بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تەمسىللىرىمىز >> بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر 5.6 كۈنى

بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر 5.6 كۈنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-06 12:27:52    كۆرۈلۈش سانى : 55  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
خۇدا ساقلىغان يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ يوق. ئىشلىگەن چىلىق - چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرۇقچىلىق. بايلىقنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر. گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس. ھوسۇل بەرمىگەن يەر ئەمەس. ئەجىر قىلساڭ يەردىن بايلىق چىقىدۇ. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. ئاتاڭ يۈز بېشى بولغىچە، ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن. يەرنى ئالدىغان، ئۆزىنى ئالدار. يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق. بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك (بېرەر). ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت. ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ئاش خالىسەن قاچىلاپ. ئاتاڭنى مىراپ قىلغۇچە، ئېرىقىڭنى چوڭقۇر چاپ. يىلنىڭ ئىشى ئەتىيازغا باغلىق. قۇم يىغىلسا تاش بولماس، تېرىمىغۇچە ئاش (بولماس). تېرىغان ئۆزىدىن سوراپتۇ، تېرىمىغان كىشىدن (سوراپتۇ). تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان (قىلار). ئىشلىسە ئاي، ئىشلىمىسە ساي. دېھقاننىڭ پۇلى يەردە، بايلىقى پېشانىسىدىكى تەردە. دېھقانچىلىق، بەزىدە چىلىق - چىلىق، بەزىدە قۇرۇق پىلىك. ئاشنىڭ قەدرىنى دېھقان بىلەر. كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر. لەززىتىنى تىل (بىلەر). يەرنىڭ زىننىتى كەتمەن، ئادەمنىڭ زىننىتى ئەمگەك. يىغلاپ يۈرۈپ قىر قىلار، ئويناپ يۈرۈپ سۇ تۇت. ئېرىقنى چوڭقۇر چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت. يەرگە چاچساڭ ئۇرۇق، يەر قويماس قۇرۇق. سېنى باقار زىرائەت، يەرگە قىلما خىيانەت. بۇغداي دېگۈدەك: — مېنى مۇزغا مىلىسەڭ، سېنى ئۇنغا مىلەيمەن. ئادەم ئىشچان بولسا، يەر بېخىللىق قىلماس. ھورۇن كىشى بولۇر، ھورۇن يەر بولماس. تەر تۆكمىسەڭ يەر بولماس. ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتىدۇ، قاۋۇل دېھقان يەر ئاچىدۇ. ئەتىيازدا بالدۇر قوپ، كۈزدە كېيىن يات. دېھقان بولساڭ يەرگە ئىشلە، دىۋانە بولساڭ تىلەپ چىشلە. ئىشلىگەن پۈۋلەپ يەر، ئىشلىمىگەن تىلەپ (يەر). موللا بولساڭ تەكرار قىل، دېھقان بولساڭ شۇدىگەر قىل. ئەمگەك قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، ئەمگەك قىلمىساڭ چاتىقىڭ چىقار. تېرىغان خامان ئالۇر، تېرىمىغان ئارماندا قالۇر. بۇغداي تېرىساڭ كۈزگى تېرى، ئارپا تېرىساڭ بوزغا (تېرى). ئىشچاننىڭ پۇلى تۈەىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). قۇم يەر — شۇم يەر، سېغىز يەر — مېغىز يەر. بۇغدايغا قىغ، قوناققا تىغ. ئېرىنمەي ئىشلىسەڭ، يىغلىماي چىشلەيسەن. ئۆزۈڭنى ئېزىز قىلاي دېسەڭ كۈچۈڭنى خار قىل، زامان كەڭرى راسا ئىشلەپ يوقنى بار قىل. ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بۇغدايغا چۇشلۇق ئاق نان يوق. يىغلاپ يۈرۈپ يەر قىرلا، ئويناپ يۈرۈپ سۇلاق قىل. بۇغداي تېرىڭ دېسە، ئىلغىماي ئۇرۇق سېلىپ، ئالتە چاشقاننى قوشۇپ ھالايلاي ئەتكەن شاغېرىب. قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك يە. تاغدىن كەلگەن سەل سۇدىن چۆل - باياۋان لاي بولۇر، دېھقان ئالغان ئاشلىقتىن ئاشپەز - ناۋاي باي بولۇر. ئىش قىلغۇلۇق پەم بىلەن، نان يېگۈلۈك قەنت بىلەن. ئاۋۋال ئىشلە، ئاندىن چىشلە. ئالا زىرائەت باش كۆرسىتەر، قويۇق زىرائەت ئاش كۆرسىتەر. دېھقاننىڭ ئىشى سۇ بىلەن ئوخشار، قازاننىڭ ئېشى ئوت بىلەن ئوخشار. دېھقاننىڭ ئوبدىنى ئۇي باقار، خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئەر باقار. ئىشلىمىگۈچە چىشلەش يوق، دائىم ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق. نىجاد كەلمەس پەلەكتىن، راھەت كېلەر ئەمگەكتىن. ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن، ئىشلىمىسەڭ تىلەيسەن. ئەمگەكچىگە نان تاتلىق، ھورۇنغا جان تاتلىق. بېشىڭنى تاتىلىغۇچە، ئېتىزىڭنى تاتىلا. يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە. ئادەمنىڭ ئوبدىنى ئۆز يۇرتىدا قېرىيدۇ، دېھقاننىڭ ئوبدىنى بۇغداي ـ قوناق تېرىيدۇ. كۆپ ئىشلىگەن ھوسۇل ئالۇر، ئىشلىمىگەن قۇرۇق قالۇر. يەر يارىماس ئەمەس، ئەر يارىماس.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كېكەچ بولسىمۇ باين...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى ب...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپق...
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەلل...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ با...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىل...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپقىچە
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ك...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى