بۈگۈنكى ماقال-تەمسىللەر 5.8
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-08 17:39:34 كۆرۈلۈش سانى : 52
قوناق تېرىسام خادا بولدى،
كېۋەز تېرىسام شادا بولدى.
چاپقىلى كەتمەن ياخشى،
كىيگىلى خام چەكمەن (ياخشى).
ئوغلۇڭنى مىراپ قىلغۇچە،
ئېچىقىڭنى باشقا قىل.
كالا ئۇينىڭ ئوبدىنى ۋاخانۋاخان — ياۋاش كېلۇر،
ئادەمنىڭ ئوبدىنى دېھقان كېلۇر.
دېھقاننىڭ باقىدىغىنى قوي بىلەن كالا.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
ھەرىكەتتە بەرىكەت،
بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
بىرنى بىر كىم بېرەر،
كۆپنى ئەمگەك بېرە.
يەرنىڭ قەدرىنى سۇ بىلەر.
تېرىغان خامان ئالار،
تېرىمىغان ئارمان قىلار.
ئىشچان ئېشىنى يەر،
ھورۇن بېشىنى (يەر).
خامان ئالماق — شەھەر ئالماق.
قۇم يەر — شۇم يەر،
سېغىز يەر مېغىز يەر.
ئالا زىرائەت ئات مىندۈرەر،
قېلىن زىرائەت قىر (مىندۈرەر).
ئىشلىگەن ئالۇر تاغارلاپ ئاشنى،
ئىشلىمىگەن قالۇر قاشلاپ باشنى.
ئاتاڭ كۆكبېشى بولغۇچە،
يېرىڭ باشتا بولسۇن.
بۇغدايغا قىغ كېرەك،
قوناققا تىغ (كېرەك).
چوقۇر يەر سۇ ئىچكىچە،
دۆڭ يەر نەم تارتىپتۇ.
بويىدىن قاچ،
كەكرىگە چاچ.
دان سۈيى، جان سۈيى.
زىرائەت زېمىننىڭ ئۆگەي بالىسى،
ياۋا ئوت ئۆز بالىسى.
قوناقنى تۆڭگە تېرى،
بۇغداينى ئويغا (تېرى).
خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى باقار،
دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى (باقار).
مالنىڭ بېشى توخۇ.
تۆگە يۈزگە يەتمەس.
يۈزگە يەتسە كۆز يەتمەس.
قوي ئالساڭ قۇلاق ئال،
ئات ئالساڭ تۇياق ئال.
مال سەمرىسە ياغ بولار،
يەر سەمرىسە باغ بولار.
مالنى باقسا توق بولۇر،
بولمىسا يوق بولۇر.
ئوت — سامان — ئوزۇق - تالقان.
ئۆچكە بىلەن مال قىلما،
شاپتۇل بىلەن باغ.
ئات يۆتەلسە ئوقۇر،
كالا يۆتەلسە پىچاق.
ياغسا يامغۇر، چىقسا بوران.
پادىچىغا نەدە ماكان.
ئات، بىر قىلىقى يات.
ئەر قانىتى — ئات.
شاپتۇلدا باغ ئەتمە،
ئۆشكىدە مال (ئەتمە).
مالچى بولساڭ ھاننات بول،
باغچى بولساڭ جاللات (بول).
يېنىڭدا نار تۆگەڭ بولسا، يۈك كۆتۈرۈشتىن قورقما.
پادا باقساڭ يىغىپ باق،
ئىنەك باقساڭ سېغىپ (باق).
مالنى كېپەككە ئال،
مالچىنى ئالتۇنغا (ئال).
بازار - باققالنىڭ،
ئۆچكە - باققاننىڭ.
توخۇ، توشقان مال ئەمەس،
كاۋاپ، قاپاق تال (ئەمەس).
بېقىپ يەي دېسەڭ، مال قىل،
يېتىپ يەي دېسەڭ تال (قىل).
مال باقساڭ، يەمنىڭ غېمىدە بول،
ئۆي سالساڭ دەمنىڭ غېمىدە (بول).
قوي ئالساڭ قۇلاق ئال،
ئاي ئالساڭ تۇياق (ئال).
ئوتۇن يىغقان كۈل يىغۇر،
ئوت - خەس يىغقان پۇل يىغۇر.
ئاتنى ئۇز كۆرسەتكىنى قۇيرۇقى بىلەن قۇلىقى،
ئېشەكنى تېز يورغىلاتقىنى تۇۋىقى بىلەن قونىقى.
چۆچىنى كۈزلۈكتە ساناڭ،
ئوغلاقنى تۈزلۈكتە (ساناڭ).
ئاچ مېلىم، بار مېلىم،
توق مېلىم يوق مېلىم.
يەرنى بېقىپ باغ ئەت،
مالنى بېقىپ ياغ (ئەت).
ئوتۇن يىغدىڭ كۈل يىغدىڭ،
ئوت - چۆپ يىغدىڭ پۇل (يىغدىڭ).
ئىنەكنىڭ سۈتى ئېغىزىدا.
ئىنەكنىڭ ئۈستى ئۇلاق،
ئاستى بۇلاق.
ئوغۇت يەرنىڭ يېغى.
ئېچىق بېشىدا دەرەخ ئاينىماپتۇ.
دېسەڭ كۆچەت تارتسۇن بوي،
تۈۋىگە پات - پات سۇ قۇي.
دەرەخ سالساڭ ھۆرمەت تاپىسەن،
سايىسىدا مېغىز چاقىسەن.
ئورەكنى چوڭقۇر ئوي،
ئاندىن كۆچەتنى قوي.
كۆچەت تىكسەڭ باغ بولۇر،
ھوسۇللىرى تاغ بولۇر. |
|