تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئېستېتىك قىممىتى ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:34:24 كۆرۈلۈش سانى : 880
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئېستېتىك قىممىتى ھەققىدە
ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك رولى دېگەندە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئېستېتىك قىممەت ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئېستېتىك زوق، ئاتا قىلىپ، ئۇلاردا نېمىنىڭ گۈزەل، نېمىنىڭ خۇنۈك ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئېستېتىك ئىقتىدارنى، گۈزەللىكنى سۆيۈپ، خۇنۈكلۈكتىن نەپرەتلىنىدىغان توغرا ئېستېتىك قاراشنى ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ساغلام غايىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت رولى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تېكىستلەرنىڭ ئېستېتىك رولى — ئەمەلىيەتتە ئېستېتىك تەربىيىۋى رولىدۇر. دەرسلىكتىكى تېكىستلەرنى ئۆتۈشتىن مەقسەت، ئاشۇ تېكىستلەردە يارىتىلغان ئوبرازلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا چىنلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ، ئىشچانلىقنىڭ، باتۇرلۇقنىڭ، كوللېكتىۋىزملىقنىڭ، ھالال ياشاشنىڭ، دوستانە مېھرىبانلىقنىڭ، راستچىللىقنىڭ دەل بىز تەكىتلەۋاتقان گۈزەللىك ئىكەنلىكى، مۇشۇنداق پەزىلەت ئىگىلىرى بولغىنى ئۈچۈنلا دۇنيانىڭ شۇنچە گۈزەل ئىكەنلىكى، ئەكسىچە ساختىلىق، ۋاپاسىزلىق، ھۇرۇنلۇق، يالغانچىلىق، ئىككى يۈزلىمىلىك، قورقۇنچاقلىق، نەپسانىيەتچىلىك، زالىملىق قاتارلىقلارنىڭ خۇنۈكلۈك ئىكەنلىكى، بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق سەتچىلىكلەر بولغىنى ئۈچۈن گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتىدۇ. مانا بۇ تېكىستلەردىكى ئېستېتىك قىممەتنىڭ يادروسى. ئەدەبىي ئەسەرلەر — مەكتەپلەردە مۇكەممەل سىستېمىسى بار بىر پۈتۈن تۇرمۇش دەرسلىكى سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ساپ ئىنسانىي ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلاش رولىنى ئويناپ، ئۇلاردا گۈزەللىك قارىشىنى تۇرغۇزۇش، گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ۋە پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، گۈزەللىككە بولغان ئىشتىياقىنى قوزغاش، ئالىيجاناب ئېستېتىك غايە ۋە گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش جەھەتلەردە مۇقەررەر يوسۇندا ئۆزىنىڭ ئېستېتىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇڭا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئەدەبىي تېكىستلەرنى ئۆتكەندە نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ مەزمۇنىغىلا كۈچىمەستىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ئېستېتىك قىممەتنى تېپىپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىش كېرەك. بۇ ھەقتە تالانتلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى مۇنداق دېگەن ئىدى: >ھەقىقىي بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەردە تۇرمۇش كارتىنىسى كۆرسىتىپ بېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى نېمىنىڭ راستچىللىق، نېمىنىڭ يالغانچىلىق، نېمىنىڭ گۈزەللىك، نېمىنىڭ سەتچىلىك، نېمىنىڭ پاكلىق، نېمىنىڭ چىرىكلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى تېخىمۇ بەخت - سائادەتلىك تۇرمۇش يارىتىش يولىدا كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ…< نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدىكى تېكىستلەردە گۈزەللىك مەدھىيلەنگەن ئەسەرلەرمۇ، رەزىللىك قامچىلانغان ئەسەرلەرمۇ بار. مەسىلەن: ئەخەت تۇردىنىڭ: >گۇلخان< ناملىق ھېكايىسى دەل بىۋاسىتە ئوبيېكتنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلىگەن ئېسىل ئەسەردۇر. بۇ ئەسەردە ئوقۇغۇچىلارغا: >تاشقى گۈزەللىكلا گۈزەللىك ئەمەس، بەلكى قەلب گۈزەللىكى ھەقىقىي گۈزەللىكتۇر< دېگەن ھەقىقەتنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرگەن. ئەسەردە قەيسەر گۈلخاندىن >مەن ئەمدى سىز كۆرگەن گۈلخان ئەمەس، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ< دېگەن مەزمۇندا بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ - دە، مۇھەببەت ئوتى بىلەن پۇچىلانغان ۋاپادار قەلبى ئاچچىق ھەسرەتكە تولىدۇ. ئاخىرى >گۈلخاننىڭ قەھرىمان ئۈلگە< بولغانلىقىنى بىلىپ >شەرەپكە ئېرىشكەندە مەندىن ۋاز كەچكەن ئوخشايدۇ< دېگەن ئويغا كېلىپ گۈلخاندىن ئاغرىنىدۇ ھەمدە بۇنداق >ئالتۇننى كۆرۈپ ئاداشقان پەرىشتە< دەك قىزدىن ئادا - جۇدا بولماقچى بولىدۇ. كېيىن گۈلخان بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى، گۈلخاننىڭ بىر مېتىرى نەچچە يۈز يۈەن بىلەن قېزىلغان ئۈچ مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنى ۋە سەپداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گۈزەل چىرايىدىن، سول قولىنىڭ بارماقلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلگەندە بولسا، گۈلخاننى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھېكايىدىكى ھەقىقىي ئېستېتىك قىممەت زادى قايسى؟ ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتى مول مەزمۇنلۇق ۋە مۇرەككەپ بىر دۇنيا. شۇڭا ئادەملەرنىڭ مۇھەببەت قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. گۈلخان ھېكايىسىدا ھەقىقىي ئالىيجاناب مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا ئېستېتىك نۇقتىدىن چىقىپ جاۋاب بەرگەن. ھېكايىدە گۈلخان ۋە قەيسەرنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆپچىلىكنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان، توغرا ھەق ۋە ناھەق قارىشىغا ئىگە بولغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ھەقىقىي گۈزەللىك ئادەمنىڭ قەلبىدە بولىدۇ، دېگەندەك ھەقىقەتنى پاكىتلىق چۈشەندۈرگەن. |
|