بۈگۈنكى ماقال-تەمسىللەر (5.2)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 13:11:55 كۆرۈلۈش سانى : 70
قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر،
ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن (ئۆتەر).
قىش سوغۇق كەلگۈدەك، قېرى دوڭغاق كەلگۈدەك.
ۋاقىت قەدرىگە يەتمىگەن، ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار
ئادەم مېھنەتتە (تاۋلىنار).
كۈنلۈك ئىشىڭنى سەھەردىن باشلا.
يىللىق ئىشىڭنى باھاردىن (باشلا).
سوغۇق جۇۋىلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتەر،
كۆك پوتلىنىڭ جېنىدىن (ئۆتەر).
كۈندىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ.
ئايدىن قالدىڭ، يىلدىن قالدىڭ.
ياز غېمىنى قىشتا قىل،
قىش غېمىنى يازدا.
چۆجىنى كۈزدە ساناڭ.
يازدا يېپىنچا ئال،
قىشتا ئوزۇق (ئال).
ئەتىياز ئاپتىپىدىن قاچ،
كۈز ئاپتىپىدا يات.
قىش غېمىنى ياز قىل،
قىشتا غەمنى ئاز قىل.
ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كىلىنىڭنى سال،
كۈزلۈكنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى (سال).
ياز بار، قىش بار،
ئالدىرىماڭ ئىش بار.
ئۈكە چوقىدىن ئاشسا يازغا تەۋە،
مودو گەدەندىن ئاشسا تازغا (تەۋە).
قىش غېمىنى يازدا يە،
ياز غېمىنى قىشتا (يە).
قىش - قىشتەك بولسۇن،
ياز - يازدەك (بولسۇن).
قىش كۈننىڭ ئاپتىپى، دۈشمەننىڭ كۈلگىنىچە بار. |
|