بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللەر 5.21
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-21 13:23:04 كۆرۈلۈش سانى : 75
[align=center]
يېگەن ئاش قورساقتا تۇرماپتۇ،
كىيگەن ئىگىن بويدا (تۇرماپتۇ).
چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن ئەمەس،
بەل باغلىغان بىلەن ئەر (ئەمەس).
ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەي دېسەڭ،
ئەلچى ئەۋەتىپ سوراپ كۆر.
ئۆزۈڭنى خار قىلما، كۈچۈڭنى خار قىل.
كۆڭلۈڭدە كىم بولسا چىرايلىقىڭ شۇ.
جەرەن تېرىسى كۆن بولۇر چەم بولماس.
بېشى قارىنىڭ بېرى ياخشى.
تۈگمەنگە ئوزۇق كەلگىنى ياخشى
قىزغىمۇ ئەر كەلگىنى (ياخشى).
ئادەمنىڭ بىڭسىسى قورساقتا،
ئاتنىڭ بىڭسىسى تۇۋاقتا.
ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزى بىلەن،
ئاشنىڭ تېتىقى تۇز بىلەن.
قىز بالا ئۆي زىننىتى.
قىزى بارنىڭ نازى بار،
تار يەردە ئاش يېگۈچە،
كەڭ يەردە مۇشت يە.
ياخشى بولسا كېلىن،
يامان بولسا يېلىن.
مۈشۈكنى ھارۋىغا قوشساڭ كاڭغا سۆرەيدۇ.
ئۇپا چىراينىڭ تاپقىنى توپا چىراي.
سۇنىڭ قەدرى باھاردا ئاشار،
ئادەمنىڭ قەدرى مېھنەتتە (ئاشار).
كەلگىنىدە دىۋانە ئىدى،
ئەمدى بولدى غەمخانە.
كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا.
ئۆلگەندىن قورققان يامان،
ئۆلۈمدىن خورلۇق (يامان).
مەن مەن دېگەن زاۋال تاپار،
كەمتەر يۈرگەن كامال (تاپار).
كىشىلەر ھاڭ باقمايدۇ،
سېنىڭ ئېشىڭغا باقىدۇ.
ئېگىز شاخقا ئېسىپ قويغىچە بويۇڭنى،
يېتەر جايغا ئۇزاتساڭچى قولۇڭنى.
ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
ئۆزىدىن خوركى چوڭ.
ساندا بار ساناقتا يوق،
ئۆزى بار ساپاسى يوق.
يىقىلغاق چېلىشقا تويمايدۇ.
گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق،
ھەيۋىسى بار، ماغدۇرى يوق.
غوجىنىڭ ئېتى ئۇلۇغ،
سۇپرىسى قۇرۇق.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت،
خالتاڭغا بېقىپ ئۇن (تارت).
ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن،
سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى (ئۇزۇن).
ئېتى يوق چېپىشقاق،
ئىشتىنى يوق چېلىشقاق. [/align] |
|