بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تەمسىللىرىمىز >> بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر 5.4

بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر 5.4

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-04 13:30:49    كۆرۈلۈش سانى : 59  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
سۇ يەرنىڭ قېنى، يەر دېھقاننىڭ جېنى. كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قاپتۇ لېۋىنى چىشلەپ. بايلىقىڭنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر. ئەلدىن سورىغىچە يەردىن سورا. باھاردا ئۇخلىمىغان قىشتا غەم قىلماس. يازدا بىكار ياتقاننىڭ قىشتا بېلى سۇنار. ئەجىرسىز يەردە زىرائەت ئوخشىماس. مۇھەممەت كامال نەشرگە تەييارلىغان. شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش (كۆرسىتەر). ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر (كۆكىرەر). بىر تال باش — بىر قوشۇق ئاش. ئوسا چالا بولسا زىرائىتىڭ ئالا بولۇر. سەن  يەرنى گوللىساڭ، يەر سېنى گوللايدۇ. سۈيۈڭ غول — ئېشىڭ مول. ئۇرۇقۇڭنى يېگىچە، ئۇيۇڭنى يە. دېھقانچىلىق —چىلىق - چىلىق. يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز (ھەيدە). ئەمگەك قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ (چىقار). ئەمگەكنىڭ تېگى راھەت. ئەمگەك يەردە قالماس. ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخى. تېرىغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر (قېرىماس). دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار (قىل). ئەمگەك قىلمىساڭ ئوبدان، ئالالمايسەن بىر دان. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولىدۇ. تېرىساڭ خامان قىلۇرسەن، تېرىمىساڭ ئارمان (قىلۇرسەن). دەرەخ تىكسەڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، بىلىم (ئالىسەن). كۆچەتنى سۇندۇرغۇچە، قولۇڭنى قايرىپ كۆر. يىغلاپ تۇرۇپ توغان تۇت، كۈلۈپ تۇرۇپ سۇ قۇي. يەر ئەسكى ئەمەس، ئەر ئەسكى. ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق. ئاتامدىن قالغان دۇنيانى، كونا كەتمەن يەپ بولدى. ئوناق - ئوناققا كەلمەپتۇ، ئارقىدىكى يەر قۇناققا (كەلمەپتۇ). ئوغۇت يەرنىڭ يېغى. يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە. تېرىمىغاننىڭ چارىكى چوڭ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كېكەچ بولسىمۇ باين...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى ب...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپق...
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەلل...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ با...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىل...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپقىچە
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ك...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى