بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تەمسىللىرىمىز >> بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللەر (6.6)

بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللەر (6.6)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-06 11:19:43    كۆرۈلۈش سانى : 1815  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كۆز ئۇيقۇغا كەتكەندە، قوڭ بۇخاراغا كېتىپتۇ. ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى. ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن، قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ. ئادەمنىڭ يوقلۇقىدىن، ئۆچكىنىڭ ئىتىنى ئابدۇكېرىم قويۇپتۇ. چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق. ئانامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلگەن بولسام، ئىششەك كېپەككە سېتىۋالار ئىدىم. چىققان كۆز ئورنىغا كەلمەس. ئۇيانغا تارتسا ئات ئۆلىدۇ، بۇيانغا تارتسا ھارۋا سۇنىدۇ. مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن. زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،   باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس. جاپانى چەكمىگەن ئاشىق، ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. تاياق دۆنى كۆندۈرىدۇ. قۇدۇقنىڭ قەدرى چۆلدە بىلىنەر. ئەچكۈنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا ھۇيت - ھۇيت. ھەممە قوي ئۆزىنىڭ پېيىدا ئېسىلىدۇ. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ غەلۋىردە توختاپتۇ، ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قاپتۇ. ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ. خاندەك گاداي بار، گادايدەك خان (بار). شامال يەپ بوران كېكىرىپتۇ. كىشىنىڭ بىر نېمىسىدە بىنىمە ئۇرۇپتۇ، تۇل خوتۇندىن پورداق تىلەپتۇ. گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن رۇسۇل. داۋا قېرىماس، ھېسابنى ئوغرى ئالماس. بىكاردىن ئېشەك بولسا، بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. توخۇي تويماس، ئۇچۇرغاننى قويماس. كىشىنىڭ يۇرتىدا دوتەي بولغىچە، ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىدا پوتەي بول. ئەل سىلىسا ئەل ئايىقى، ئەل سىلىمىسا ئىت يالىقى. تۇغۇلغان يەردىن تۇرغان يەر ئەلا، (تۇرغان يەردىن تۇغۇلغان يەر ئەلا). ئېسىڭنىڭ بارىدا ئەلنى تونى، كۈچۈڭنىڭ بارىدا يەرنى تونى. ياخشى يىگىت ئەلنى قوغدار. سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب. كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، كۆپ گەپ ئەلنى (بۇزار).


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كېكەچ بولسىمۇ باين...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى ب...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپق...
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەلل...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ با...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىل...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپقىچە
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ك...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى