بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> تەمسىللىرىمىز >> ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ كۆپ خىل تەربىيە سىڭدۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا

ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ كۆپ خىل تەربىيە سىڭدۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:10:18    كۆرۈلۈش سانى : 326  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تۇرغۇن مەتقۇربان (چىرا ناھىيە نۇرى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن)   بارلىق پەنلەر ئىچىدە ئەدەبىياتنىڭ بىلىم دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. باشقا پەنلەر بىلەن بولغان چېتىشلىقى يۇقىرى، تەربىيە سىڭدۈرۈش ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. مېنىڭچە ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بويىچە تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئەدەبىيات دەرسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.    1. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەللىك تەربىيىسى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. ئەدەبىيات تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەدەبىيات دەرسلىكىدە گۈزەل تىل، تەسىرلىك تەسۋىر، جانلىق ئوبراز ھەم ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن بايان، تەسىرلىك سۇژىت، ئوتلۇق ھېسسىيات پۇختا قۇرۇلما، گۈزەل شەكىل  ئەكس ئەتكەن بولغاچقا بىر ھېكايىدە ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجابىي ھەم سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى تەسۋىرلەنگەن بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئىجابىي پېرناژلارنىڭ ھەرىكىتىدىن رەزىللىكىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىدە گۈزەللىككە ئىنتىلىش، رەزىللىككە نەپرەتلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئوقۇتقۇچى بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر گۈزەللىك تەربىيىسى سىڭدۈرەلەيدۇ.    2. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئىلىم - پەننى سۆيىدىغان ياخشى خىسلەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.    ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئىدىسون، ئېينشتين، خۇا لوگېڭ قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنىڭ كىچىك ۋاقىتدا تىرىشىپ ئۆگىنىش جەريانلىرى ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق تەسۋېرىلەپ بېرىلگەن، ئوقۇتقۇچى ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش بىلەنلا قانائەتلەنمەي ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەنگە قانداق ئىشتىياق بىلەن بېرىلگەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇرلاپ چۈشەنچە بەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم - پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم - پەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى، ئىلىم - پەننى سۆيۈش تەربىيىسىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.    3. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەتنى ئاسراش تەربىيىسىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات  دەرسلىكىدە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى تەسۋىرلەنگەندىن سىرت گۈزەل مەنزىرە رەسىملىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى تونۇشتۇرۇلغان خاس مەنزىرە تەسۋىرى ئاساس قىلىنغان ئەسەرلەر بېرىلگەن. ئەسەر ئىچىدىكى مەنزىرە تەسۋىرلىرىمۇ ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەنزىرە تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.   4. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل ئاڭ، ئىلغار دۇنيا قاراش تىكلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنيا قارىشى تېخى يېتىلمىگەن  بولىدۇ. ئەدەبىيات ھەم بەدىئىي ھەم ئىجتىمائىي ھەقىقەتكە ئىگە بولغاچقا بەدىئىي قىممىتى  ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەل ئاڭ، بەدىئىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسا، ئىجتىمائىي قىممىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئىلغار دۇنيا قاراش، كوممۇنىزملىق ئېتىقاد، غايە، ئىشەنچ، ئۈمىد تىكلىگىلى بولىدۇ.   5. ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ياخشى نام قالدۇرغان ئەخلاق - پەزىلەت ئىگىلىرى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرى  ھېكايە قىلىنغان. بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى بىر - بىرىگە، ياشانغان ئاتا - ئانىلارغا، مېيىپ دوستلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىدەك تەسىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ماقالىلەر  بار. بۇنداق تېكىستلەرنى ئۆتكەندە  تېكىستتىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەنلا قالماي، ساۋاقداشلار ئۇلاردىن ئۆگىنىشتە قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەمدى سىلەر قانداق قىلماقچى دېگەن تېما ئاستىدا تەربىيە ئېلىپ بارسا ئەدەبىيات دەرسىدە قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.   6. ئەدەبىيات دەرسلىرىدىكى  تارىخ، جۇغراپىيە گۈزەل - سەنئەت، مۇزىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەت، سىياسەت پەنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئەدەبىيات دەرسى ياخشى ئۆتۈلسە يۇقىرىقى پەنلەرنى ياخشى چۈشىنىشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات دەرسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر تارىخىي بىلىملەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. شېئىرلاردا مۇزىكىلىق رىتىم،  ئاھاڭ بولىدۇ. ئەدەبىيات تەسۋىرىدە رەسساملىقنىڭ، ھەيكەلتاراشلىقنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى بولىدۇ. ئەسەرنىڭ يېزىلغان ئورنى ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ئورۇن جۇغراپىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرنىڭ مەزمۇنى سىياسەت دەرسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش شەكلىدىن باشقا پەنلىرىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە رولى بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كېكەچ بولسىمۇ باين...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى ب...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپق...
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەلل...
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...
●  بۈگۈنكى ماقال-تەمس...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ با...
●  قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىل...
●  مىڭ سەر ئالتۇن تاپقىچە
●  ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك
●  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ك...
●  بۈگۈنكى ماقال- تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللە...
●  بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى