بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> ئەزەربەيجان

ئەزەربەيجان

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:35:35    كۆرۈلۈش سانى : 383  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
亚洲 ئاسىيا 阿塞拜疆 ئەزەربەيجان (ئوت مەملىكىتى) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى سىرتقى كاۋكازنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان،  شەرقىي كاسپى دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدىغان، جەنۇبىي ئىران بىلەن، غەرب، شىمال تەرەپلىرى ئەرمەنىستان، گروزىيە رۇس فېدېراتسىيىسى بىلەن چېگرالىنىدىغان دۆلەت بولۇپ،  مەيدانى 86  مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى  6 مىليون  614 مىڭدىن ئاشىدۇ  )1985(، ئاھالىنىڭ  60% تىن كۆپرەكىنى ئەزەر بەيجانلىقلار، قالغىنىنى رۇس، ئەرمەن قاتارلىق مىلەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى باكو شەھىرى. يېرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ، تاغلىقلار جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقىي شىمال ھەم غەرب تەرەپلىرىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا قىسمىدا كۇرا دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن پەسلىكلىرى بار. ئەزەر بەيجاننىڭ ككپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونلاردا  200-300 مىللىمېتر، تاغلىقلاردا  600 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. شەرقىي جەنۇبتىكى لېنكوران پەسىللىك رايونىنىڭ ئىقلىمى نەم ۋە ئىسسىق بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كۇرا دەرياسى جۇمھۇرىيەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەزەربەيجان 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى چارروسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بىرلەشكەن.  1920 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان.  1922 - يىلى گروزىيە، ئەرمەنىستانلار بىلەن بىرلىشىپ سىرتقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.  1936 - يىلى ئەزەبەيجان  19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپلا نېفىت سانائىتى بارلىققا كەلگەن،  20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت سانائەت بازىسىغا ئايلانغان. ھازىر نېفىت ئېلىش سانائىتىدىن سىرت نېفىت ئايرىش، خىمىيە، ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.  85% تىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرلىرى سۇغىرىشقا تايىنىدۇ. كېۋەز، بۇغداي، شال، تاماكا، ئۈزۈم، چاي، ھەرخىل مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، پىلە بېقىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي بېقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سىرتقى كاۋكاز تۆمۈريولى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولاي. بۇ جايدا باكودىن باشقا، سۇمگايىت، كىدوۋاباد، ناخىچىۋان قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار. ② )Azerbaijan( ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، غەربىي ئەزەربەيجان، شەرقىي ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت  ئىككى ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى  109 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى تەخمىنەن 9 مىليون  400 مىڭدىن ئاشىدۇ )1985(، ئاھالىنىڭ ئاساسىنى ئەزەربەيجانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئەزەربەيجاننىڭ تولۇق نامى >ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، ئەرەب تىلىدىن كەلگەن بولۇپ،>ئوت مەملىكىتى< دېگەن مەنىدە، چۈنكى، ئەزەربەيجاننىڭ شىمالدا زاپىسى مول بولغان نىفىت ۋە تەبئىي گاز بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئۇ يەردەنۇرغۇنلىغان ئاتەشپەرەسلەر ) زەردۇشتلار ياكى ئوتقا چوقۇنغۇچىلار( نىڭ ئىبادەتخانىلىرى سېلىنغان. ئەزەربەيجاندىكى ئەسلى خەلىقلەرنى قەدىمدىن جگنۇبى كاۋكازنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ۋە مىلادىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە كىرگەن پارس ۋە تۈرك قەبىلىلىرى - مۇغاللار، تەرەكەمە، ھونلار، قاشقايلار ۋە ئوغۇزلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ؛ئىككىنچى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى ماكدونىيىلىك ئالىكساندىرنىڭ ؟؟ قوشۇنى بېسىپ كىرگەندە، مىدىيانىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ئاتروپات ئالىكساندىر ئىمپېريىسىگە باش ئەگكەن. گرېكلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى مىدىيا، ئاتروپات، كىيىنچە ئاتروپاتكان دەپ ئاتاشقان. 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەرەبلەر ئىستىلاسىدىن كېيىن، بۇ نام خاتا تارقىلىپ، ئەزەربەيجانغا ئۆزگەرگەن. ئەزەربەيجان  11 - ئەسىردىن  14 - ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن سالجۇق تۈركلىرى، تاتار قاتارلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛  19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى شىمالىي ئەزەربەيجان چار روسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، جەنۇبىي ئەزەربەيجان بولسا يەنىلا ئىرانغا تەۋە بولغان؛ 1917 - يىلى شىمالىي ئەزەربەيجاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ،  1920 - يىلى  4 - ئاينىڭ  28 - كۈنى ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى تىكلەنگەن؛  1922 - يىلى  3 - ئاينىڭ  12 - كۈنى گروزىيە ۋە ئەرمېنىيە بىلەن بىرلىشىپ، تاشقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇريتىنى تەشكىللەپ، شۇ يىلى  12 - ئاينىڭ  30 - كۈنى تاشقى كاۋكاز فېدېراتىپى نامىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان.  1936 - يىلى  12 - ئاينىڭ  5 - كۈنى ئەزەربەيجان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيتىگە ئايلانغان.  1991 - يىلى  8 - ئاينىڭ  30 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى >ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى< گە ئۆزگەرتكەن. يەر مەيدانى  86.6 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7مليون  200 مىڭ، ئەزەربەيجانلار )يەنى ئازەرىلەر(  83%نى، رۇس ۋە ئەرمەنلەر 6%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئازەرىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى باكۇ.   دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئەزەربەيجان مىللىتى 11-  ئەسىردە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، زاكاۋكازىيېدىكى قارا دېڭىز ساھىلغا مەركەزلەشكەن.  18- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا   01 نەچچە كىچىك فېئوداللىق دۆلەتكە بۆلۈنۈپ، ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا بولغان.  1813- يىلى ۋە    1828- يىلى، شىمالدىكى باكو ئۆلكىسى ۋە ئېلزابېتىپور ئۆلكىسىنى چار پادىشاھ رۇسيە ئۆزىگە قوشۇۋالغان.     1917- يىلى، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە ئەرمېنيىدىكى بۇرژۇئا سىياسى پارتىيسىدىكىلەر بىرلىشىپ، "زاكاۋكازىيې كومىتېتى" قۇرۇپ،    1918- يىلى ئاپرېلدا مۇستەقىلقىنى جاكارلىغان. ،لېكىن، ئۇزۇماي سوۋېت  قىزىل ئارمىيسى تەرپىدىن ئاغدۇرلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى سوۋىتلەر جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىگەن.     1936- يىلى دېكابىردا ئەزەربەيجان سوۋېت  ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتى  بولغان.   1990- يىلى سىنتەبىردە، ئەزەربەيجان  ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېلان قىلغان؛     1991- يىلى ئاۋغۇستتا، ئەزەربەيجان رەسمىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان.       دۆلەت بايرىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۆك، قىزىل،يېشىل رەڭدىكى ئۈچ پاراللېل ئۇزۇن چاسىدىن تەركىب تاپقان، قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن چاسىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا ھىلال ئاي بىلەن سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ رەسىمى بىرىلگەن. كۆك رەڭلىك ئەزەربەيجاننىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان، قىزىل رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ۋە مۇھەببىتىنى بىلدۈرگەن. يېشىل رەڭ گۈزەل تاغدەريالار مەنزىرسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەزەربەيجانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. يولتۇزنىڭ سەككىز بۇرجىكى ئەزەربەيجاننىڭ سەككىز ئۆلكىسىگە ۋەكللىك قىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربى  دۆلەت بايرىقىدىكى كۆك، قىزىل، ۋە يېشىل رەڭدىن مەركەزداش چەمبىرەك بىلەن تەركىب تاپقان سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا لاۋۇلداپ كۆيگەن ئوت ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئوتىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىدا تۇتاشتۇرلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇغداي باشىقى بىلەن يېشىل ياپراقلار مول تەبئىي بايلىقىنى بىلدۈرگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى