بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> سولومون تاقىم ئاراللىرى

سولومون تاقىم ئاراللىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 12:12:23    كۆرۈلۈش سانى : 83  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
大洋洲 ئوكيانىيە 所罗门群岛 سولومون تاقىم ئاراللىرى (سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالتۇن ئوردىسى) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى غەربىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان بولۇپ، گوگادال كانال، يېڭى گېئورگىيە، مالاتيا، سان - كرىستوبال، شوئاز يول، سانتائىسابىل قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار 1400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا زەنجىرسىمان ھالەتتە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپى يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەر مەيدانى 31 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 257 مىڭدىن ئاشىدۇ )1984(. ئاھالىنىڭ ئاساسىنى مېلانېزىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پولىنېزىيە، مىكرونېزىيىلىكلەر، ياۋروپالىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار پىكەن تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئېنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى خونىيادا شەھىرى. سولومون ئاراللىرى 1976 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1978 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. سولومون ئاراللىرىدا ھەرىكەتتىكى يانار تاغلار، يەر تەۋرەشلەر كۆپ بولىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 3000 مىللىمېتىر، كۈندۈزنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27℃ قا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىنى مول، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 90% نى ئورمانلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. سولومون ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 90% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كوكۇس پالمىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرى، بېلىق، ياغلىق پالما ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شال، كاكائو، شېكەر قومۇشى، بانان، ئاناناس، كاۋچۇك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالتۇن، ئاليۇمىن توپىسى، مىس، نىكېل قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىپ ئېلىنىدۇ. سانائەتتە بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، كان بايلىقلىرىنى قېزىش، كىيىم - كېچەك، كىچىك قېيىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، پۇراقلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى سولومون تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربى، مىلانېزىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. گۇاداكانار، مالىتتا قاتارلىق ئالتە چوڭ ئارال ۋە 900 دىن ئارتۇق ئۇششاق ئاراللاردىن تەركىب تاپقان.  1567 - يىلى ئىكسپانىيە دېڭىزچىسى نېرو ) 1541 -  1595 - يىللار( ئەينى چاغدىكى ئىسپانلار بېسىۋالغان پېرودىن يولغا چىقىپ، رىۋايەتلەردىكى يېڭى گۋىنىيە ئەتراپلىرىدىكى باياشات ئاراللارنى ئىزدەپ، ئىككىنچى يىلى كېمە ئەترىتى ئالدى بىلەن بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال -- گۇدكانار ئارىلى ۋە باشقا بىر قىسىم ئاراللارغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئارالغا چىققاندىن كېيىن بۈك - باراقسان ئورمان ئارىسىدا توپ - توپ كەنتلەرنى، يەرلىكلەر تاقىۋالغان ئالتۇن زىننەت بويۇملىرىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، >ئىنجىل< رىۋايەتلىرىدىكى سۇلايمان پادىشاھ )تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى  379 - يىلىدىن تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى  339 - يىللىرى ياشىغان، ئسىلام رىۋايەتلىرىدە ئۇ سۇلايمان پەيغەمبەر دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ( ئالتۇن سېتىۋالغان  ophir دۆلىتىگە كېلىپ قاپتۇق دەپ ئويلاپ، شۇ زامات >سولومون تاقىم ئاراللىرى< ) بۇ نام ئەسلى >سۇلايمان تاقىم ئاراللىرى< دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدۇ. لېكىن ئويغۇرچە مەتبۇئاتلاردا بۇرۇندىن >سولومون تاقىم ئاراللىرى< دەپ ئىشلىتىلگەچكە، بۇ جايدىمۇ شۇ نام ئىشلىتىلدى( دەپ نام قويغان. بەزىلەر ئارالنىڭ نامى سۇلايمان پادىشاھ بابىلوندا قۇرغان ئالتۇن ئوردىنىڭ نامىدا ئاتالغان دەپ قارايدۇ،  1893 - يىلى بۇ ئاراللار ئەنگلىيىنىڭ تەۋەلىكىگە ئايلىنىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق سولومون تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بېسىۋالغان. 1976 - يىلى  1 - ئاينىڭ  2 - كۈنى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ،  1978 - يىلى  7 - ئاينىڭ  7 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلانغان. ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا.  سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يەر مەيدانى  29.8 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  346 مىڭ. بۇنىڭ  93%ى مىلانېزىيىلىك. ئىنگلىز ۋە يەرلىك پىكىن تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ  95%ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى خونىئارا. پۇل بىرلىكى سولومۇن دوللىرى. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى   رىۋايەت قىلىنىشىچە، سولومون پادىشاھى بايلىقنى بىر ئارالغا كۆمۈپ قويغانىكەن. بايلىق ئىزدەپ كەلگەن ئىسپانىيىلىكلەر بۇ باياشات ئارالنى بايقاپ، ئۇنى سولومون تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغانىكەن. 1893 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر بۇ > گۆھەر ئارال < نى ئىگىلىۋالغان.  1977 - يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ بىر دۆلەت بايرىقىنى بۇ ئارالغا ھەدىيە قىلغان؛ ئىككىنچى يىلى سولومون تاقىم ئاراللىرى ئەنگلىيىدىن قوتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ، ئىلگىرىكى دۆلەت بايرىقىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن. دۆلەت بايرىقى كۆك ۋە يېشىل ئىككى ئۈچبۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان، بىر سېرىق ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بولۇڭدىن سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى تىك بولۇڭغا تارتىلىپ، بايراقنى ئىككى ئۈچبۇلۇڭغا ئايرىغان، كۆك ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىگە بەش بۇرجەكلىك بەش ئاقار ئورۇنلاشقان. كۆك رەڭ كۆك ئاسمان بىلەن بىپايان كەڭ دېڭىز، سېرىق رەڭ كەڭ زېمىننى يۇرۇتقان پارلاق قۇياش نۇرىنى، يېشىل رەڭ مۇنبەت زىمىن بىلەن قويۇق ئورماننى بىلدۈرگەن. بەش بۇرجەكلىك بەش ئاقار يۇلتۇز جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلەت بايرىقىدا بۇ ئارال دۆلىتى تەركىبىدىكى شەرقىي، غەربىي، مەركەز، مالايتا ۋە شەرقىي تەرەپنىڭ تاشقىرىسىدىكى ئاراللىرى قاتارلىق بەش رايوننى بىلدۈرىدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربىدىكى كۆك، سېرىق، يېشىل ئۈچ خىل رەڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رېڭى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا دېڭىز - ئوكيان، قۇياش ۋە كەڭ زېمىنغا سىمۋول قىلىنغان، گىرەلەشتۈرۈلگەن نەيزە، ئوقيا، قالقان ۋە ھايۋاناتلار بۇ دۆلەتنىڭ بەش رايونىنى بىلدۈرگەن: پەرۋاز قىلغان ئىككى دېڭىز قۇشى شەرقىي رايوننى، ئوتتۇرىدىكى قىزىل شۇڭقار مالايتا رايونىنى بىلدۈرگەن. تاشپاقا غەربىي رايونىڭ بەلگىسى بولغان، نەيزە، ئوقيا، ۋە قالقان بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا رايونى بىلەن باشقا رايونلىرىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تىمساھ بىلەن لەھەڭ بۇ جاينىڭ ئالاھىدە تەبىئىي بايلىقىدۇر؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا > رەھبەرلىك قىلىش - مۇلازىمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر< دېگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنڭ ئۈستىدە ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان بىر قۇياش دۆلەتنىڭ نۇرلۇق ئىستىقبالىنى يۇرۇتقان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى