بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> تونگا(مۇقەددەس جاي)

تونگا(مۇقەددەس جاي)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-17 10:41:33    كۆرۈلۈش سانى : 68  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
大洋洲ئوكيانىيە 汤加 تونگا (مۇقەددەس جاي) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى تىن ئوكياننڭى  غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت. ئۇ تونگاتاپۇ، خاپەي، ۋاۋائو قاتارلىق ئۈچ ئارال ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 150 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئىچىدىكى  45 ئارالغا كىشىلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان. پۈتۈن دۆلەتنىڭ يەر مەيدانى  679 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى  108 مىڭدىن ئاشىدۇ )1985(، ئاھالىنىڭ  97% تى پولىنىزىيە تىل سىستېمىسىدىكى تونگالىقلار، ئۇلاردىن قالسا ياۋروپالىقلار ۋە باشقا خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تونگا تىلى بىلەن ئېنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. تونگا ئاراللىرى جەنۇبىي كەڭلىك  15° بىلەن  30°30′ ئارىلىقىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى  25℃-30℃ ئارىلىقىدا، ھۆل - يېغىن مىقدارى  1500 مىللىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر يىلى   11 - ئايدىن ئىككىنچى  3 - ئايغىچە قاتتىق بوران سوقۇپ تۇرىدۇ. تونگا پادىشاھلىقى تىنچ ئوكياندىكى خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،  1000 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە. ھازىرقى تونگا پادىشاھلىقى  1845 - يىلى قۇرۇلغان،  1900 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، 1970 - يىلى  6 - ئاينىڭ  4 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. بىراق ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە  ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. تونگا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوكۇس پالمىسى، ئاپېلسىن، بانان، ئاناناس )بولو( قاتارلىق مېۋىلەر، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بېلىقچىلىق، ساياھەت ئىشلىرى خېلى راۋاجلانغان. سانائىتىدە كوكۇس، پالما مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كېمىسازلىق، قول ھۈنەر سانائىتى، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار.  1917 - يىلى باشلاپ تونگا ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا نېفىت بارلىقى مەلۇم بولدى. تونگا تاشقى سودىسىدا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، فىجى، ئەنگلىيە، ياپونلار ئاساسىي ئورۇننى تۇتىدۇ. تونگانىڭ  300 كىشىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ئارمىيىسى،  50 كىشىدىن تەشكىللەنگەن پادىشاھنى مۇھاپىزەت قىلىش قوشۇنى،  200 كىشىلىك ساقچى قوشۇنى بار. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى تونگانىڭ تولۇق نامى >تونگا پادىشاھلىقى< بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. تونگا تابۇ، خاپىر، ۋائو قاتارلىق ئۈچ تاقىم ئارالدىن تۈزۈلگەن. جەمئىي 172 كىچىك ئارال بولۇپ، بۇنىڭ 36 سىدە دائىملىق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. دۆلەت نامى دۆلەتتىكى ئاساسىي ئارالنىڭ نامىدىن كەلگەن. ئاساسىي ئارالنىڭ يەرلىك نامى >تونگا Tonga< ياكى >تونگا تابۇ tabu Tonga( بولۇپ،ئىككىلىسىنىڭ مەنىسى >مۇقەددەس، ئىلاھى<.  1643 - يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ دېڭىزچىسى تاسمان دېڭىز سەپىرىدە تىنچ ئوكيانغا كېلىپ، ئاپئاق مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن تونگا تاقىم ئاراللىرىنى بايقىغان. بۇ جايدا ئاللىبۇرۇن يەرلىك ئاھالىلەر پادىشاھلىق قۇرغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى پادىشاھ ئاراللار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان تونگا تابۇ ئارىلدا تۇرغان. تاسمان ئاساسىي ئارالنىڭ نامى >تونگا تابۇ< غا ئاساسەن پۈتكۈل تاقىم ئاراللارنى ئاتىغان. ئەنگلىيە دېڭىزچىسى كۇك  1773 - يىلى ۋە  1777 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم بۇ تاقىم ئارالغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە يەرلىكلەرنىڭ دوستانە، مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، دوستلۇق تاقىم ئاراللىىرى ) Is. Friendy( دەپ نام قويغان. تونگا بىر پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولۇپ،  1845 - يىلى گىئورگىي. توپۇ Ⅰتونگانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توفىئاخو سۇلالىسىنى قۇرغان.  1900 - يىلى  5 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ >ھامىلىقىدىكى دۆلەت< كە ئايلىنىپ قالغان.  1970 - يىلى  6 - ئاينىڭ  4 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان.  يەر مەيدانى  747 كۋادرات كلومېتىر، ئاھالىسى  110 مىڭ، پايتەختى نۇكۇئالوفا. پۇل بىرلىكى پائانگا >سېمىزلەر دۆلىتى< دېگەن نامى بار. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى   1970 - يىلى مۇستەقىل بولغان تونگا پادىشاھلىقى  1000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە دۆلەت. مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى خرىستىئان دىنغا ئېتقاد قىلىدۇ، دۆلەت بايرىقىنىڭ سول تەرەپتىكى ئۈستى بۇلۇڭغا سىزىلغان قىزىل كرېسىت تونگالىقلارنىڭ خرىستىئان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. تونگانىڭ دەسلەپكى دۆلەت بايرىقى خەلقئارا قىزىل كرېستىلىك ئاق بايراق ئىدى، ئىككى بايراقنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، تونگا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەت بايرىقىنى قىزىل بايراققا ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى قىزىل كرېسىتلىك ئاق بايراقنىڭ ئورنىنى سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇرجىكىگە يۆتكىگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىر قىزىل كرېسىتلىك ئالتە بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇز تونگا دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا سىزىلغان بولۇپ، گويا چولپاندەك خرسىتوس ئەقىدىسىنىڭ تونگانى يۇرۇتۇپ تۇرغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئالتە بۇرجەكلىك ئۈچ ئاق يۇلتۇز تونگادىكى ئۈچ ئۇرۇقداش مىللەتنى، خان تاجىسى تونگانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق خانلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، گىرەلەشتۇرۈپ قويۇلغان ئۈچ قىلىچ تونگا تارىخىدا ئۆتكەن ئۈچ سۇلالىنىڭ بەلگىسى بولغان. زەيتۇن شېخى ئېلىپ كەلگەن ئاق كەپتەر خرستوس روھىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنى تونگانىڭ ئىككى دۆلەت بايرىقى بىلەن بېزەلگەن، چوققىدىكى خان تاجى يېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن ئورالغان بولۇپ،  تونگا پادىشاھىنىڭ تەڭداشسىز نوپۇزىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا > ۋارسىلىق قىلدىغىنىم ئاللا ۋە تونگانىڭ مال - مۈلكىدۇر< دېگەن خەت يېزىلغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى