بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تىل-يېزىقىمىز >> تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:14:19    كۆرۈلۈش سانى : 443  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش
دۆلىتىمىزدىكى ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىدىن ئەگىشىپ، دەرس بايلىقىنى ئېچىشقا بارغانسېرى كۆپ ئەھمىيەت بېرىلدى، ئۇنىڭ مۇھىملىقىمۇ كۈنسايىن ئىپادىلەندى. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىق دېگەن نېمە؟ تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟ تىل - ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسى دەرس تۈزۈلۈشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى مۇۋاپىق ئاچقىلى ۋە ئۇنىڭدىن بايدىلانغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە پىرىنسىپلا توغرىسىدا بىر نەچچە تونۇشنى قىسقىچە تەھلىل قىلىمىز. بۇنىڭدا تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىدىن ئىبارەت يېڭى تېمىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش مەقسەت قىلىندى. 
1. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى 
دەرس بايلىقى دېگەن نېمە؟ مائارىپ چوڭ لۇغىتىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەلىم ـ تەربىيە جەريانىدا ئىگىلەنگەن، ئىشلىتىلگەن ۋە سەرپ قىلىنغان ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچنىڭ يىغىندىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. 
باشقا مۇتەخەسسىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا: دەرس بايلىقى - دەرس لايىھىلەش، يولغا قويۇش، ۋە باھالاش قاتارلىق پۈتكۈل دەرس تۈزۈش جەريانىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەممە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، دەرسلىك ۋە مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ياردمى بولىدىغان ھەر خىل بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ھەم بىلىم، ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ۋاستىسى، ھەم دەرسنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرس ئامىللىى مەنبەسىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن زۆرۈر ۋە بىۋاسىتە يولغا قويۇش شەرتى ، ۋە تەلىم ـ تەربىيە قىممىتىگە باي، مەكتەپ دەرسىگە ئۆزگىرەلەيدىغان ياكى مەكتەپنىڭ دەرسىگە خىزمەت قىلىدىغان ھەر خىل شەرتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى بويىچە، ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇش بايلىقى ۋە دەرستىن سىرتقى بايلىقى، مەسىلەن، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئاسما رەسىملىرى، قورال كىتابلار ۋە باشقا كىتابلار، گېزىت ـ ژۇرنال، كىنو، تېلېۋىزور، رادىئو، ئېنتېرنىت تورى، دوكلات يىغىنى نۇتۇق سۆزلەش، يىغىنى، مۇنازىرە يىغىنى، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنى، تىياتىر نومۇرلىرى، كۈتۈپخانا، موزېي، خاتىرە ساراي، كۆرگەزمە، ئېلان تاختىلىرى، گېزىت كارىدورى، تۈرلۈك ۋىۋىسكا ئېلانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەبىئەت مەنزىرىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئۆرپ ـ ئادەتلەر، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆز تېمىسى قاتارلىقلارنىمۇ تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى قىلىشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى ۋە دىنوتاتسىيىنىڭ كېڭىيىشچانلىقى مەكتەپنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى ۋە ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ھەممە تەرىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ھەممە بايلىق تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى بولالمايتتى. تەربىيە رولىغا ۋە ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىگە ھەقىقىي كىرەلەيدىغان، ھەمدە تىل ـ ئەدەبىيات تەلىم ـ تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىشەلەيدىغان بايلىقلارلا تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ رېئال بايلىقى بولالايدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇش ئىنتايىن مۇھىم. 
(1) باي ھەم كۆپ خىل ئېچىۋېلىشچانلىق 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى دەرسلىك كىتابلار نوپۇزىنىڭ مونوپوللىقى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ شەرت ـ شارائىت چەكلىمىسى بىلەنمۇ بوغۇلۇپ قالمايدۇ. نوقۇل تېكىستكە نۇرغۇن مول دەرسلىكمۇ يار ـ يۆلەك بولىدىغان بولدى. ھازىرقى مۇئەسسەسلەر ئېچىۋېتىلگەن بوشلۇققا كېڭەيتىلدى. دەرس بايلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدا دەرسنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پايدىلىق، دەرس ئۆلچىمىگە يېتىشكە ۋە تەلىم ـ تەربىيە مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا پايدىلىق مائارىپ بايلىقى بولدى، شۇڭا مول - كۆپ خىل ئېچىۋېلىشچانلىققا ئىگە. 
(2) كونكرېت ئوبرازلىق قاتنىشىشچانلىق 
مول ھەم كۆپ خىل دەرس بايلىقى ئۆزىنىڭ كونكرېت - ئوبرازلىق، جانلىق ـ تېتىك بلۇش ۋە ئاساسىي قىسمىدىكى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قاتنىشىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر بىلەن غىدىقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى قوزغىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار شۇ مۇھىتقا كىرىپ، خۇشاللىق تەسىرات ئىچىدە تۇرۇپ ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىدا كونكرېت ئوبرازلىق قاتنىشىشچانلىق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىدۇ. 
(3) ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ پەرقلىقلىقى 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان شەيئىلەرگە، مەسىلەن، كان بايلىقلىرى ۋە مەھسۇلات بايلىقلىرىغا ئوخشاش، ئەزەلدىن مەۋجۇت بولىدۇ. لېكىن تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى رەسمىي دەرستەك ئۆلچەملەشكەن، سىستېمىلاشقان، مەخسۇسلاشقان بولمايدۇ. شۇنى مەقسەتلىك تاللاشقا، ئۆزگەرتىشكە، ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئاشۇ بايلىقنى ئاچقۇچىلاردىكى دەرس قارىشى، بىلىش سەۋىيىسى، ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئوخشاش بىر خىل بايلىقنى ئېچىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى، يەتكەن تەلىم ـ تەربىيە نىشانىنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتە، ناھايىتى چوڭ پەرق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايون، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولىدۇ. مەكتەپنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، ئورنى، ئەنئەنىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئېچىپ پايدىلىنىدىغان دەرس بايلىقىمۇ تەبىئىي پەرقلىق بولىدۇ؛ ئوقۇغۇچلارنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەقلىي ئىقتىدار سەۋىيىسى، تۇرمۇش كەچۈرمىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىدىغان دەرس بايلىقىدىمۇ نۇرغۇن پەرقلەر بولىدۇ. 
(4) ئېچىشقا بولىدىغان ۋاستىلىق، يوشۇرۇن خۇسۇسىيىتى 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى تەبىئىي مېنرال سۇدەك بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلىم ـ تەربىيە قىممىتى مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسىدەك ئۇنداق روشەن، بىۋاسىتە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەھۋالدا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقى ۋاستىلىق ۋە يوشۇرۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. دەرس لايىھىسى لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ماتېرىيال تاللاشتىكى ئىچكى قىممەت يۈزلىنىشى ۋە ھېرىس بولۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دەرس بايلىقى دەرس لايىھىسىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايسى بايلىقلارنى دەرس لايىھىسىنىڭ ئاساسىي قىلىپ تاللاشتىمۇ، لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ مۇئەييەن يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ھال دەرسنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ۋە باھالىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرسنى يولغا قويۇشتا دەرس بايلىقى تەمىنلىگەن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردىكى شارائىتنىڭ قوللىشىغا ۋە كاپالەتلەندۈرۈشىگە مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا، بىر تەرەپتىن، تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى بايلىقىنى تاللىغان ياكى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۇ مەكتەپنىڭ دەرسى بولالايدۇ ياكى دەرسنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق ئاساسىي شەرت بولالايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنى يولغا قويۇشتا ئىلگىرى سۈرۈش ياكى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. 
(5) بىر ـ بىرىنى مەنپەئەتدار قىلىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنىڭ كۆپ خاراكتېرلىكى 
بىر خىل بايلىق ئوخشىمىغان دەرسلەرگە ئوخشىمىغان قىممەت ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئورۇن پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوقۇلىدىغان بىر دەرسنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇنىڭدا بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر پۈتۈن ئۈنۈم پەيدا قىلىشمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، تەبىئەت مەنزىرىسى، ئۆرپ ـ ئادەتلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخ ئىلمىنىڭ بايلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ياكى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشتىكى ئۇنىۋېرسال بايلىقى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. تەبىئەت مەنزىرىسى يۇغۇرۇلغان كۆپ ۋاسىتىلىق دەرسكە مۇزىكا ۋە شېئىر سەپلەنسە، ئوقۇتۇش مەقسىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوزۇرلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بايلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈمى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقىمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كۆپ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك يۇقىرى ساپالىق تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىمكانىيەتتىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلىنىپ، چىرىكنى ھەيران قالارلىققا ئۆزگەرتىپ، چەكلىكتىن چەكسىزلىككە يېتىپ، كېرەكسىزنى كېرەكلىككە ئۆزگەرتىپ، نوقۇل دەرسلىكنى مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل قىلىپ ئۆزگەرتىپ، دەرس بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ۋە ئىپادىلىنىشنى بەلگىلىگەن. 
2. تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشى 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەر پائال شارائىت يارىتىپ تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن مۇناسىپ ئۇسكۈنىلەرنى تىرىشىپ سەپلىشى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايونلار بىلەن مۇقىم ئالاقە ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تىل ـ ئەدەبىياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، كۆپ خىل شەكىلدىكى تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئىجادىي ھالدا قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش، تىل ـ ئەدەبىيات قوللىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات قابىلىيىتىنى كۆپ تەرەپلىمە ئۆستۈرۈشى لازىم. يېڭى دەرس ئۆلچىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان ئوقۇتۇشىنى سىياسىي ئاساس ۋە قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەنئەنىۋى دەرسلىك يېڭى ھاياتىي كۈچ بىلەن تولغان دەرس بايلىقى بىلەن تولۇقلانسا، ئەگەر بىز يېڭى دەرس بايلىقى ئېڭىنى بەرپا قىلالمىساق، ئەگەر ئۆزىمىزنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشىنىڭ پاسسىپ ھالىتىدىن ئازاد قىلالمىساق، ئەگەر ھەر خىل بايلىقلارنى مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرالمىساق، ئالدىمىزدا مول مەزمۇنلۇق كۆپ خىل دەرس بايلىقلىرى تۇرغان تەقدىردىمۇ، بىز دەرسلىكنى ئىجادىي قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە مەكتەپ دەرسنى ئېچىش ۋە يولغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ يېڭى دەرسلىك ئالدىدا نېمە قىلىشنى بىلمەي قالىمىز. شۇڭا، تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن جىددىي ۋە تەس مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندە تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى، پىرىنسىپى ۋە يولى ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر. 
(1) مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان بەلگىلىنىشى 
ليۇشۇدۇڭ، جياڭ نىڭچۈەن، مالىلار تۈزگەن مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس بايلىقىنى ئېچىش ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان بەلگىلىنىشى تۆۋەندىكى بەش تەرەپتىن بولىدۇ: 
بىرىنچىدىن، سۇبيېكتىپلىقى، مەكتەپ سۇبيېكتىپ بولۇپ، دەرسنى مۇستەقىل ئاچىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ ئوقۇتقۇچى سۇبيېكتىپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دەرسنى ئاچىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ئاساس قىلىنىپ دەرس ئېچىلىدۇ ۋە دەرستىن پايدىلىنىلىدۇ. 
ئىككىنچىدىن، ئاساسلىقى، ئاساس مائارىپتا ئاساسقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ مائارىپ قانۇنىيىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەكتەپ نۇسخىسى دىكى دەرسنى ئېچىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۇختا ئاساس سېلىشىغا خىزمەت قىلىش لازىم. 
ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات خۇسۇسىيىتى. مەكتەپ تەربىيىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە تەييارلىق كۆرىدۇ. شۇڭا دەرس ۋە ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى نەزەرگە ئېلىنىشى لازىم. 
تۆتىنچىدىن، ئەتراپلىقى. ئادەمنىڭ تەرەققىياتى تەشەببۇسكار، ئەتراپلىق تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. تەلىم ـ تەربىيە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىكى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەخلاق، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئەڭ تېز، ئەڭ تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس مۇشۇ ئەتراپلىق تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلىش لازىم. 
بەشىنچىدىن، ئەسقىتىشچانلىقى. دۆلەت دەرسى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن بولۇپ، پەرق مەۋجۇت بولغان رايونلار تەلىپىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس ۋە يەرلىك دەرس ئارقىلىق يەرلىك تەربىيىنى ۋە كەسىپ تەربىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. 
(3) مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىدا ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلار 
مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس مەكتەپ مائارىپ دەرسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىلىشىدا دەرس تۈزۈشنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىلىق ئاساسىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش لازىم؛
بىرىنچىدىن، بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش پىرىنسىپى. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس دۆلەت دەرسىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى بولۇپ، مائارىپ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە دۆلەت دەرسى بىر قەدەر قولايلىق بولىدۇ. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس كۆپ خىللاشتۇرۇشقا يەتكۈزۈش جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە. 
ئىككىنچىدىن، قاراتمىلىق پىرىنسىپى. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس مەكتەپلەر ئارا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. دەرسنىڭ تەسسىس قىلىنىشىدا مەكتەپ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش تەكىتلىنىدۇ. 
ئۈچىنچىدىن كۆپ خىللىق پىرىنسىپى. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس خېلى چوڭ ئىلاستىكىلىققا ۋە يۇمشاقلىققا ئىگە بولغاچقا، كۆپ خىللىققا ئىگە دەرس بولۇشى كېرەك؛ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس ئوقۇغۇچىلارغا خېلى چوڭ تاللاش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ؛ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرستە تەسسىس قىلىنغان كۆپ خىللىق دەرىجىسىى قانچىكى يۇقىرى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى شۇنچە چوڭ بلىدۇ، مەكتەپنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 
تۆتىنچىدن، مۇمكىنچىلىك پىرىنسىپى. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسنى تەسسىس قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم. 
بەزى ئالىملار ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش پىرىنسىپى مەكتەپ نۇسخىلاشتۇرۇش پىرىنسىپى، ئەتراپلىقلاشتۇرۇش پىرىنسىپىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس سىستېمىسى پىرىنسىپلىرىنى قوشۇمچىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
(3) تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر يولى 
تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنى ئېچىش ۋە لايىھىلەشتىكى پىكىر يولىدا ئوخشىمىغان ئەھمىيەت بېرىش، ئوخشىمىغان يوللار بولۇشى لازىم. بۇنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتتىن ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ؛ 
بىرىنچىدىن، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دەرس ئۆلچىمى، پروگرامما، ئورتاق قوللىنىلىدىغان دەرسلىكنى تەڭشەشكە، قايتىدىن گۇرۇپپىلاشقا ياكى ئۇلارنى كېڭەيتىشكە، ئۇزارتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، خاربىن شەھەرلىك 69 ـ ئوتتۇرا منەكتەپ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسلىكنى تۈزۈپ چىققان. بۇ دەرسلىكتە دۆلەت دەرسى بىلەن مەكتەپ دەرسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، دەرس ئىچى ۋە سىرتىدا سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش، دەرس ئىچىدىكى بىلىمنى دەرس سىرتىغا يۆتكىگەندىن كېيىنكى قايتىدىن كېڭەيتىش، تىل ـ ئەدەبىياتتىكى ماقالە يېزىش ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەشق قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى كېڭەيتىش ۋە يولغا قويۇش ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق ئىشلىگەن. ئىككىنچىدىن، ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسكە يېڭىلىق تۇيغۇسى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىنىڭ تىكلىنىشىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئەمەلىي پائالىيەت، تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش، تىل ـ ئەدەبىيات تەجرىبىخانىسى پائالىيىتى، ئەدەبىيات پائالىيەتلىرى، ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، نادىر خاتىرىلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ باھالاش پائالىيىتى، گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش پائالىيىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىجادىيىتى، جەمئىيەت تەكشۈرۈش، ھېكايە ئېيتىش يىغىنى، مەكتەپ ژۇرنىلى، سىنىپ گېزىتى چىقىرىش قاتارلىقلارقوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۈنۈملۈك سىناق بولۇپ، مەكتەپنىڭ دەرسخانىدا ئوقۇتۇش نەزەرىيىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېتىك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىتارلىق جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئىقتىساد ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ساھەسىدە باش قاتتۇرۇش لازىم. مەسىلەن، شېئىر ـ نەزمىلەردىن ھوزۇرلىنىش، كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىش، مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش، توغرا ئۆگىنىش لېكسىيىسى تەسسىس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دەۋرنىڭ قىززىق نۇقتىدىكى سۆز تېمىلىرىنى سۈرۈشتۈرىدىغان دەرسلەرمۇ ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدە قارشى ئېلىنىدۇ، ئۇنى كېڭەيتىشمۇ بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن، تېلېۋىزور ئېلانلىرى، ئەڭ تارقالغان كىتابلار، كلون ۋە نانومېتر تېخنىكىسى WTO غا يۈرۈش قىلىش قاتارلىقلار شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تەسسىس قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشتۈرگىلى، ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ دەرسلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام خۇشاللىق ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇچۇر ئىگىلەشكە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا دىققەت قىلسىلا بۇ دەرسلەرنى تەسسىس قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
تۆتىنچىدىن، ئاچقۇچى ۋە ئېچىش ۋاستىسى، ئېچىش يوللىرى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇش لازىم. كونكرېت ئىشلەش ئۇسۇلى ئۇچۇر تورى تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش سۇبيېكتى بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش سۇبيېكتى بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، تەربىيىلىگۈچى بىلەن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پەرقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، سىستېما ئىچىدىكى ۋە سىستېما سىرتىدىكى تەلىم ـ تەربىيە بايلىقىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، تەلىم ـ تەربىيىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ۋە ئېچىۋېتىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسى ئىشلەشكە، دەرس دېتاللىرى ، تور بەتلىرى ياساشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مەكتەپتە ئەدەبىيات ژۇرنىلى چىقىرىشقا، تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش بويىچە بايلىق ئىسكىلاتى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى مەكتەپ دەرسلىرى ئەمەلىيەتتە ئوقۇلىدىغان دەرس تاپشۇرۇقىنى دەرسلەشتۈرىدۇ. تاپشۇرۇق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى مۇستەقىل ئىزدەيدىغان، دەرسلىكنى ئۆز ئالدىغا قايتىدىن گۇرۇپپىلايدىغان، ئۆزىنى تەڭشەپ ۋە نازارەت - كونترول قىلىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدىغان قىلىدۇ. كونكرېت بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئوقۇتۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ئوقۇتۇش قارشى ۋە ھەرىكىتىدىكى بۇنداق ئۆزگىرىش ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مائارىپقا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشىنى، تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسنى ئېچىش، ئادەتتىكى دەرس ۋە ئوقۇتۇش داۋامىدا ئۇنىڭدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ھەر بىر ئۆگەنگۈچىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى ھەر بىر ئۆگەنگۈچىنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرغىلى، ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن بايقاش، ئىجاد قىلىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. 
تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشى يۇقىرىقى تۆت خىل يول بىلەن چەكلەنمەيدۇ. يۇقىرىقى تۆت خىل يولمۇ يەككە ـ يېگانە مەۋجۇت بولمايدۇ. ھەمىشە دەرسلەر ئارىسىدا ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاشقا بولىدۇ ھەم تەتبىقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ دەرسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تەلىم ـ تەربىيىنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر خىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپلىرىنى قاندۇرغان ياكى قاندۇرمىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى مەھكەم ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش لازىم. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشنى ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قىلماسلىققا دىققەت قىلىش، ئالىملارنىڭ لايىھىسىنى قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئالاھىدە ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ۋە جانلىق كونكرېت ئادەملەرگە سەل قارىماسلىق لازىم. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا ۋە قايتىدىن تاللىشىغا يول قويۇشى لازىم. مەكتەپ مەمۇرىي جەھەتتىن بەك كۆپ ئارىلىشىۋالماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، ئوقۇتۇش ەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. 
مەكتەپ نۇسخىسى دىكى دەرس مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ جانلىق ساھەسى بولۇشى، مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇىنى ئېچىش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنى ئۆزگەرتىشى، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قادۇرۇىدىغان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەنئەنىۋىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش لازىم. مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرسلىك بولسىمۇ، لېكىن، مەكتەپ بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىغا، ھازىرقى زامان پەن ـ تېخنىكىسىغا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلىشى لازىم. بىلىدىغانلار ئۇستاز بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، ئوقۇلىدىغان دەرسلەر تەربىيىسىنىڭ دەرسخانىسىنى ماگېزىن، زاۋۇت، ئىدارە مەھەللە يېزا، تور، ۋاسىتە، تەبىئەت قاتارلىق ھەر قايسى سەھەلەرگە كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي مائارىپ بايلىقىنى يېڭىباشتىن ماسلاشتۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە، توپلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىل ـ ئەدەبىياتنىڭ مەكتەپ نۇسخىسىدىكى دەرس قۇرۇلۇشىنى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۈلگە قىلىش، ئۆگىنىش داۋامىدا يولغا قويۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. 
3. تىل ـ ئەدەبىيات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىنى ئېچىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، تىل ـ ئەدەبىيات دەرسى بايلىقىنىڭ موللىقى ۋە كۆپ خىللىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپلا قالماستىن، مەكتەپلەر پائال شارائىت يارىتىپ، تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەرنى تىرىشىپ سەپلىشى؛ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايونلار بىلەن مۇقىم ئالاقە ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تىل ـ ئەدەبىياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، كۆپ خىل شەكىلدىكى تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئىجادىي ھالدا قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش، تىل ـ ئەدەبىيات قوللىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات قابىلىيىتىنى كۆپ تەرەپلىمە ئۆستۈرۈشى لازىم دەپ تەكىتلەندى. 

(1) دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئاسما رەسىملىرى قاتارلىق دەرس مەزمۇنى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئاسما رەسىملىرى، قورال كىتابلار ۋە باشقا كىتابلار، گېزىت ـ ژۇرنال قاتارلىق دەرس بايلىقلىرى پايدىلىنىشنىڭ دائىملىقلىقى ۋە ئاسانلىقلىقىدىن ئېيتقاندا، دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشتا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى لازىم. دەرسلىكتىن چەتنەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەيدىغان سەپسەتىنى بۇزۇۋېتىش، ئوقۇتۇش ھەر خىل دەرسلىك بايلىقلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا تاللىشى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، دەرسلىكنى مۇۋاپىىق ئۆزگەرتىشى تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە دىنوتاتسىيىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە خاراكتېرى قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئېچىشى ۋە كېڭەيتىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېقىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان تېكىستلەرنى تۈزۈپ ياكى تاللاپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئىپادىلەش، سخېما، قورال كىتاب ۋە باشقا كىتاب، گېزىت ـ ژۇرنال قاتارلىق دەرس بايلىقلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتۇش جەريانىنى ياخشىلاپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، دەرسلىك بىلەن ھەر خىل دەرس مەنبەلىرىنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم. 
(2) دوكلات يىغىنى، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
دوكلات يىغىنى، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى، مۇنازىرە يىغىنى تىياتىر قويۇش، ھېكايە سۆزلەش يىغىنى، دېكلاماتسىيە يىغىنى قاتارلىقلارنى ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ دەرس بايلىقى قىلىپ بىۋاسىتە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. مەكتەپ يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسىنى قوزغىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىقتىدارىنى ۋە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئېچىش لازىم. 
(3) كىنو، تېلېۋىزور، ئېنتېرنىت تورى قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
كىنو، تېلېۋىزور، رادىئو، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق دەرس بايلىقلىرىغا ئاۋاز، سۈرەت، يېزىش مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى رەڭگارەڭ تەلىم ـ تەربىيە مۇھىتى ۋە ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش قورالى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھازىرقى زاماندىكى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ ياخشى شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ماتېرىيال توپلىشى، ئۇچۇر تاللىشى، دەرس تەييارلىشى، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى تەقلىدىي ياساپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلار بىلەن غىدىقلاپ، ئۇلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا قوزغىشى لازىم، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ھەربىر ئۆگەنگۈچىنى تېخىمۇ قوزغىتالايدىغان قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەرەققىيات، ئىجاد قىلىش پائالىيىتى بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى سىناپ كۆرۈش كېرەك. 
(4) كۈتۈپخانا، موزېي قاتارلىق دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
كۈتۈپخانا، موزېي، خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمە، ئېلان تاختىلىرى، گېزىت كارىدورى، تۈرلۈك ۋېۋىسكا ئېلانلىرى قاتارلىقلار ئېچىشقا بولىدىغان غايەت زور دەرس بايلىقى غەزىنىسى بولۇپ، بۇلارنى يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن بايلىق قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى كۈتۈپخانىلاردىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا، ماتېرىيال كۆرۈشكە، موزېي، خاتىرە سارىيى ۋە كۆرگەزمىلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا، قەدىمكى ۋە ھازىرقى كىشىلەرنىڭ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ، بىلىم مەزمۇنىنى بېيىتىپ، گۇمانىتارلىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئويۇشتۇرۇشى لازىم. ئېلان تەشۋىقاتىدا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇ سۆزلەرنىڭ ياخشى ـ يامانلىرىنى باھالاتقۇزۇش، راست ـ يالغانلىرىنى ئايرىغۇزۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا تىل ئۆگىنىپ، تىل تەتبىق قىلدۇرۇپ، بىلىم ۋە ماھارەتنى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇشى لازىم. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى يېڭى دەرسنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كىتابلار قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى لازىم. 
(5) تەبىئەت مەنزىرىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
تەبىئەت مەنزىرىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئۆرپ ـ ئادەتلەر تۈگىمەس  ئۆگىنىش بايلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ئىقلىمى ھەر خىل، ھەممە يەردە داڭلىق تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئۆزگىچە ئۆرپ ـ ئادەتلەر بار. ئۇلارغا يوشۇرۇنغان مول دەرس بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، ھېسسىياتنى تاۋلاشنىڭ مۇھىم شەكلى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، ئانالىز ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئەت قوينىغا كىرىشكە يېتەكلەپ، مەكتەپ سىرتىدىكى كەڭ دۇنيانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىشى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى كۆزىتىپ، چۈشىنىشىگە، ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشىگە يول قويۇشى لازىم. بۇ خىلدىكى دەرس بايلىقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئەنئەنىۋى دەرسلىكلەر ئۇنىڭ موللىقى ۋە كەڭلىكىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. 
(6) مەھەللە، ئائىلە قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش 
مەھەللە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا مول تەلىم ـ تەربىيە بايلىقى يوشۇرۇنغان بولۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم ـ تەربىيىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدە ئىپادىلىنىپ، ئۇنى مەكتەپ ئىچىدىكى بايلىق بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتى تەرەققىياتى، مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەربىيىلىنىش ئادىتى ئائىلە ھالىتى، جەمئىيەت كەيپىياتى، كىشىلك مۇناسىۋىتىدىن ئايرىلمايدۇ. مەكتەپ بىلەن مەھەللە، ئائىلە ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ۋە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر ساھە ئەربابلىرىنى مەكتەپكە ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئالىملارنى مەكتەپكە كېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە، ئەڭ يېڭى ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات بېرىشكە، مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم ـ تەربىيە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا، مەكتەپ مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىلىكنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش لازىم. قىسقىسى، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەردىكى مۇئەسسەسەلەردىن، تەبىئىي بايلىقلاردىن ۋە ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللىي تەربىيىنى، ئىستېتىك تەربىيىنى ۋە مۇھىت تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئازادە ئېچىۋېتىلگەن تىل ـ ئەدەبىيات ئۆگىنىش مۇھىتىدا مەنىۋىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. 
تىل ـ ئەدەبىيات دەرس بايلىقلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش دەرسلىك ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. تىل ـ ئەدەبىيات دەرس ئىسلاھاتى مائارىپىنىڭ ئۇچقاندەك يۈكسىلىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى. مائارىپ سۇبيېكتىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرس بايلىقى ۋە دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى زامان تىل ـ ئەدەبىيات تارىخىدىكى بۇ ئوبدان پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىش ـ تۇتۇۋالماسلىقى جۇڭخۇا مائارىپى بىلەن بىرلىكتە پەرۋاز قىلىشى، يېڭى دەرس بىلەن بىرلىكتە يېتىلىشى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇ...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلى...
●  تىل - ئەدەبىيات دەر...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ...
●  مۇستەقىل ھەم ياردە...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ ت...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوق...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەر...
●  «تۈركىي تىللار دىۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلى...
●  ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىك...
●  تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى...
●  ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەد...
●  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى س...
●  باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن ...
●  تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش...
●  تىل ـ ئەدەبىيات دەرس باي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى