ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:08:59 كۆرۈلۈش سانى : 272
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەل قاياققا باقسا،
سەن شۇياققا باق.
ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە،
كېچە - كۈندۈز غېمىنى يە.
ئەلگە بارساڭ ئېلىپ بار،
يالغان سۆزۈڭنى قويۇپ بار.
يامان ھارۋا يول بۇزار،
يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
ئەل بار يەردە ئەر بار.
ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرسە يول بولۇر.
ئەلگە باققان خار ئەمەس.
ئەل غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس،
ئەلدىن بەزگەن ئەر ئەمەس.
يولدىن ئازسىمۇ يۇرتىدىن ئازماس.
ئەل ئاياق باسمىغان يەردە يۈرمە.
ئەل ئامان بولسا، پادىشاھ غەمسىز بولۇر.
ئەل چۈشكەرسە بوران چىقار.
كىشىنىڭ ئوردىسىدىن ئۆزۈمنىڭ توپىسى ياخشى.
دەرەخ قانچە ئېگىز بولغىنى بىلەن تۇپراقتىن ئايرىلالماس.
قەس قىلغاننى پەس قىل.
ئوتنى كىچىك كۆرمە كۆيدۈرىدۇ،
دۈشمەننى كىچىك كۆرمە ئۆلتۈرىدۇ.
دوستقا ئىناق بول،
دۈشمەندىن يىراق بول.
ئۆپكە قېرىن گۆش ئەمەس،
تېگى دۈشمەن ئۆز ئەمەس.
زەھەرلىك يىلاننىڭ قاسرىقى ئالا.
نىيىتى ياماننى ئىت تونۇر،
چاپىنى ياماننى پىت (تونۇر).
دوست يىغلىتىپ ئېيتار،
دۈشمەن كۈلدۈرۈپ (ئېيتار).
دۈشمەن بۇيرۇسا بارما،
دوستۇڭ بۇيرۇسا قالما.
بۆرىنىڭ بالىسى ھامان بۆرە.
يىراقتىكى دۈشمەندىن، پايلاپ يۈرگەن ئۆز يامان.
ياماندىن قاراۋۇل قويساڭ دۈشمەن يەتتە بولۇر.
ئېشەككە با بولساڭمۇ، دۈشمەنگە تاش بول.
قەغەزنى لاتا دېمە،
دۈشمەننى ئاكا دېمە.
دۈشمەن ئاياغقا باقار،
دوست باشقا (باقار).
دوستۇڭ مىڭ بولسىمۇ ئاز بولغىنى،
دۈشمىنىڭ بىر بولسىمۇ كۆپ بولغىنى.
دوستۇڭ ئۈچۈن سىلىق بول،
دۈشمەن ئۈچۈن سىرلىق (بول).
دۈشمىنىڭگە ئۆيۈڭنى كۆرسەتمە،
ئوغرىغا پۇلۇڭنى (كۆرسەتمە).
ئات ئۆلسە ئىتقا توي بولۇر.
دوست تىنچلىق تىلەيدۇ،
دۈشمەن پىچاق بىلەيدۇ.
دۈشمەنگە شەپقەت،
ئۆزۈڭگە كۈلپەت.
|
|