بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىكى يېڭى قۇرۇقلۇق)

يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىكى يېڭى قۇرۇقلۇق)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-23 13:34:01    كۆرۈلۈش سانى : 68  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئوكيانىيە 新西兰 يېڭى زېلاندىيە (دېڭىزدىكى يېڭى قۇرۇقلۇق) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئارال ۋە ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 268 مىڭ 46 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئارالنىڭ يەر مەيدانى 115 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز، ۋولقانلار كۆپ، ئوتتۇرا قىسمىدا كۆللەر، كۆللەرنىڭ ئەتراپىدا تۈزلەڭلىكلەر تارقالغان. شىمالىي ئارالنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمى 2796 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رۇئاپخۇ يانار تېغى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي ئارالنىڭ يەر مەيدانى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ جايدا مۇزلۇق دەريالار، كۆللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ ئارالدىكى جەنۇبىي ئالىب تېغى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىق پۈتۈن جەنۇبىي ئارالنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايدىكى كۇك چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3764 مېتىرغا يېتىدۇ. يېڭى زېلاندىيە يەر پوستىنىڭ ھەرىكەتچان بەلبېغىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن مىنېرال بۇلاقلار، ئارشاڭلار كۆپ، ب ۇ جايدىكى يەر ئاستى ئىسسىقلىقى مۇھىم ئىسسىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى زېلاندىيىنىڭ شىمالىي ئارىلىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ئوكيان ئىقلىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىقلىمى يىللىق بولۇپ، ئىسسىق مەزگىلى بىلەن سوغۇق مەزگىلى ئارىلىقىدىكى پەرق چوڭ ئەمەس. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالىي ئارالدا 1000-1500 مىللىمېتىر، جەنۇبىي ئارالدا 600-1000 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بىراق جەنۇبىي ئالىپ تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب يانباغرىدا 6000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، ئورمانلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 25% نى، ئوت - چۆپلۈكلەر 47% نى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئاھالىسى 3 مىليون 291 مىڭدىن ئاشىدۇ ) 1985(، ئاھالىنىڭ 86% نى ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك ماۋرى خەلقلىرىنىڭ ئاھالىسى 9% نى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ 72% ى شىمالىي ئارالغا ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، يەرلىك ماۋرىلار ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ئىقتىسادتا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، تېرىلغۇ يېرى بىلەن ئوتلاقلار پۈتۈن يېرىنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ چارۋىچىلىقى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي بېقىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا ئۆستۈرۈش، باغۋەنچىلىك ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. سانائىتىدە چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ياغاچ ماتېرىياللىرى، قەغەز، توقۇمىچىلىق، پولات - تۆمۈر، ئاليۇمىن، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر سانائەتلىرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى يېڭى زېلاندىيە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت. يېڭى زېلاندىيە مائورىلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، مىلادى 10 - ئەسىردىن ئىلگىرىلا مائورىلار تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن، شۇڭا ئۇلار يېڭى زېلاندىيىنى >مائورىلار تاقىم ئاراللىرى< دەپ ئاتىغان.  14 - ئەسىرگە كەلگەندە زور تۈركۈمدىكى مائورىلار بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇلار بۇ ئارال دۆلەتنى  Aotearoa دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەنىسى >ئاپئاق بۇلۇتلارغا پۈركەنگەن زېمىن<. بۇ نامنى بەزىلەر كۇپ ئىسىملىك بىر مائورى كىشىسى چاتما قولۋاقنى ھەيدەپ، يىراقتىن بۇ جايغا كەلگەن، ئۇ قىرغاققا يېقىنلىشاي دېگەن چاغدا ئاسماندا بىر توپ ئالاھىدە بۇلۇتنى بايقاپ قالغان، شۇڭا مۇشۇنداق ئاتىغان دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر مائورىلار ئەڭ دەسلەپ بۇ جايغا كەلگەندە، ئاراللارنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش ئەمەس، خۇددى بۇلۇتقا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ شۇنداق ئاتىغان دەيدۇ.  1642 - يىلى  12 - ئاينىڭ  13 - كۈنى گوللاندىيە دېڭىزچىسى ئېربىل تاسمان بۇ جايدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ جاينى >ستاتلاند< دەپ ئاتىغان، مەنىسى >دۆلىتىمىز زېمىنى< )گوللاندىيىنى كۆرسىتىدۇ(. لېكىن ئۇنىڭ باشلىقى ئۇنىڭدىن بۇ جايغا گوللاندىيىنىڭ بىرەر ئۆلكىسىنىڭ نامىنى تەقلىد قىلىپ نام قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تاسمان بۇ جايلارنى گوللاندىيىنىڭ دېڭىز ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن زېلاند ئۆلكىسىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن دەپ ھېس قىلىپ، >زېلاند< نىڭ ئالدىغا >يېڭى< سۆزىنى قوشۇپ، >يېڭى زېلاندىيە< دەپ ئۆزگەرتكەن ئىكەن )بەزىلەر تاسمان بۇ ئارال دانىيە پايتەختى كوپىنھاگىن جايلاشقان زېلاند ئارىلىغا ئىنتايىن ئوخشايدىكەن دەپ ئويلاپ، >يېڭى زېلاندىيە< دەپ نام قويغان ئىكەن، بۇنىڭ مەنىسى >دېڭىزدىكى يېڭى قۇرۇقلۇق< بولىدۇ دېيىشىدۇ(.  1777 - يىلىدىن كېيىن، ئەنگلىيە يېڭى زېلاندىيىگە تۈركۈملەپ كۆچمەن يۆتكەشكە باشلىغان،  1840 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ جاي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.  1907 - يىلى يېڭى زېلاندىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغان. يېڭى زېلاندىيىنىڭ يەر مەيدانى  268.103 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  3 مىليون  479 مىڭ  800. بۇنىڭ  81%ى ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەر،  12.5%ى يەرلىك خەلق مائورىلار،  5.9%ى باشقا خەلقلەر. ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ۋېللىنگتون. پۇل بىرلىكى يېڭى زېلاندىيە دوللىرى. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى يېڭى زېلاندىيىنىڭ تۇنجى دۆلەت بايرىقىدا ئىنگلىزچە > NZ <دېگەن ئىككى ھەرىپ بولۇپ، بۇ يېڭى زېلاندىيە دۆلەت نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى. 1907 - يىلى تۈزۈپ چىققان بۇ بايرقنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلەتكەن، لېكىن بايراقتىكى > NZ < دېگەن ھەرپلەرنى چىقىرۋەتكەن. يېڭى زېلاندىيە ئەنگلىيە فېدېراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ئەنگلىيە پادىشاھى يېڭى زېلاندىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يېڭى زېلاندىيە دۆلەت بايرىقىدىكى > قوش كرېسىتلىك بايرق < تا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. قىزىل قىرلىق بەش بۇرجەكلىك تۆت يۇلتۇز ھەم جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلدۈرگەن، ھەم دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولغان. ئۇلار ھەم دۆلەتنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاجاۋۇزغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى قوغداپ تۇرغانلقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى يېڭى زېلاندىيىنڭ ئاھالىلىرى ئاساسلقى ياۋروپا كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ماۋرىلاردىن ئىبارەتتۇر. دۆلەت گېربىنڭ سول يېنىدىكى ئۇچىسىغا ئۇزۇن كۆڭل ەك كىيگەن، مۈرىسىگە يېڭى زېلاندىيە دۆلەت بايرىقىنى ئارتىۋالغان ئايال ياۋروپا كۆچمەنلىرىگە سىمۋول قىلىنغان. ئوڭ يېنىدا ئوچىسىغا ئەنئەنۋى مىللىي كىيىم كىيگەن، ھوقۇق تايىقى تۇتقان بىر ماۋرىلارنىڭ باشلىقى ئۇدۇلغا قاراپ  تۇرغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۈچ قەدىمكى كېمە - دېڭىز ئۈستى سودىسىنىڭ ئارال دۆلىتىنىڭ ياشىشىغا بولغان مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن؛  كۆك جايدىكى تۆت قىزىل يۇلتۇز جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈكۈمىنى كۆرسىتىپ، يېڭى زېلاندىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق قوي تەرەققىي تاپقان چارۋىچىلىقنى، بۇغداي باشاقلىرى بىلەن بولقا يېزا ئىگىلىك بىلەن ياغاچ تەييارلاش سانائىتىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدىكى ساينت ئېدۋاردنىڭ تاجسى بولۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھى يېڭى زېلاندىيىنڭ دۆلەت باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم خاننىڭ تەڭداشسىز نوپۇزىنى ئىپادىلىگەن. دۆلەت گۈلى - كۈمۈش سارچە بىلەن بېزەلگەن دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا > يېڭى زېلاندىيە< دېگەن سۆز يېزىلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى