ساينت لۇسىيە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 15:08:42 كۆرۈلۈش سانى : 23
圣卢西亚
ساينت لۇسىيە
(>ساينت لۇسىيە بايرىمى< دىن كەلگەن.)
ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋىندۋارد ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى سىنتۋىنسېنت ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى ماتنىك ئارىلىدىن 40 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۇرىدۇ. سانت لۇسىيىنىڭ مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 125 مىڭدىن ئاشىدۇ )1984(. ئاھالىنىڭ 90% نى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ئاق تەنلىكلەر، ھىندىستانلىقلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كرىئور تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. سانت لۇسىيە ئارىلىدا قەدىمدىن تارتىپ ئىندىئان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 1939 - يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1814 - يىلى رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1967 - يىلى 3 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1979 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. سانت لۇسىيە تروپىك بەلباغقا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 21℃-31℃ بولىدۇ، ھۆل - يېغىنى 1400-3500 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. شۇڭا ھەممە جاينى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل. ئارالدا ۋولقان كۆپ بولغانلىقتىن ئارشاڭلار، ساياھەت ئورۇنلىرى كۆپ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇفرېرىې ئاتاقلىق دەم ئېلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. سانت لۇسىيە ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يېرى پۈتۈن دۆلەت مەيدانىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن بانان ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پالما، كاكائو، شېكەر قۇمۇشى، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ساياھەتچىلىك مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى بۇ جايدا ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ 165 مىڭدىن ئاشىدۇ. سانائەتتە ھاراق ئىشلەش، ياغ چىقىرىش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى بار. |
|