۇرغۇزغان يېتىلىش خاتىرىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى باھالىشى، ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت خاتىرىسى، تەنتەربىيە ۋە ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيەتلىرى خاتىرىسى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆزىتىشى ۋە باھالىشى، ئاتا ـ ئانىلىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار، ئىمتىھان ۋە سىناق ئۇچۇرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئىپادىسىگە ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئاز ـ تولا ئالغا بېسىش ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى ۋە نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا توپلاشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىپادىسىگە نىسبەتەن، بەزى مەكتەپلەر قىزىقارلىق ئالامەت خاراكتېرىدىكى باھالاش، يىغىنچاق ۋە مەزمۇنلۇق قىسقا باھالاش، دەرسخانىدا كۆزىتىپ ئىدراكلىق باھالاش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللاندى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا دوستانە تەلەپپۇز، ھوزۇرلىنىدىغان نەزەر ۋە مەسلىھەتلىشىدىغان تىللارنى ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز ـ تولا ئالغا بېسىشنى ۋە ئۆزگىرىشىنى دەرھال باھالاپ بىلدۈرۈپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش خاراكتېرىدە باھالاش ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش داۋامىدا ئۆگىنىشنى ئۆگىتىپ، ئوقۇتۇشنى باھالاشنى ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى باھالاش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە قارايتتى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىمتىھان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ماقۇللىغاندىن كېيىن ئىشلەتتى. سوئال لايىھىلەشتە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكىدىن گەۋدىلەندۈردى؛ ئاساس بىلىملەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى؛ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى؛ بىردىنبىر جاۋابنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلمىدى. بىلىم بىلەن گۇمانىتارلىقىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا ئەھمىيەت بەردى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش ئالاھىدىلىكىنى ۋە قىزىقارلىق بولۇشنى ئىپادىلىدى؛ ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىكىگە ئەھمىيەت بەردى؛ ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشنى خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتتى. ئىمتىھان ئېلىش شەكلىدە قەغەز ـ قەلەم بىلەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا، ئاغزاكى ئىمتىھان، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش، نەتىجىنى نامايان قىلىش، تەجرىبە مەشغۇلاتى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئىمتىھان بېرىشىگە يول قويدى. 
2. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنى باھالاشنىڭ كونكرېت تەلەپلىرى
(1) تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىۋېرساللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى ئۇنىۋېرساللىقى ناھايىتى كۈچلۈك دەرس بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىمۇ كۆپ خىل ئامىللاردىن ھاسىل بولغان ئورگانىك بىر پۈترۈنلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر پۈتۈنلۈك ئاساسلىقى مۇنۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنى باھالاشنىڭ مەزمۇنىدىن خەت تونۇش - خەت بېرىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق )جۈملىدىن سۆزلىگەننى يېزىش، يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىش(، ئاغزاكى ئالاقە ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇرۇنقىدەك ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىقنىلا باھالاشقا بولمايدۇ، باھالاش ساھەسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دائىرىسى بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن چەكلەنمەيدۇ. جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشىنى ئەتراپلىق باھالاشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، باھالاش ھەم بۇ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى نامايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھۆكۈم قىلىدۇ، ھەم بۇ نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن كۆپ خىل ئامىللارنى ۋە ھەرىكەت جەريانىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدۇ؛ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلغان تەرىپىنى كۆرىدۇ، ھەم ئۇلاردىكى مۇددىئا، قىزىقىش، ھېسسىيات، پوزىتسىيە، ئىرادە مىجەز قاتارلىق غەيرىي ئىقتىدار ئامىللىرى تەرىپىنىمۇ كۆرىدۇ. 
(2) تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ باشلاش خاراكتېرىگە ۋە قوزغىنىش خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بېرىش 
تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتە تەربىيىلىنىشى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشكە، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۆمۈرۋايەت تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىلىم ۋە ماھارەت، ئىستىراتېگىيە ۋە ئۇسۇل، ئەقىل ۋە قابىلىيەت، ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيە، پەزىلەت ۋە كىشىلىك خىسلەت قاتارلىق جەھەتلەردىن توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاشقا ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىش، ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ستراتېگىيىلىك ئۆگەنگۈچىلەر قىلىشى لازىم. 
(3) تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ جەريان خاراكتېرىنى ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى بىلىش، مۇھەببەت، خىسلەت ئومۇميۈزلۈك قاتناشتۇرۇلغان تەرەققىيات جەريانى بولۇپ، بىلىمنى ئەقىلگە، ھەرىكەتنى تەربىيىلەشكە، مەدەنىيەتنى پەزىلەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈزلۈكسىز جۇغلاش ۋە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇشۇنداق جەريان خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنداق نەتىجە شەكىللىنىشنىڭ جەريانىغا ئارىلىشىش كېرەك؛ نەتىجىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن سەۋەب ۋە ئامىللارنى بايقاشقا ھەمدە تەڭشەپ كونترول قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ھاسىل قىلىدىغان ئۆتكەل لەرنى ياخشى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدىكى توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ مەقسەتكە يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى نەتىجىنى مۆلچەرلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. نىشانغا قىستاپ كەلگەن جەرياندا قەدەممۇ قەدەم باھالاپ بارلىققا كەلتۈرگەن يېتەكچىلىكنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈشى لازىم. ئورۇن بەلگىلەش خاراكتېرىدىكى باھالاش، دىئاگنوز خاراكتېرىدىكى باھالاش، شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالاش، يەكۈنلەش خاراكتېرىدىكى باھالاشنىڭ ئوخشىمىغان رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشىمىغان تۈردىكى باھالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم. جەريانغا ئەھمىيەت بەرگەندە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە باھالاشنى پۇختا ئاساسقا قۇرغىلى بولىدۇ؛ نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرگەندە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. 
(4) تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ قاراتمىلىقىنى ۋە قۇرۇلمىلىقىنى كۈچەيتىش 
تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات جەھەتتىكى ساپاسىنى راست، ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى نىشانلىق ئوق ئاتقان ھالدا يېتەكلەش ئۈچۈن، باھالاشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە پايگېنىڭ تەجرىبىسى ئىسپاتلىدىكى، ھەممىسى ئوخشاش باھالاشقا ياكى باھالىماسلىققا سېلىشتۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى كۆزدە تۇتۇلغان قاراتمىلىققا ئىگە باھالاش تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئاساسىي مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش، تىلنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويۇشتىن، مەنىسىز گەپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. 
بىزگە مەلۇمكى، كۇبا ۋە لىنكولىن ۋە تىللىدىكى تۆتىنچى ئەۋلاد مائارىپنى باھالاش ئالىملىرى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى مۇلازىمەتتە، مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ۋە قىزىقىشلارغا، جاۋاب قايتۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش لازىم، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار باھالاشنى باھالىغۇچىلار بىلەن باھالانغۇچىلار كېڭىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پىسخىكا قۇرۇلمىسى، دېموكراتىك كېڭىشىش، سۇبيېكتىنىڭ قاتنىشىش جەريانى بولۇپ، باھالىغۇچىلا باھالانغۇچىلارنى كونترول قىلىش جەريانى ئەمەس؛ ئوقۇغۇچىلارمۇ باھالاشنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە سۇبيېكتىلىرى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. بۇنداق باھالاش تەشەببۇسى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشقا ئىلھام بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ماتېرىياللىرىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىدىكى مەسىلىلىرىنى ۋە زىددىيەتنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەنەنى ھەقىقىي بەرپا قىلدۇرۇش دەسلەپكى بىلىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۈرىدۇ. 
(5) تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ پەرقلىقلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئىپادىلەش 
بۇرۇن تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ئۆلچە ۋە باھالاشنىڭ بىرلىكى ۋە ئوخشاشلىقىدىن ئىبارەت بىر تەرىپى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقلىق ۋە ئايرىمىلىقتىن ئىبارەت بىر تەرەپكە سەل قارالغانىدى. تىل ـ ئەدەبىيات يېڭى دەرسىدە تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىدىكى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش ئىجادچانلىق تەكىتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن مۇستەقىل ئوقۇيالايدىغان بولۇش ۋە يېزىقچىلىق قىلالايدىغان بولۇشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىۋىدۇئاللاشقان ئۆگىنىش تەلىپىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىندى. شۇڭا، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن جاۋابنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. تىل ـ ئەدەبىياتنى باھالاشتا ئېچىۋېتىلىشنى تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ نۇقتا، كۆپ يوللار بويىچە پىكىر قىلىشىغا ئىلھام بېرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بىردىنبىر جاۋاب بىلەن بوغۇپ قويماسلىق لازىم؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە ۋە بايقاشقا، ئۆزىگە خاس پىكىر بىلەن ۋە قاراشقا ئىگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. 
تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. تىل ـ ئەدەبىيات يېڭى دەرسىدە تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى تەكىتلەندى، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش داۋامىدىكى ھېسسىياتنىڭ رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى. تىل ـ ئەدەبىيات جۇغلاشقا، تىل تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى سەزگۈ ۋە ھېسسىيات چۈشىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلدى. شۇڭا، مىقدارلاشتۇرۇلغان ۋە ئوبيېكتىپ باھالاش تىل ـ ئەدەبىيات باھالاشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى بولالمايدۇ. خاراكتېر بېكىتىپ باھالاش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك بىلىم ئىگىلىگەنلىكىنى مىقدارلاشتۇرۇلغان ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرمەسلىك، بەلكى تەسۋىر خاراكتېرلىك ئۇسۇلنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ باھالاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق باھالاش لازىم. بولۇپمۇ مىقدارلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان جايلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نومۇر سانى بىلەنلا ئىپادىلىمەسلىك لازىم. 

3. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشتىكى ئۇسۇل ئۆزگىرىشى
ئوقۇتۇشنى باھالاشنىڭ يېڭى ئىدىيىسى ۋە تەلىپى باھالاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا چاقىرىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە: سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن باھالاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، سۈپەت جەھەتتىن باھالاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مىقدارلاشتۇرۇشنى ۋە ئوبيېكتىپلاشتۇرۇشنى تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنى باھالاشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدۇ. تىل ـ ئەدەبىياتنى باھالاشتا جۇۋالچاقلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 
ناھايىتى روشەنكى، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى يېڭى باھالاشتا سۈپەت باھالاش تەشەببۇس قىلىندى. مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىندى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سۈپەت باھالاش تەبىئەت دۇنياسىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، باھالاش ئوبيېكتىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىق، تولۇق ئېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنىنى ئىپادىلەپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل باھالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش بولسا، مۇرەككەپ تەلىم ـ تەربىيە ھادىسىلىرىنى ۋە دەرس ھادىسىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سانغا ئايلاندۇرۇشنى، ئاندىن سانلارنى تەھلىل قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مەلۇم باھالاش ئوبيېكتىنىڭ ئۈنۈمىگە ھۆكۈم قىلىشنى مەقسەت قىلغان باھالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئەمىسە، باھالاشنىڭ قايسى ئۇسۇلىنى تاللايمىز ۋە تەتبىقلايمىز؟ 
(1) كۈندىلىك ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاش
ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئەدەبىيات ئۆگىنىشىدىكى كۈندىلىك پائالىيىتى ۋە ھەقىقىي ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىختىيارى سۈپەت خاراكتېرىدىكى باھالاشتىن ئىبارەت. بۇنداق باھالاشنىڭ ھەقىقىي ھالىتى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتىدىغان دەرسخانىدا بولسىمۇ، ئائىلىدىكى ئۆگىنىشتە بولسىمۇ، ھەتتا دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىشنىڭ ھەر قانداق ھالىتىدە بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئاتا ـ ئانىلار، باشقا ساۋاقداشلار، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى بۇ ىىل باھالاشنىڭ سۇبيېكتى بولسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ خىل باھالاشنىڭ شەكلىدە رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالاش سۆزلىرى، ھەرىكەتلەر )جۈملىدىن( چاۋاك چېلىش، روھىي قىياپەت، چىراي ئىپادىسى(، ماددىي بۇيۇم، سىموۋول خاراكتېرلىك بۇيۇم )مەسىلەن، قىزىلگۈل، بەش يۇلتۇز( ياكى بەلگە بولسىمۇ بولىدۇ؛ ئەنئەنىۋى ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشكىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق باھالاشنىڭ ئوبيېكتىپى يالغۇز ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپى بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. 
ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاش تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ خىل باھالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. 
(1) باھالاشنىڭ مەسىلە خاراكتېرلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشى كۆپىنچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش - مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش - مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىش - مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىبارەت مەسىلە ھالىتىدە داۋاملىشىدۇ. مەسىلە ھالىتىدىكى تۆت باسقۇچقا كىرگەندە ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاشنى قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ئوقۇغاندا قىممەتكە ئىگە بىرەر مەسىلىنى بايقاپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان پىكىر يولى توغرا بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئۆزى تاپسا، ھالەت خاراكتېرلىك باھالاشنى قوللىنىشقا بولىدۇ. 
(2) باھالاشنىڭ شۇ زامانلىقى. ئوقۇغۇچىلار تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ ھەر بىر كونكرېت ھالقىسىدا، مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار دېكلاماتسىيە قىلغان، سوئال سورىغان، سوئالغا جاۋاب بەرگەن، پائالىيەت قىلغان چاغلاردا ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاشنى ھەقىقىي ھالەتتىكى شۇ زاماندىلا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بۇ شۇ زاماندىلا باھالاش تېخىمۇ قاراتمىلىققا )ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم پەرقلىرىگە قارىتىش، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە قارىتىش قاتارلىقلارغا(، تېخىمۇ ھەقىقىي ئۈنۈملۈككە ئىگە بولىدۇ. )ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى ئۆز ۋاقتىدا تەڭشىگىلى، ئۇيۇشتۇرغىلى، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ(. شۇڭا، ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاش باشقا كېچىكتۈرۈپ باھالاش )مەسىلەن، ئۇنىۋېرسال باھالاش، باسقۇچلۇق باھالاش(لاردا بولمىغان ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. 
(3) باھالاشنىڭ جانلىقلىقى. ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاشنى تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ ھەر قانداق ھالىتىدە قوللىنىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تىل ـ ئەدەبىيات جەريانىدىكى ھەر قانداق ھالقىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم قوللىنىشقا بولىدۇ، ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، ھەر قانداق ئوقۇغۇچىغا قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنداق باھالاش تېخنىكىسىنىڭ جانلىقلىقىنى ھەر قانداق باھالاش تېخنىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. 
(4) باھالاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرى. ھالەت خاراكتېرىدىكى باھالاش ھەقىقىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن ئۇنىڭ رولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، تەرەققىيات ئىقتىدارىدىن ئىلھام بولىدۇ. ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقىنى قوغدايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەپەككۇر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە قوزغايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقتىن ئۇزۇنغىچە ساقلايدىغان قىلىدۇ، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرەپ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش، ھەمكارلىشىشىغا خېلى چوڭ ئىلھام بېرىش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. 
(2)ئارخىب خالتىسىنى باھالاش 
ئارخىب خالتىسى باھالاش ئادەتتە يېتىلىش خاتىرىسى ياكى ئۆگىنىش ئارخىب ماتېرىيالى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە ھەر كىمنىڭ ئۆز قارىشى بولىدۇ. سېمانتىكا تەھلىلىدىن قارىغاندا، ئارخىب خالتىسىنىڭ ئېنگلىزچىسى Portfolio دېيىلىپ، تىپىك ئەسەرلەر تاللانمىسى دېگەن مەنىگە ئىگە. دەسلەپ رەسساملار، ئاندىن كېيىن فوتۇ سۈرەتچىلەر بۇنداق شەكىلنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرىنى توپلاپ، كېلىشىپ تويغا، ھاۋالە قىلغۇچىلارغا كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا تاللانغان ياكى تاپشۇرۇلغان نەرسىلەرنى ئارخىب خالتىسىنى كۆرسەتكۈچى ئۆزى ئىجاد قىلغان. بۇنداق ئۇسۇل مائارىپتا قوللىنىلدى. ئارخىب باھالاپ بېكىتىشمۇ ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرىنى نۇسخىلىرى توپلاندى. لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئالغا بېسىش ئەھۋالىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. 
سۈپەت خاراكتېرلىك باھالاشنىڭ تىپىك باھالاش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارخىب خالتىسىنى باھالاش ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئالغا بېسىش ئەھۋالىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياكى ھەمراھلىرىنىڭ باھالاش ماتېرىيالى توپلاندى، خاتىرىلەندى. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى، ئەسلىمىلىرى، ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەييەن دەۋردىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۇنىڭدىكى باھالاشقا ئوخشىمايدۇ، يەنى دەرس - ئوقۇتۇش - باھالاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ئاددىي سىزىقلىق مۇناسىۋەت قىلمايدۇ. بەلكى تۆۋەندىكى سخېمىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئۆزى ھەرىكەت ھالىتىدە ئايلىنىدىغان مۇناسىۋەت دەپ قارايدۇ. ئۇ ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىشتىن ھاسىل قىلغان ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
يېتىلىش خالتىسى بويىچە باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسىي ئۆزگىرىش دەرس، ئوقۇتۇش ۋە باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى كۈندىلىك دەرس ئكتۈش جەريانىدىن ئىزچىللاشتۇرۇش، يەنى نۆۋەتتىكى دەرس پائالىيەتلىرىنى تەتبىقلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشتىكى مەلۇم پائالىيىتى، ئاخىرقى مەھسۇلاتى، مەسىلەن، يازغان تاپشۇرۇق، ماقالە، يازغان دوكلات، مەسىلىنى لايىھىلەش ۋە ھەل قىلىش قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە دائىر ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈپ بېرەلىسە، باھالاشنىڭ ئەھمىيىتىمۇ بولىدۇ. 
ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېتىلىش خالتىسى بويىچە باھالاشنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدىغان قىلىدۇ. چۈنكى، ئەنئەنىۋى مىقدارلاشتۇرۇلغان باھالاشتا مەسىلە لايىھىلەش، جاۋابنى بېكىتىش، نومۇرغا ھۆكۈم قىلىشنى پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەرگىز ئارىلاشمايدۇ. ئارخىب خالتىسى بويىچە باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تەتبىقلاشتىن ئىگە بولغان نەتىجىلىرى تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئارخىب خالتىسىنىڭ مەزمۇنى ئالالايدىغان تەدبىر بەلگىلىگۈچى، ھەتتا ئاساسلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچى بولىدۇ ـ دە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتىگە ۋە ئىلگىرىلىشىگە ھۆكۈم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئارخىب بويىچە باھالاشنى يولغا قويغاندا، ئۇنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكىنى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش بولماستىن، بەلكى ئىلگىرىلىشىنىڭ ئىزچىللىقىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 
ئىشلىتىش مەقسىتى، تاپشۇرۇلىدىغان مەزمۇن ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان ياردەم قاتارلىقلارنى ئاساسەن، ئارخىب بويىچە باھالاشنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تۈرلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە غايە تىپىدىكى يېتىلىش خالتىسى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق يېتىلىش خالتىسىنى لايىھىلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش مۇساپىسى ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارىغا ۋە مۇئەييەن باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغان ئۈنۈملۈك قورال بولىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە ئۈچ قىسىمدىن تەكىب تاپىدۇ: 
بىرى، ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى ئىزاھات بولۇپ، بارلىققا كەلتۈرۈلىدىغان ۋە تۈزۈلىدىغان ھۈججەتلەر ماتېرىيالنىڭ پىلان خاتىرىسىدىن ئىبارەت. مۇشۇ قىسىم يېتىلىش خالتىسىنىڭ مەزمۇنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاللىغان، پىلان تۈزگەن چاغدىكى غايىسى نامايان بولالايدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى يېزىق ياكى سخېما ئۈن ئالغۇ، سىن ئالغۇ قاتارلىقلار بىلەن بولسىمۇ بولىدۇ. 
سىستېمىلىق ئەسەر دېگەندە ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەييەن ئۆگىنىش پىلانىنى ئورۇنداش داۋامىدا ئىجاد قىلغان ھەر خىل تۈردىكى ئەسەرلىرىنىڭ توپلىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەگەر بىر خىل ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى خاتىرە ئوقۇغۇچىنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېيىلسە، يېتىلىش خالتىسىدىكى سىستېمىلىق ئەسەرلەر ئوقۇغۇچى قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، يېتىلىش خالتىسى گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئىشلىتىلگەن خاتىرە، دىسسىرتاتسىيە، شېئىر ـ قوشاق ۋە دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ئېلىنغان ئۈن ئالغۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئويلىنىش خاتىرىسى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ناھايىتى مۇھىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئويلىنىش دېگەندە ئۇلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش جەريانىدا ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، يېتىلىش جەريانىدىكى ئىلگىرىلەش ئىپادىسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان نىشانى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ھەر خىل قاراشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇشۇنداق قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەربىيىلەش ئادىتىمۇ يېتىشتۈرۈلىدۇ. شۇ يىللىق تونۇش ئاخىرلاشقاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ يېتىلىش خالتىسىدىكى ئاخىرقى بىر ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى خاتىرە، قايتا ئويلىنىش ۋە ئاخىرقى ئەسىرىنىڭ تاماملىنىشى ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ ئوقۇش يىلىدىكى يېتىلىش خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. 
مىسال 
مەكتىپىمىزنىڭ يېتىلىش خاتىرە خالتىسى قۇرۇلۇشى 
مەكتىپىمىزنىڭ يېتىلىش خاتىرە خالتىسىدا ۋاقىت چەكلىمىسى بۇزۇۋېتىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇشى سوئال قەغىزى چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئۆتكەنكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئەتراپلىق يىغىنچاق خاتىرىلەندى. شۇنىڭ بىلەن خالتىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى: 
1. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇنقى مۇكاپات ماتېرىياللىرى ۋە شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىش خاتىرىلىرى؛ 
2. ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرۇش )شەخسنىڭ قىسقىچە تارىخى، تەرجىمىھالى(؛ 
3. ھەر بىر پەندىكى ئەڭ ياخشى تاپشۇرۇقى؛ 
4. ئۆزى ئەڭ رازى بولغان بىر پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ۋە ئىككى پارچە ھۆسنىخەت ئەسىرى؛ 
5. ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ماقالىسى ياكى كۈندىلىك خاتىرىسى؛ 
6. ئوقۇتقۇچى يېزىپ بەرگەن تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش خېتى ياكى ئەستە چوڭقۇر قالغان مەشغۇلات باھا سۆزى؛ 
7. پىسخولوگىيە دەرسىدە تۈزۈلگەن ئۆگىنىش پىلانى ۋە كەلگۈسىنىڭ تەرەققىيات پىلانى؛ 
8. مۇشۇ مەۋسۈملۈك تەتقىقاتلىق ئۆگىنىشىنىڭ قىسقا ئىلمىي ماقالىسى؛ 
9. بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ ناخشا ئېيتقان، دېكلاماتسىيە قىلغان ياكى نۇتۇق سۆزلىگەن ئۈن ئالغۇ لېنتىسى؛ 
10. بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ قولدا ياسىغان بۇيۇملىرى. 
قۇرۇلۇش جەريانىدا ھەر قاچان خالىغانچە بولۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەر تاپشۇرۇدىغان ئۇستا ۋە قىممەتكە ئاخىر ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلدۇق؛ ئەسەر تاپشۇرۇشنىڭ توختىلىدىغان ۋاقتى كېيىنكى مەۋسۇمنىڭ باشلىقى قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۈستىدە ھەر قاچان ئويلىنىپ ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولدى. مەكتىپىمىزدە ئارخىب خالتىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلار مۇنەۋۋەر ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ساۋاقداش مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى ئېھتىياج شەكىللەندۈرۈلدى. 
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نومۇر سانىغا قاراپ باھالاشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى تۈگىتىلدى. تولۇقسىزنىڭ 1 ـ يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 ـ يىللىقىدا ئوقۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلىغان. ئىمتىھان باشلانغاندا مەكتەپتىن قاچقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئىككى ئايدا تاپشۇرۇقىنى تۈگىتىپ ئىشلەپ باقمىغان. لېكىن، خاتىرە خالتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئالاھىدە ئەستايىدىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقىلار بىلەن كۆپ قېتىم ئالماشتۇرغان. ئۇنىڭ ياسىغان بۇيۇملىرىدىن تارتىپ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ۋە دەرس تاپشۇرۇقلىرى، مەۋسۈملۈك ئىمتىھان قەغىزىمۇ خاتىرە خالتىسىغا سېلىنغان. ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، يېتىلىش خاتىرە خالتىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى رولى تەسىر كۆرسەتكەن. 
تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئۈچ يىلدىكى مۇشۇنداق ئالتە مەۋسۇمدىن كېيىن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاتىرە خالتىسىدىكى تاپشۇرۇقلاردا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇنچە كۆپ ھەقىقىي باھالاش ماتېرىياللىرى شۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەت چۈشەنچىلىرى، شۇنچە كۆپ ئاكتىپ زېھنىي قۇۋۋەت سېلىنمىسى تۇرغان يەردە ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر سانى بىلەن بېسىم ئىشلىتىشىمىزنىڭ ئورنى قالامدۇ؟ 
)خېبېي ئۆلكىسى لۇچۈەن شەھىرىدىكى بەيلۇچۈەن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى(. 
(3) ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش 
ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش ئەمەلىيەتتە باھالاشتىكى بىر خىل يۈزلىنىش، چوڭ باھالاش تۈرى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن كونكرېت مەشغۇلات شەكىللىرىنى ۋە ۋاستىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئادەتتە مەكتەپ تەلىم ـ تەربىيىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش دېگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىنى ئورۇنلىغان چاغدىكى ئىپادىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىسىگە باھا بېرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇش نەتىجىسى ئەنئەنىۋى باھالاشنىڭ ئىللەتلىرى تۈگىتىلىپ، تەلىم ـ تەربىيىنى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم ـ تەربىيە پائالىيىتىدىكى، دەرس ئوقۇتۇش جەريانىدىكى مۇكەممەل ۋە چىن تۇرمۇشىغا يېڭىباشتىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلىي ۋەزىپىنى ئورۇنلاش داۋامىدىكى ئىپادىسى بىلەن باھالاش تەكىتلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ـ ماھارەت ئىگىلەش ئەھۋالىلا باھالىنىپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلار ئىپادىلىگەن كۆزىتىش ـ تەھلىل ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى ۋە ساغلام ھېسسىيات، ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىلمىي قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالى باھالىنىدۇ. ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش ئوقۇش نەتىجىسىنى ئەنئەنىۋى تەكشۈرۈشتىن ئېشىپ كېتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇ جەريان خاراكتېرلىك باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش، سۈپەت خاراكتېرلىك باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش، غەيرىي ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئەڭ يېڭى باھالاش ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ، ھازىر دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان، مۇھىم ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 
ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش تۆۋەندىكىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: 
بىرىنچىدىن، ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش ھەم ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قويۇشنى، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن كېيىنكىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ. 
ئىككىنچىدىن، ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش بىلىم ۋە ماھارەتنى ئەسلەش ۋە قايتا تونۇشنى باھالاشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەلكى بىلىم ۋە ماھارەتنى تەتبىقلاش ۋە غەيرىي ئەقلىي ئىقتىدار ئامىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛
ئۈچىنچىدىن، ئىپادىلەش خاراكتېرىدىكى باھالاش مەسىلىسى بىر قەدەر چىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەل قىلىدىغىنى رېئاللىقتىن ئايرىلغان ئابىستىراكىت مەسىلىلەر بولماستىن، بەلكى رېئاللىقتىكى مەسىلىلەردىن ئىبارەت. 
تۆتىنچىدىن، ئىپادىلەش خاراكتېرىدىكى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلايدىغان ۋەزىپە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ككپ پەنلەر بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 
بەشىنچىدىن، ئىپادىلەش خاراكتېرىدىكى باھالش ئوقۇغۇچىلارنى چېچىلاڭغۇ تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. جاۋابنىڭ كۆپ خىللىقىدىن يول قويىدۇ. ھەتتا شۇنداق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
ئالتىنچىدىن، ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاشقا ۋاقىت ۋە كۈچ كۆپرەك سەرپ قىلىنىدۇ. تۆلىنىدىغان ۋاقىت بەدىلى يۇقىرىراق بولىدۇ. 
يەتتىنچىدىن، ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش ئاساسىي گەۋدىدىكى سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچراپ، باھالاش يەكۇنىنىڭ سۇبيېكتىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ. 
ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاشنى يولغا قويغاندا، ئادەتتە تۆۋەندىكى ھالقىلارغا دىققەت قىلىش لازىم: 
1. باھالاش مەزمۇنىنى بەلگىلەشنىڭ ئۆلچىمى 
ئىپادە خاراكتېرلىك ھەرىكەتنى باھالاشنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش دېگىنىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغان چاغدىكى كونكرېت ھەرىكەت ئىپادىسىنى باھالاشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئالدى بىلەن باھالاشنىڭ مەزمۇنى )ئوقۇتۇش نىشانى(نى بەلگىلەش، ھەمدە ئىنى ئىپادە نەتىجىسىنى ھاسىل قىلىدىغان، كۆزىتىشكە بولىدىغان كونكرېت ھەرىكەتلەرگە ئايرىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ياخشى ـ يامانلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم. 
2. ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنى لايىھىلەش 
ئىپادە خاراكتېرىكى باھالاش، ئەمەلىيەتتە باھالانغۇچىنىڭ ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلاش داۋامىدىكى ئىپادە ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە باھالاشتىن ئىبارەت ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپە دېگىنىمىز ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش داۋامىدىكى باھالىغۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلغان كونكرېت تەلەپلەردىن ئىبارەت. ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنى لايىھىلىگەندە تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ: بىرى، ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنىڭ تۈرلىرىنى مۇۋاپىق ئويلىنىش لازىم. مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش شارائىتىدا، ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاش ۋەزىپىسىنىڭ ئادەتتە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىپادىلەش ۋەزىپىسى، ئاغزاكى بايان قىلىش، تەقلىدىي ئىپادىلەش ۋەزىپىسى، سىناق قىلىش ياكى تەكشۈرۈش، ئەسەر ئىجاد قىلىش، تەتقىقات تۈرىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئالتە خىل تۈرى بولىدۇ. تەلىم ـ تەربىيىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئىپادە خاراكتېرىدىكى قايسى تۈردىكى ۋەزىپە ياكى ۋەزىپىلەرنى تاللاشتا باھالىنىدىغان مەزمۇننىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلانغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ۋە زامان، ماكان، ئۈسكۈنە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىن ى ئويلىنىش كېرەك. يەنە بىرى، ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىڭ مۇۋاپىق مۇھىتىنى لايىھىلەش لازىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىپادە خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىنى يولغا قويۇشنىڭ شارائىتى )ئىپادە خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنە قاتارلىقلار(نى، مۇھىتى )تەبىئىي مۇھىت ۋە ئالاھىدە كونترول قىلىنىدىغان مۇھىت(، كۆزىتىش قېتىم سانى )ئوقۇتقۇچى باھالاشنىڭ ئىشەنچلىك يەكۈنىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆزىتىش قېتىم سانى(نى لايىھىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
3. ئىپادە خاراكتېرىدىكى باھالاشنىڭ قورالىنى تاللاپ بېكىتىش ياكى لايىھىلەش 
بۇ مەقسەتلىك، پىلانلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان سىستېمىلىق كۆزىتىشنى، كۆزىتىشتە ئىشلىتىلگەن خاتىرە ياكى باھالاش قورالىنىڭ تەكشۈرۈش جەدۋىلى، باھالاش مىقدار جەدۋىلى، ئۆتكەن ئىشلار خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
(4) قەغەز ـ قەلەم ئىمتىھانى 
بۇ، ئوقۇتقۇچىلر كۆپ قوللىنىدىغان ھەم تىل ـ ئەدەبىيات يېڭى دەرسىنى باھالاشنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتەلەيدىغان بىر خىل باھالاش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇن، شەكلى، ئۇسۇلى ھەققىدە ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، باھالاش قەغەز ـ قەلەم ئىمتىھانىغا باراۋەر بولمايدۇ. بۇ ئىككىسى ھەم باغلىنىدىغان، ھەم پەرقلىنىدىغان ئىككى ئۇقۇم، قەغەز ـ قەلەم ئىمتىھان بىر خىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، باھالاشنىڭ بىر خىل ئاساسى ۋە مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ تۈپ پەرقى شۇكى، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ ۋاسىتىسى، ئالدىنقىسى قىسمەنلىك، كېيىنكىسى ئومۇملۇق بولىدۇ. شۇڭا بۇرۇنقىدەك ئىمتىھاننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى قىلىش ئۇسۇلى بىر تەرەپلىمىلىك ھېسابلىنىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات ئىمتىھانى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى داۋامىدىكى مۇھىم ھالقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىكى تار ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە نىسبەتەن ئىمتىھاننىڭ يېتەكچىلىك ىاراكتېرى بولىدۇ. ئىمتىھاننىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇل ئۆزگەرتىلمىسە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزدا ئۇزۇندىن بۇيان تۈپ ئۆزگىرىش بولمىدى، تىل ـ ئەدەبىيات ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنىڭ نەچچە ئون يىل بىر تۈزۈمدە بولۇپ كېلىشى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىشنىڭ كەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى. شۇڭا تىل ـ ئەدەبىيات ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش دەرسى باھالاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. باھالاش ھەققىدىكى تەكلىپتە ئىمتىھان بالاھاش شەكىللىرىنىڭ بىرى دەپ تەكىتلەندى. بۇ تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ئىمتىھاننى بىر تەرەپلىمە كۈچەيتىدىغان تار ئۆتكەللىكى ۋە تاللاش رولىنى چەكلەشتە شەكسىزكى، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتە دەرس باھالاش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ئىمتىھاندىن باشقا، زىيارەت قىلىش، كۆزىتىش، ئەسەر تەتقىقاتى، ئۈلگە تەكشۈرۈش، شەخسنىڭ كەچۈرمىشى خاتىرىسى، ئارخىب ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بولىدۇ. بۇ يەردە ھەم مىقدارنى تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش، ھەم سۈپەتنى تەتقىق قىلىش ئۇۇلى مەۋجۇت. خاراكتېرنى بېكىتىش ئۇسۇلى بىلەن مىقدارىنى بېكىتىش ئۇسۇلى زىت ئەمەس. باھالاش داۋامىدا بۇ ئىككى ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ تەتبىقلاش لازىم. 
4. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىنىڭ دەرس نىشانىدا، بولۇپمۇ باسقۇچلۇق نىشانىدا نېمىنى باھالاش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. باھالاش توغرىسىدا تەكلىپتىمۇ قانداق باھالاش توغرىسىدا پىرىنسىپال ئىزاھات بېرىلدى. ۈي تەردە دەرس نىشانىنىڭ ئۈچ ئۆلچىمىنى  مەزمۇنىنىڭ بەش ساھە سى چۈشەندۈرۈلىدۇ. 
(1) تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئۈچ ئۆلچەم نىڭ باھالاپ يولغا قويۇلۇشى 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس نىشانى بىلىم ۋە قابىلىيىتى، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۆلچەمگە ئايرىش ئورتاق ۋاقىت خاراكتېرىدىكى بايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئۇلار بىلەن پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر تۇتاش ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى نىشانغا يېتىشكە سەرپ قىلىنغان ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  ئوخشىمىغان ئوقۇتۇش مەزمۇنىدا ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان كومپونېنتدا ۋە يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىدىمۇ پەرق بولىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتنى نەزەرگە ئېلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، كونكرېت تەھلىل قىلىش، ئەھمىيەت بېرىدىغان تەرىپى بولۇش لازىم. 
1. بىلىم ۋە قابىلىيەت توغرىسىدىكى باھالاش 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىدىكى تىل ـ ئەدەبىيات بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى باھالاشنى ئۆتكەنكى باھالاشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامىللار قۇرۇلمىسى، مۇھىم نۇقتىسى ۋە باھالاش شەكلى جەھەتتە ئوخشاش بولماستىن، ئۆتكەندە توپلانغان تەجرىبىلەر ئاساسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بۇ يەردە بىلىم ۋە قابىلىيەت بىەلن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ، ئۇ تىل ـ ئەدەبىيات جۇغلانمىسى ۋە جۇغلاش جەرياندىا تىل تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ۋە ئىستېتىك ھەۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە مۇدناق ئۈچ دەرىجە تەسسىس قىلىندى: بىرى، كەڭلىكى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بىلەن قانچىلىك دائىرىدە ئۇچراشقانلىقىغا قارىلىدۇ )تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىنىڭ توققۇز يىللىق دەرسلىكلەردىن سىرت 8000 بەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى تەلىپىدە بىرىنچى دەرىجە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان؛ يەنىە بىرى، دەرىجىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى تاللىشىدا ئۇلارنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىگە ۋە ئوقۇش ھەۋىسىگە قارىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، چوڭقۇرلۇق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئەسەرلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىچلەشتۈرۈلگەنلىكىگە، ئۇلارنى ئۆزىدىكى قىممەت ئىنتىلىشى ۋە پەزىلەت مەزمۇنى قىلغانلىقىغا، ھەمدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىل تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرگەنلىكىگە قارىلىدۇ. 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى دە بىلىم ۋە قابىلىيەت جەھەتتە مۇنداق كونكرېت تەلەپلەر قويۇلدى: 
ساۋات چىقىرىش توغرىسىدا تۇيغۇ يېزىقىدىكى 32 ھەرپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر شەكىللىرىتونۇپ، ئۇيغۇر ئورتاق ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلالايدىغان بولۇش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرپ قۇرۇلما سىزىقلىرىنى ۋە بەلگىلىرىنى مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ، ھەرپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى يېزىش تەرتىپى )تېخنىكىسى( بويىچە قۇرغا چۈشۈرۈپ، توغرا، چىرايلىق، ئۆلچەملىك يادلايدىغان بولۇش تەكىتلەندى. ئوقۇش توغرىسىدا تېكىستتىكى سۆز ـ جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى تېكىتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1 ـ ۋە 2 ـ يىللىقلار ئوقۇش جەريانىدا سۆز توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ماقال ـ تەمسىل ۋە ئەقلىيە سۆزلەرنى توپلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 3 ـ ۋە 4 ـ يىللىقلاردىن تېكىستتىكى گۈزەل تەسۋىرىي سۆز جۈملە ۋە پارچىلارنى ئوقۇش، شۇنداقلا دەرستىن سىرت ئوقۇغان ۋە تۇرمۇش جەريانىدا ئىگە بولغان تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاش تەلەپ قىلىندى. يېزىقچىلىق توغرىسىدا يېزىقچىلىق بىلىمىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلماي، ئۇسلۇب تەلىپى ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ خاتىرە خاراكتېرىدىكى تاپشۇرۇقنى ئاساس قىلىش، شۇنداقلا تەسىرات ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى يازالايدىغان بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشتىكى بىلىم ۋە قابىلىيەت نى باھالىغاندا بىرىنچىدىن ، بىلىم مەدەنىيىتىنىڭ مىقدارى ئىككىنچىدىن، بىلىم مەدەنىيىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈچىنچىدىن، بىلىم قابىلىيىتىنىڭ ئىشلىتىلىشى، تۆتىنچىدىن، بىلىم قابىلىيىتىنىڭ ئىجاد قىلىشى باھالىنىدۇ. 
2. جەريان ۋە ئۇسۇلنى باھالاش توغرىسىدا 
تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ جەريان ۋە نەتىجە بىرلىكى چەتلەشتۈرۈش بىلەن ئىچلەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش بىر خىل نەتىجە بولۇش بىلەنلا قالماستىن، ئۇنى بىر جەريان دەپ قاراش كېرەك. تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشتە جەريان )تىل ـ ئەدەبىيات پائالىيىتى ۋە مۇئامىلىسى تىل ـ ئەدەبىياتنى ئىشلىتىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش(دىن ئايرىلسا، تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ بىلىملىرىنى ئىچلەشتۈرۈپ تىل ـ ئەدەبىيات قابىلىيىتىگە ئايلاندۇرغىلى، ياخشى تىل ـ ئەدەبىيات ھەرىكىتى ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. جەريان ۋە ئۇسۇل نى باھالاش ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋالغان ياكى ئۆگىنىۋالالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. 
تىل ـ ئەدەبىىيات دەرس ئۆلچىمىدە جەريان ۋە ئۇسۇل جەھەتتە ھەر ىىل ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىدىن تەلەپ قويۇلدى. ئوقۇش توغرىسىدا 1- ۋە 2 ـ يىللىقلارغا ئۆزى قىزىقىدىغان ئادەملەر ۋە ئىشلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە ئوي ـ پىكرىنى ئىپادىلەش، تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۇلار ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئېرىشىش، تىلنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش، 3 ـ ۋە 4 ـ يىللىقلار ئەسەردىكى جانلىق ئوبراز ۋە گۈزەل تىللاردىن دەسلەپكى قەدەمدە ھوزۇر ئالالايدىغان بولۇش، 5 ـ ۋە 6 ـ يىللىقلار بايان خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان مەنزىرە كۆرۈنۈش، پېرسۇناژ، تەپسىلاتلارنى ئاددىي ھالدا تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش، شېئىر ئوقۇغاندا شېئىردە تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، شائىرنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقىرى يىللىقلاردا مۇستەقىل ئوقۇش، ئىزدىنىپ ئوقۇش، ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرىلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى چىقىرىش، كۈتۈپخانا، ئېنتېرنىت تورى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىنىش خاراكتېرىدە تۇرمۇشنى سىناپ بېقىش تەكىتلەندى. يېزىقچىلىق توغرىسىدا جۇغلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشنىڭ جەريان ۋە ئۇسۇلىنى باھالاشتا، بىرىنچىدىن، ئەسەر تېپىش قابىلىيىتى باھالىنىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئىلمىي تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى باھالىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنىڭ مەشغۇلاتى باھالىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى باھالىنىدۇ. 
جەريان ۋە ئۇسۇلنى باھالاشنى يولغا قويۇشتا تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىش لازىم: 
(1) دەرسخانىدا قاتنىشىش )دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش، قارىشىنى ئېلان قىلىش، گۇمانىنى مۇزاكىرىلىشىش(؛ (2) ئوقۇش ئادىتى )ھەر كۈنى ئۈنلۈك ئوقۇش، توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيدىغان بولۇش؛ ئىچىدە ئوقۇشنى، ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىشنى، ئىزاھات يېزىشنى ئۆگىنىۋېلىش(؛ (3) ئىپادىلەش ئادىتى )تۇرمۇشنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىش، تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش، كۆڭۈل قويۇپ ئاغزاكى ئالاقە قىلىش، يېزىق بىلەن ئىپادىلەش(؛ (4) ئۆگىنىش ئۇسۇلى )لۇغەت ئىشلىتىشكە پىششىق بولۇش، ئالدىن تەييارلىق قىلىش، تەكرار قىلىش، ماتېرىيال تېپىش(؛ دەرسنىڭ سىرتىدا ئۆگىنىش )ئۈزۈندە يېزىش، ماتېرىياللارنى قىيىۋېلىش، خاتىرە يېزىش، كۈندە ئوقۇلىدىغان مىقدار بولۇش، كۈندە يېزىشنى مەشق قىلىش(. 
3. ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشىنى باھالاش توغرىسىدا 
ھېسسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشى تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىدىكى گۇمانىتارلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ھەم تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مېخانىزمى ۋە خاھىشچانلىق، ھەم تىل ـ ئەدەبىيات ماتېرىياللىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر قاتلاملىق تەلىم ـ تەربىيە ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق ھەقىقىي تىل ـ ئەدەبىيات تەلىم ـ تەربىيىسى بۇ ئۆلچەمنىڭ نىشانىدىن ئايرىلالمايدۇ. 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى ئۆلچىمىنىڭ ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيە جەھەتتىكى تەلىپى تۆۋەندىكىچە: (1) ساۋاق چىقىرىشتا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش ياخشى كۆرۈش، ساۋاق چىقىرىش قىزغىنلىقى بولۇش، خەت يازغاندا توغرا قىياپەتتە ئولتۇرۇش، كۆركەم يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ھۆسنخېتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدىغان بولۇش ئوتتۇرا قويۇلدى. (2) ئوقۇشتا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى ككرۈش، كىتاب ئوقۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، كىتاب - ماتېرىياللارنى ئاسراش، پاكىز تۇتۇش ۋە ساقلاشقا ئادەتلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1 ـ ۋە 2 ـ يىللىقلارغا ئاددىي بولغان چۆچەك، مەسەل، ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 3 ـ ۋە 4 ـ يىللىقلارغا ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىگە ۋە خۇشاللىق، غەزەب، قايغۇ ۋە خاتىرجەملىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 5 ـ ۋە 6 ـ يىللىقلارغا ئۆزىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈش، نېمىدىن نەپرەتلىنىش، نېمىنى ھۆرمەتلەش، نېمىگە ھېسداشلىق قىلىش، نېمىگە ئىنتىلىشتەك ھېسسىياتىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش، نادىر ئەسەرلەردىن تەسىرات ۋە ئىلھام ئېلىپ، گۈزەل غايىگە ئىنتىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (3) يېزىقچىلىق مەشقىدە 1 ـ ۋە 2 ـ يىللىقلارغا يېزىشقا ئىشتىياق باغلاش، 3 ـ ۋە 4 ـ يىللىقلارغا ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىشنى خالاش، يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، 5 ـ ۋە 6 ـ يىللىقلارغا يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش، 7 ـ ۋە 9 ـ يىللىقلارغا ھېسسىيات چىن بولۇش، ئۆزىنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى ھېس ـ تۇيغۇ، تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (4) ئاغزاكى ئالاقەدە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا پوزىتسىيىسى تەبىئىي، ئوچۇق ـ يورۇق، ئەدەبلىك بولۇش، ئىپادىلەشتە دادىل بولۇش، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەيدىغان، چۈشىنىدىغان بولۇش، ئالاقە جەريانىدا تىل گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىش، مەدەنىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشتىكى ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيىنى باھالاشتا بىرىنچىدىن، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش قىزىقىشى باھالىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئۇسۇلى باھالىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش مۇئامىلىسى باھالىنىدۇ. روشەنكى، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشتىكى ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيەنى باھالاش تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىل ـ ئەدەبىياتنى سۆيۈش )تۇرمۇشنى سۆيۈش، تىل تۇيغۇسىنى توپلاش(، مەدەنىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش )پەنگە، گۇمانىتارلىققا كۆڭۈل بۆلۈش(، ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش )جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش(، ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش )ئورتاق ئىزدىنىش، نەتىجىدىن بىللە بەھرىمەن بولۇش(، ئەقىلنى ئەخلاق قىلىش )ئۆزىنى ئۆزى بىلىش، كىشىلىك ھاياتنى قەدىرلەش(. 
(2) تىل ـ ئەدەبىيات دەرس مەزمۇنىدىكى بەش ساھەنى باھالاشنىڭ يولغا قويۇلۇشى 
1. ساۋات چىقىرىش - خەت يېزىشنى باھالاش توغرىسىدا 
ساۋات چىقىرىشنى باھالاشتا باسقۇچلارغا بۆلۈش تەلىپىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. 
تۆۋەن يىللىقلارغا ساۋاق چىقىرىش ۋە خەت يېزىشنى باھالىغاندا ئوبرازلىق   قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ باسقۇچتىكى پىسخىكا ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم. 
 خەنزۇچە خەتنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ خەنزۇچە خەت ئۆگىنىش ئاساسىي ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. مەنە ئىپادىلەيدىغان خەنزۇچە خەت ئوبرازىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، خەتنىڭ شەكلىگە قاراپ مەنىسىنى بىلگەندە خەت تونۇشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قالماستىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. خەنزۇچە خەتلەر ئىچىدە تەقلىدىي تەبىئىي ئاۋازلىق خەتلەر كۆپ بولىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ خەنزۇچە خەتلەرنى ئەستە قالدۇرغاندا، مېخانىكىلىق يادلاشتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە خەت تونۇشىنى باھالىغاندا مەلۇم مەزگىلدە ئوقۇغان خەتنىڭ سانى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت تونۇش ئۇسۇلىغا نەزەر سېلىش، ئۇلارنىڭ خەت تونۇش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلىگەن ياكى ئىگىلىمىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. 
خەت يېزىش ئادەتتىكى مەزمۇندىكى يازما ئالاقىدى ن باشقا، گۈزەللىك تەربىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا ئىستېتىك فۇنكسىيىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆسنخەت تېخنىكىسىنى بىلىشىگە ۋە خەتنىڭ ئىستېتىك قىممىتىنى چۈشىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش داۋامىدا يېزىقنى قىزغىن سۆيۈدىغان، يېزىققا ھۆرمەت قىلىدىغان پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 
2. ئوقۇشنى باھالاش توغرىسىدا 
ئوقۇش پائالىيىتى ئۈنلۈك ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ. ئۈنلۈك ئوقۇش بولسا ئىچىدە ئوقۇشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، پۈتكۈل توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈنلۈك ئوقۇش ئوقۇش ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ. 
ئۈنلۈك ئوقۇغاندا كىتاب تىلى ئاۋازلاشتۇرۇلۇپ، ئاۋازسىز يېزىق ئاۋازلىق تىلدا ئوقۇلىدىغان پائالىيەت بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئوقۇش ئىقتىدارىنى باھالىغاندا، سۆزلەرنى ئېنىق، توغرا تەلەپپۇز قىلىش، تىنىۋېلىش ۋە ئۇرغۇتۇش، ئىنتوناتسىيە ۋە سۈرئەت قاتارلىق جەھەتلەر بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوخشىمىغان ژانىرلارنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەشكە ئاسانلىق يارىتىش لازىم. ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ سۈپىتىگە توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىكى تەلەپ قويۇلسىمۇ، لېكىن، ئوقۇغۇچىلار ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندىن تارتىپ، بىر قەدەر ئەتراپلىق تەلەپ قويۇشىمىز، مۇشۇ ئۈچ تەرەپ بويىچە ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئۈچ باسقۇچقا مېخانىك ھالدا ئايرىۋەتمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى، ئۈنلۈك ئوقۇش ئوقۇلغان ماتېرىيالدىكى ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە پايدىلىق بولىدۇ. توغرا، راۋان بولۇشنىلا تەكىتلەپ، ھېسسىيات بولۇشنى تەلەپ قىلمىغاندا، ئوقۇش جەريانىدىكى ھېسسىيات چۈشەنچىسى پەيدا بولمايدۇ )ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئەتراپلىق تەلەپ دەرىجىسى پەرقلىق بولىشى كېرەك(. 
ئوقۇش سۈپىتى باھالاش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) چۈشىنىش؛ (2) ئەستە تۇتۇش؛ (3) باھالاش، يەنى كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقى توغرىسىدا توغرا باھا بېرەلەيدىغان ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش؛ (4) سۈرئەت، يەنى ئوقۇش پائالىيىتىنى تاماملىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى؛ (5) ياخشى ئوقۇش ئادىتىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى. 
قىسقارتىپ ئوقۇش ۋە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش ئوقۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇچۇر مىقدارىنى كۆپەيتىشتىكى ئاساسىي ئوقۇش شەكلى بولۇپ، ئادەتتە كىتاب ئوقۇش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. تور بېتى قاتارلىق ھازىرقى زامان ۋاسىتىلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. قىسقارتىپ ئوقۇش ۋە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش ئىنچىكىلەپ ئوقۇيدىغان چوڭقۇر كىرىشىپ ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ. پەقەت ئومۇمىي مەنىسىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى، تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ۋە تېپىش ياكى مەلۇم تەرەپتىكى ئەھۋالنى بىلىپ، قايسى نەرسىلەرنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇتۇشتا سۆز ـ جۈملىلەرگە ئەھمىيەت بېرەلمەيدۇ. پۈتۈن ئەسەر تېزدىن ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى، قىزىقارلىق جايلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقارتىپ ئوقۇش ۋە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش قابىلىيىتىنى باھالىغاندا تىل دەرىقىسى، پىكىر يولىنىڭ ئېچىلىشىدىن تارتىپ ائساسىي مەقسەتنى ئىگىلىشى، يېزىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشنى ئەتراپلىق تەكشۈرمەي، بەلكى مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇش ئۇسۇلىغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىگە بولغان ئۇچۇر مىقدارىغا قويۇش لازىم. مەسىلەن، ئوقۇغۇچى كىتابنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن كىرىش سۆز، مۇندەرىجە، قىستۇرما رەسىم، سخېما ـ جەدۋەل، سۈرەت، ئىزاھات، پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال قاتارلىقلارغا قاراپ، كىتاب ئۈستىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان ـ قىلمايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقارتىپ ئوقۇش ئىقتىدارىنى باھالىغاندا، دىققەتنى دەرس ۋە مەكتەپ ئىچىدىكى ئىپادىسىگىلا مەركەزلەشتۈرمەستىن، مەكتەپ سىرتىدىكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىپادىسىگىمۇ قارىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇتاشتۇرۇپ جەمئىيەتتىكى دەرس بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇش ئومۇمىي مىقدارى توغرىسىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى بىلىپ، ئۇچۇر بۇلغىنىشنى توسىغىلى ۋە ئازايتقىلى بولىدۇ. 
ياخشى ئوقۇش پوزىتسىيىسى ۋە ئادىتى - ئوقۇشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پوزىتسىيىسى ۋە ئادىتىنى باھالىغاندا، تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش لازىم: ئوقۇشنى قىزغىن سۆيەمدۇ ـ يوق، كىتاب ئوقۇش پىلانى تۈزۈشكە ئادەتلەنگەنمۇ ـ يوق، ۋاقىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولىدىغان ئادىتى بارمۇ ـ يوق. ئوقۇش، يېزىش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئادىتى بارمۇ ـ يوق، باشقىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن سورامدۇ ـ يوق، ئۆزى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ۋە پايدىلىنىش كىتابلىرى )قورال كىتابلار(نى ئىشلىتىدىغان ئادىتى بارمۇ ـ يوق قاتارلىقلار. 
ئوقۇش مىقدارى - ئوقۇش مىقدارى ۋە ئوقۇش ئۈنۈمىنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مىقدارىنى باھالىغاندا، ئادەتتىكى كۆزىتىش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغان كىتاب ـ ژۇرناللارنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئاكتىپ باھالاشنى تەشەببۇس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇشقا، كۆپ كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. 
كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورال كىتابلارنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، قورال كىتابلارنى توغرا تاللاش ـ تاللىماسلىق؛ كۈتۈپخانىدىكى ھەر خىل مۇندەرىجە، ئىدېكىس، تاللانما قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كىتاب ـ ژۇرنال ئوقۇش ـ ئوقۇماسلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېچىش ئىقتىدارىنى باھالاشنىڭ مۇھىم تەرىپى، شۇنداقلا ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. 
ئوقۇش - ئوقۇرمەن بىلەن ئەسەر ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلما ئەھمىيىتىدىكى ھەرىكەتلىك جەريانىدىن ئىبارەت. چۈشىنىش - ئوقۇش جەريانىدىكى مەركىزىي ھالقا ھېسابلىنىدۇ. چۈشىنىش كىتاب ـ ژۇرنالدىكى سۆز، جۈملە، ئابزاس، بۆلەكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەسەر توغرىسىدا بىر پۈتۈن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
ئوقۇش ئادەتتە بىر پۈتۈن ھېس قىلىشتىن باشلىنىپ، بىر پۈتۈنلۈكتىن قىسمەنلىككە ئۆتىدۇ؛ ئاندىن تىل بىرلىكىنىڭ كېڭىيىشى )سۆز - جۈملە - ئابزاس - باب( بويىچە قىسمەنلىكتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئۆتىدۇ؛ ئاندىن قىسمەنلىكتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئۆتۈپ، تەكرار دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تېكىست ئىلىۋېلىنىدۇ. ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ب اھالاشتا تۆۋەندىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم: (1) مول، كەڭ ئاتالغۇلارنى ئىگىلىگەنمۇ ـ يوق؛ (2) تەدرىجىي كېڭەيتىلگەن مەنە بىرلىكىنى چۈشىنەمدۇ ـ يوق؛ (3) ئالاقە، مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپالامدۇ ـ يوق؛ (4) ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇ - جۈملىلەرنى تاللىيالامدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەنىسىنى چۈشىنەمدۇ ـ يوق؛ (5) ئىشنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىقالامدۇ ـ يوق؛ (6) مۇھىم تەپسىلاتلارنى ئەسكە ئالالامدۇ ـ يوق؛ (7) ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلىيەلەمدۇ ـ يوق؛ (8) ئەسەرنى ئۆز تىلى بىلەن توغرا، مۇكەممەل يىغىنچاقلاپ بېرەلەمدۇ ـ يوق؛ (9) ئوقۇغان مەزمۇننى باھالىيالامدۇ ـ يوق؛ (10) ئوقۇغان مۇھىم ماتېرىياللارنى ئەستە تۇتالامدۇ ـ يوق. 
ئوقۇغۇچىلاردىكى ئوقۇش تەجرىبىسىنىڭ جۇغلىنىشىغا ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى باھالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىنى بىر پۈتۈن چۈشىنىشكە قويۇش لازىم. ئۇ بىر پۈتۈن ھېسسىي بىلىش، پىكىر يولىنى روشەنلەشتۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئىگىلەش، يېزىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ئوقۇش - سۇبيېكت شۇغۇللىنىپ داۋاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاش، تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ياخشى ئوقۇش پەزىلىتى تەشەببۇسكارلىق بولۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىر خىل ئىچىدىكى ئاكتىپلىق بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇش سۇبيېكتىپىنىڭ ئاكتىپلىقىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. 
چۈشىنىش ئاساسىدا ھوزۇرلىنىش بولىدۇ. پەرەزنى تۈگىتىپ، ھېسسىياتنى قوزغىتىش، ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن، ئەسەرنى تەھلىللىك تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىۋېرسال ھېس قىلىش لازىم. ئىدراك بىلەن چۈشىنىپلا قالماستىن، بەلكى سەمىمىيلىك بىلەن ھېس قىلىپ، ئەسەرنىڭ نازۇك، ئەگرى ـ توقاي جايلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى بايقاش لازىم. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھوزۇرلىنىش بىر خىل سۇبيېكتىپ چۈشەنچە. ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارىنى باھالىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھوزۇرلىنىش ئەسەرگە بىر پۈتۈن قارىتىلغان بولۇپ، مەزمۇن ۋە شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوبراز، ئەھۋال، تىل بولۇشى كېرەك. باھالاشتا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، يەنى ئوب رازنىڭ تەپەككۇردىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم. بەدىئىي ئوبرازنىڭ كۆپ مەنىلىكى كىشىلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، مۇقىم قاۋاب بىلەن باھالاپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە شەيئىلەرنىڭ توغرا جاۋابى بىر خىل بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى بىر خىل جاۋاب بىلەن قانائەتلەنمەسلىككە ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن ئىزدەشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. 
مەسىلەن، لۇشۈننىڭ يۇرتۇم ناملىق ئەسىرىدىكى ياڭ ئېرساۋدىن ئىبارەت پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ئىگىلەشتە ئوقۇغۇچىلار تونۇشنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلسا بولىدۇ. تۆۋەندىكى كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى توغرا، تونۇش دەرىجىسىلا پەرقلىنىدۇ. 
ئوقۇغۇچى A: ئەسەردە ياڭ ئېرساۋنىڭ ئانامنىڭ پەلىيىنى قوينىغا تىقىپ ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئاندىن كېيىن ئۆيىمىزدىكىنىمۇ ئېلىپ كەتكەنلىكى يېزىلىپ، ياڭ ئېرساۋنىڭ ئاچكۆز شەخسىيەتچى پىسخىكىسى چۈشەندۈرۈلگەن. 
ئوقۇغۇچى B: ياڭ ئېرساۋنىڭ ئاچكۆز شەخسىيەتچىلىك سۆز ـ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئەمگەككە قاتناشمايدىغان يامان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ دۇفۇ دۇكىنى ئاچقاندىلا ئۇپا سۈرۈپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئولتۇرۇپ خېرىدار كۈتكەن. شۇڭا ياڭ ئېرساۋنى يېزىپ، ئاش بولسا، ئىش بولمىسا دەيدىغان يامان ئادىتى مەسخىرە قىلىنغان. 
ئوقۇغۇچى C: بۇرۇنقى ياڭ ئېرساۋنىڭ ياڭاق سۆڭىكى مۇنداق چىقمىغان، كالپۇكىمۇ ئۇنداق نېپىز ئەمەس، تۇرقىمۇ ھازىرقىدەك بۇنداق دىقماق ئەمەس تۇرمۇشىمۇ خېلى باياشات ئىدى. ھازىر دىقماق بولۇپ قالدى. ئاپتور ئۇنى مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىش بىلەن بىلە، ئۇنىڭدا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. 
ئوقۇغۇچى D: مېنىڭچە ئەسەردە ئاساسلىقى رونتۇنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ياڭ ئېرساۋ يېزىلغان. بۇرۇن دۇفۇ دۇكىنى ئاچقان ياڭ ئېرساۋدەك كىچىك تىجارەتچى ئۆزگىرىپ شۇنداق بولۇپ كەتكەن يەردە، رۇنتۇنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ. 
ئوقۇغۇچى E: ياڭ ئېرساۋدىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژنى يازغاندا، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى يېزىلارنىڭ خارابلىشىشى، چۈشكۈنلۈكى ۋە كۈنساناپ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. 
ھوزۇرلىنىش - ئوقۇرمەننىڭ سەنئەتنى قايتا ئىجاد قىلىشى بولۇپ، قايتا ئىجاد قىلىشنىڭ ئاساسنىي شەكلى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئېسىگە سېلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشنى تەكشۈرگەندە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، ئېسىگە سېلىش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىش، يەنى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ سەنئەت مۇلاھىزىسىنى توغرا ئىگىلىگەن ـ ئىگىلىيەلمىگەنلىكىنى، ئاپتور ياراتقان ئوبرازنى بېيىتىپ قايتا نامايان قىلىپ بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەنلىكىنى باھالاش لازىم. ھوزۇرلىنىش تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش جەريانى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن دەسلەپكى قەدەمدە ھوزۇرلىنىيش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى باھالىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم پەرقلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك لازىم. بەلكى باھالاش شەكلىدە خاراكتېرىنى بېكىتىپ باھالاشنى ئاساس قىلىش لازىم. 
ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەر تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، دەرس ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوللار ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ ۋە توپلاپ، ئىجادىي ئۆگىنىشكە، ئىجادىي تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئادەتتىكى تەپەككۇر ۋە مەسىلە بايقاشتىن باشلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ئادەتتىكى تەپەككۇردىن ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىپ، نورماللىقنى بۇزۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىش داۋامىدىكى ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشنى باھالىغاندا تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە قارىتىش لازىم: يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە بايقاش چېچەنلىكىگە، ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان ئىنتىلىشچانلىققا، مەسىلىنى ھەل قىلدىىغان ئىجادچانلىققا، نەتىجىنى ئىپادىلەيدىغان يېڭىلىققا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش، پىشمىغان، ھەتتا ناھايىتى گۆدەكلەرچە بەزى خىياللارنىمۇ قوغداپ ۋە يېتەكلەش، مۇكەممەل ۋە نۇقسانسىز بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىق لازىم. 
كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشىدىكى قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى باھالىغاندا مورفولوگىيە، سىنتاكسىس قاتارلىق تىل ـ ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئىگىلەش دەرىجىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويماستىن، ئۇلارنىڭ ئىزاھات ۋە قورال كىتابلارغا تايىنىپ، ئەسلى تېكىستىنى چۈشەنگەن ـ چۈشەنمىگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ يادلاپ توپلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىل تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىش لازىم. مەلۇم ساندىكى نادىر ئەسەرلەرنى يادلىۋېلىش تىل ماتېرىياللىرى توپلاشنىڭ زۆرۈر يولى، شۇنداقلا تىل تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلىۋېلىشىنى باھالىغاندا، چۈشىنىش ئاساسىدىكى يادلاپ توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆلۈك يادلاشقا قارشى تۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلەرنى يادلاش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوللاش، يادلاشنى ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش ۋاسىتىسى قىلىشقا قارشى تۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن مىقدارىدىكى يادلاش تەلىپىگە يەتكۈزگەن ـ يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى باھالاشتا مىقدارلىق باھالاش شەكلىنى قوللىنىپ، بەلگىلەنگەن ئەسەرلەر ئىچىدىن ئىختىيارى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە بولسىمۇ، لېكىن باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقتىن، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچەمگە تەدرىجىي يېتىشىگە يول قويۇش لازىم. 
3. يېزىقچىلىقنى باھالاش توغرىسىدا 
چىن مۇھەببەتنى ئىپادىلەش، چىن ھېسسىياتنى يېزىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىشنى باھالاشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىقچىلىقنى مەشق قىلغاندا راست گەپ قىلىشى، چىن ھېسسىياتنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا راست ئىشلارنى ئۆزىگە تونۇش ئىشلارنى يازغاندىلا يېزىشقا گەپ تېپىلىدىغانلىقىنى، كونكرېت، ئېنىق يازغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ئەلۋەتتە، چىنلىقنى يېزىش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېڭەيتىش شەكلىنى قوللىنىپ، يۈرەكلىك ھالدا مۇۋاپىق توقۇپ يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. قىسقىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىشنى باھالىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى چىنلىقنى يېزىشقا، ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، ئىجادىي ئىپادىلەشكە يېتەكلەش لازىم. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشقلىرىنى ئۆزى باھالاش، ئۆزى تۈزىتىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بالىلارنىڭ يازغانلىرىنى تۈزىتىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقنى ئۆگىنىش مەشقلىرىنى ئۆزلىرى تۈزىتىشنى ئۆگىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنىڭ يازغانلىرىنى تۈزىتىپ بېرىشى ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى ئۆزى تۈزىتىشىگە ئۈلگە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچى تۈزىتىپ بەرگەنلەرنى مىسال قىلىپ ماقالە تۈزىتىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆگىنىشكە، يازغانلىرىنى ئاخىرى ئۆزلىرى تۈزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز لازىم. بەزى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئارا ماقالە تۈزىتىش مەشىقىغە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىتىپ، ئۇلارنى ئورتاق يۈكسەلدۈرۈشىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى، باھالاش ئىقتىدارى ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشىمىز لازىم. 
باھالىغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆزىتىش لازىم: 
(1) ئاساسىي مەقسەت: ئوبيېكتىپ، مەقسەت ۋە مۇھىم نۇقتا ئېنىق بولۇش، كۆز قاراشنىڭ ئالدى ـ كەينى ئوخشاش بولۇش. 
(2) مەزمۇن: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز گېپىگە ئاساس تېپىش، ئۇچۇر ۋە تەپسىلاتلار ئاساسىي تېما بىلەن باغلىشىدىغان بولۇش. 
(3) تىل: ئاددىي ـ يېقىملىق، جۈملىلەر راۋان بولۇش، تەسەۋۋۇر ۋە ئەسلەشنى تەتبىقلاش، ئىپادىلەش شەكلى مۇۋاپىق بولۇش. 
(4) قۇرۇلما: باش ـ ئاخىرى بولۇش، سىستېمىسى ئېنىق، لوگىكىلىق تەرتىپكە ئىگە بولۇش. 
(5) يېزىق: خەتنى چىرايلىق يېزىش، سۆز ـ قۇر ئارىلىقى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش، تىنىش بەلگىلىرى توغرا بولۇش. 
ئۆزگىچىلىك: ھېسسىياتى چىن بولۇش، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە مۇستەقىل خاھىشى بولۇش، خاسلىق ئالامەتلىرى بولۇش، ئىپادىلەنگەندە ئۆزگىچىلىكى بولۇش. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ماقالىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئىپادىلەش شەكلىدە، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، يازسا ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ئىپادىلەشكە بولىدۇ. نومۇر، دەرىجە قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلەشكە باھا سۆزى بىلەن ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ؛ كۆپ خىل باھالاش شەكىللىرىنى قوللىنىپ ئۇنىۋېرسال باھالاشقىمۇ بولىدۇ. 
كۆپ يېزىش يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ بىر تەرىپى. كۆپ تۈزىتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ياخشى ئەسەر ھەقىقەتەن تۈزىتىش ئارقىلىق پۈتىدۇ. تۈزىتىش ئىقتىدارى يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەكىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تۈزىتىش - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى، شۇنداقلا يېزىقچىلىق پائالىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن يۇقىرى باسقۇچقا ئۆتۈش پەلەمپىيى بولۇپ، ياخشى ئەسەر تەكرار تۈزىتىش، كۆپ قېتىم يېزىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر تۈزىتىش جەريانىدا ئاساسىي مەقسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماتېرىيالنى بېيىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىلنى تۈزىتىش، يېزىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كونكرېت مەزمۇن ۋە ئۇسۇللارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش يازغانلارنى تۈزىتىش ئىقتىدارىنى باھالاشنىڭ مۇھىم تەرىپى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان يېزىقچىلىق پوزىتسىيىسىنى ۋە ئاڭلىق جەريان ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تۈزىتىشى ۋە ئۆزئارا تۈزىتىشى ئارقىلىق، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى بىرلىكتە يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم. 
4. ئاغزاكى ئالاقەنى باھالاش توغرىسىدا
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقىسىنى باھالىغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ تەلەپنى ئىگىلەش لازىم: بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارغا ئاغزاكى ئالاقە پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان جانلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئالاقە ۋەزىپىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈستىگە ئالدۇرۇش، ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى كونكرېت تىل مۇھىتىدا ئاغزاكى ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمەلىي پۇرسەت يارىتىپ بېرىش لازىم. ئاغزاكى ئالاقىنى باھالاش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئاغزاكى ئالاقە پائالىيىتى بىلەن خۇشال ـ خورام شۇغۇللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە قىلىدىغان ئەمەلىي قابىلىيىتىدىن تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. 
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكى تىل تەرەققىياتى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. بۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول كۆتۈرۈپ سۆز قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالغانلىقىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاغدىن ـ باغدىن سۆز قىلىپ، سۆزنى تەكرارلاپ ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى باھالاش سۆزىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاۋۋەل ئويلىنىۋېلىپ ئاندىن سۆزلەشنى، ئۆزىنىڭ ئىچكى تىلىنى ياخشى ئويۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. 
5. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش نى باھالاش توغرىسىدا 
ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش بۇ قېتىمقى تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يورۇق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش شەكلى بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭدا، دەرسخانىنى مەركەز قىلىش، دەرسلىكنى مەركەز قىلىش، ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئەندىزىسى بۇزۇۋېتىلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىن تېما چىقىرىش تەكىتلەندى. تەتقىق قىلىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىم ئېلىش، بىلىمنى تەتبىقلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكىتلەندى. ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تېما تەتقىق قىلىش ياكى مەخسۇس تېمىدىكى پائالىيەتلەر داۋامىدا بىۋاسىتە قاتنىشىشنىڭ تەسىراتىغا، تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، ھەمكارلىشىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۇچۇر توپلاش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ۋەزىپە تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلاردىن  ئىبارەت. ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە، تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەش ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش نەتىجىنى ئەمەس، جەرياننى تەكىتلەيدۇ؛ چوقۇم ئۆگىنىۋېلىشنى ئەمەس، ئۆگىنىۋېلىشنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى باھالىغاندا، ئاچقۇچلۇق بولغىنى شۇكى، پۈتۈن جەرياننى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلاردا مەڭگۈ قانائەتلىنىپ قالمايدىغان، قالتىس نەتىجىلەرگە ئىنتىلىدىغان پوزىتسىيىسى ئىپادىلىگەن ياكى ئىپادىلىمىگەنلىكىنى، كونكرېت قانداق تەسىرات ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى، مەسىلىلەرگە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە ئەمەلىي قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈش لازىم. 
تىل ـئەدەبىياتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى - تەكشۈرۈشنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرايلى 
مۇخبىر 4 ـ يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇشىنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىدىن چىقىپ، 4 ـ يىللىق 1 ـ سىنىپقا كىرگەندە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار يازغان تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىشى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي پائالىيەت دوكلاتلىرىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈۋاتقانىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىشىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇنداق دوكلات ئەمەلىيەتتە مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا مۇھىم بولۇپ، 60 نومۇرنى، ئاساس بىلىملەر 40 نومۇرنى ئىگىلەيدىكەن. 
ئوقۇتقۇچى ئۆزى لايىھىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر جەدۋىلىنى ئېلىپ ماڭا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قىزىققان تېمىلارنى تاللىۋېلىپ، ئۈچ ھەپتە زىيارەت قىلىش، ماتېرىيال كۆرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، تاللاش ئارقىلىق دوكلات يېزىپ چىقىدۇ. دوكلات تېمىسى 10 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ )تېما 10 نومۇر بولۇپ، يېڭى مەنە بولسا ئىككى نومۇر قوشۇلىدۇ(، مۇندەرىجە 10 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ. )تەرتىپى ئېنىق بولسا 10 نومۇر بېرىلىدۇ. لايىھىلىنىشى يېڭىچە بولسا ئىككى نومۇر قوشۇلىدۇ(، ماتېرىيال 20 نومۇر )مەزمۇنى مول بولسا 10 نومۇر، رەسىم بولسا بەش نومۇر، رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بلسا بەش نومۇر قوشۇلىدۇ(؛ تەسىراتقا 20 نومۇر )تەسىراتقا 15 نومۇر، مەزمۇنى ئەتراپلىق بولسا بەش نومۇر بېرىلىدۇ. 
مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلار تۈزگەن، تەييارلىغان ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دوكلاتلىرى تۇراتتى، ھەممىسى رەڭلىك بېسىلغانىدى. ھەر بىر دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى چىرايلىق ھەم خاسلىققا ئىگە قىلىنغانىدى. دوكلاتلار يېزىق بىلەن رەسىملەر بىلەشتۈرۈلۈپ، رەڭگا رەڭ تەييارلانغانىدى. 
جاڭ زېخۇا ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ھاشاراتلارغا قىزىقىپ قالغان. ھاشارات رەسىملىرى قىيىشنى پۇختا ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن كىتاب ئوقۇشقىمۇ قىزىققان. بۇ مەۋسۈمدە كىرىم چۆچەكلىرىنى بىر قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، قايتا ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 4 ـ يىللىقلار سىنىپلىرىنىڭ كارىدوردىكى تەشۋىقات تاختىسىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ستون ئېچىپ بەرگەن. مەخسۇس ستونغا قىيىۋېلىنىپ چاپلانغان سۈرەتتىكى ھاشاراتلارنىڭ بەزىلىرى سەكرەۋاتقاندەك، بەزىلىرى ئۇچۇ كېتىۋاتقاندەك ھالەتلەرنى ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ چۆرىسىگە ئۇ يازغان ماقالىلاردىن تاللانمىلار چاپلانغان. جاڭ زېخۇا ھاشاراتلارغا ئالاھىدە قىزىققانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تىل ـ ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى پائالىيىتى دوكلاتىدا ئۇ مەن بىلگەن ھاشاراتلار دۇنياسىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ھەم يېزىق، ھەم رەسىم بولۇپ، ماتېرىيال ئىنتايىن مول، پۇختا ئىشلەنگەن. ئەگەر ئالدىمدا تۇرغان ئاپتورنى كۆرمىگەن بولسا، بۇ دوكلاتنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ 4 ـ يىللىقىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم. 
باشقا ساۋاقداشلرنىڭ دوكلاتلىرىن ى كۆرۈپ باقتىم. يەنە بىر ئوقۇغۇچى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارە - يۇپىتېر تېمىسىدا دوكلات يېزىپتۇ. ئۇنىڭ مۇندەرىجىسى (1) قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى؛ (2) يۇپىتېردىكى ئاق بوران؛ (3) يۇپىتېردىكى قىزىل داغ؛ (4) يۇپىتېر ۋە يۇپىتېرنىڭ ھەمراھلىرى؛ (5) يۇپىتېر ھالقىسى؛ (6) يۇپىتېردىكى ئاۋرورا؛ (7) يۇپىتېرنىڭ ئىككىنچى ھەمرىيى؛ (8) تەسىرات بولۇپ، دوكلات يېزىق ۋە سۈرەتلەر بىلەن تەييارلانغان، ئەمەلىيەتتە پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئاممىباب ئەسەر بولغان. 
4 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپقا كىرگىنىمدە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىنىپىمىزدىكى تىل ـ ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى دەرسلىك تۈزۈپ، بىر قېتىمدىن ئوقۇتقۇچى بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىككە دەرس ئۆتىمەن... دېگەن تېمىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلاتلىرىغا قاراپ باقسام، تېما كۆپچىلىككە مۇھىت ئاسراش ھەققىدە دەرس ئۆتىمەن، كۆپچىلىككە كومپىيوتېر ۋە ئىنتېرنېت تورىنى چۈشەندۈرۈپ دەرس ئۆتىمەن، كۆپچىلىككە تانكا مودىلىنى ياساش توغرىسىدا دەرس ئۆتىمەن... دېگەندەك نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. دوكلاتنى باھالاپ تەكشۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇۋەرمەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپا سىرتىدىن ئالتە ۋەكىل تەكلىپ قىلىدىكەن. ئۇلار ئىمزا ھەم نومۇر قويىدىكەن. ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى قويغان نومۇر قوشۇلۇپ چىقىرىلغان ئوتتۇرىچە نومۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلاتتا ئالغان نومۇرى بولىدىكەن. 
مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن چىققاندا، ئۇزۇندىن بۇيان جاۋاب تاپالماي كېلىۋاتقان مۇنى مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم: قانداق قىلغاندا ئىمتىھاننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ساپاسى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ جاھاننى قېزىپمۇ جاۋاب تاپقىلى بولمايدىغان بۇ مەسىلىگە بەزى مەكتەپلەردە جاۋاب تېپىلىشقا باشلىغان. \@


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى