بۈگۈنكى ماقال تەمسىللەر 5.17
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-17 10:38:41 كۆرۈلۈش سانى : 61
،
قاقشال دەرەخنىڭ مېۋىسى بولماس.
ئورمان بىلەن بەختىڭ بولۇر،
ئورمان بىلەن تەختىڭ بولۇر.
ئەنجۈرنى كۆلگە تىك،
ئانارنى چۆلگە (تىك).
ئۆلۈشكە چىدىساڭ مال ئەت،
كۆمۈشكە چىدىساڭ تال ئەت.
بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك.
ئۆينى دۆڭگە سال،
جىرىمنى ئويغا (سال).
چىلانغا چۆل ياخشى،
ياڭاققا كۆل (ياخشى)
بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل،
يېتىپ يەي دېسەڭ باغ (قىل).
كۆچەت تىكسەڭ پۇتاپ تۇر،
كۆكتات تېرىساڭ ئوتاپ تۇر.
ئاۋال تام ئەت،
ئاندىن باغ (ئەت).
تال تېرىمدا،
ئالما قېرىمدا.
شاپتۇلدا باغ ئەتمەڭ،
ئەچكۈدە مال (ئەتمەڭ).
ئۆلۈشكە چىدىساڭ مال ئەت،
كۆمۈشكە چىدىساڭ تال (ئەت).
بۇلاق يېرىقنى ئىزدەر،
بېلىق بۇلاقنى (ئىزدەر).
بولساڭ ئەگەر دىيانەتلىك ئەر،
بېغىڭغا ھەرخىل گۈللەر مېۋىلەرنى تەر.
ياشلىقىڭدا ئۇنىڭ گۈللىرى تاق،
قېرىغاندا كۈلۈپ مېغىزىنى چاق.
بېھى سالساڭ كۆلگە سال،
ئانار سالساڭ چۆلگە سال.
|
|