بۈگۈنكى ماقال–تەمسىللەر 5.24
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:29:40 كۆرۈلۈش سانى : 443
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار.
نادان گۈلگە يۈگۈرەر، زېرەك مېۋىگە يۈگۈرەر.
ياش كۆچەتنىڭ مېۋىسى سەرخىل.
قىڭغايغان دەرەخ غولىماي قالماس
كۆچەت سالساڭ پۇتاپ تۇر،
ئوتياش تېرىساڭ ئوتاپ تۇر.
دۆڭگە جىرىم سالما،
چوڭقۇرغا ئۆي سالما.
چىلانغا چۆل ياخشى،
ياڭاققا كۆل.
بىرىنى كەسسەڭ ئوننى تىك،
پالتا ئېلىپ تاغقا چىق،
سېۋەت ئېلىپ باغقا.
بېغى بارنىڭ تېغى بار.
تاۋۇزنىڭ خېمى — باققالنىڭ غېمى.
تېپىپ يەي دېسەڭ باغ قىل،
بېقىپ يەي دېسەڭ مال (قىل).
ئېچىخ بېشىدا دەرەخ كۆكلىمەپتۇ.
ئانارنى كۆلگە تىك،
ئەنجۈرنى چۆلگە (تىك).
ئاۋۋال تام ئەت،
ئاندىن باغ (ئەت).
شاپتۇلدا باغ ئەتمە،
ئۆچكىدە مال (ئەتمە).
باغنى باقساڭ باغ بولۇر،
پاتمان - پاتمان ياغ (بولۇر).
|
|