بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> پاناما(بېلىق ماكانى)

پاناما(بېلىق ماكانى)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-21 12:30:59    كۆرۈلۈش سانى : 32  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
美洲 ئامېرىكا 巴拿马     ba na  ma پاناما (بېلىق ماكانى) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى كارىپ دېڭىز سۈيى، غەربىي تەرىپىنى تىنچ ئوكيان سۈيى يۇيۇپ تۇرىدۇ. پاناما ئەسلى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئۆتىدىغان مۇھىم قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىدى. پاناما قانىلى قېزىلغاندىن كېيىن ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى. بىر دۆلەت ئىككى قىتئەگە بۆلۈنگەن ھالدا شەكىللەندى، ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئىككى قىتىئەدىن ئورۇن ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن قېزىلغان پاناما قانىلى رايونىنى ھازىرغىچە ئا ق ش كونترول قىلماقتا. پاناما تار، ئۇزۇن سوزۇلغان بويۇن بولسىمۇ، ئۇ جايدا  400 دىن ئارتۇق كىچىك دەريا بار، ئۇلار دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىنى خۇددى ئادەم تېنىدىكى قان تومۇرلىرىدەك قاپلاپ تۇرىدۇ. پانامانىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن دۆلەتنىڭ  70% نى ئورمانلار، ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. پانامانىڭ يەر مەيدانى  77 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى  2 مىليون  90 مىڭدىن ئاشىدۇ )1983(، بۇنىڭ  65% ى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، قالغىنىنى نېگىرلار  )13%(، ئاق تەنلىكلەر )11%(، ئىندىئانلار  )10%( تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پاناماغا بىرىنچى قېتىم  1500 - يىلى  10 - ئايدا ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى باسىدىسى كېلىشتىن بۇرۇنلا يەرلىك ئىندىئان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،  16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان،  1821 - يىلى  11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. پاناما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپېلسىن، كاكائو، شېكەر قۇمۇشى، مانىلا كەندىرى، شال، كۆممىقۇناق، دادۇر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانالدىن قىلغان كىرىمى بىلەن مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كىرىم پۈتۈن كىرىمىنىڭ  50% نى ئىگىلەشكە باشلىدى. سانائەتتە ئاساسەن يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس  قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا نېفىت ئايرىش، قەغەز، تېرە - خۇرۇم، ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. پانامانىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ھەر يىلى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر  410 مىڭ  )1980( ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ، بىر يىللىق ساياھەتچىلىك كىرىمى  200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ پانامانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى پانامانىڭ تولۇق نامى >پاناما جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى پاناما قىساڭىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، بۇ دۆلەتتىكى بىر قەدىمىي بېلىقچىلىق كەنتىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. 1502 - يىلى كولومبو پانامادا قۇرۇقلۇققا چىققان، لېكىن ئۇ بۇ يەردە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ قىسقا ئارىلىقىنىڭ پەقەت  70 نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدىغانلىقىنى بايقىمىغان.  1513 - يىلى كولومبو ئەۋەتكەن ياردەمچىسى بوربويا بۇ جايغا كېلىپ، تاغقا چىقىپ تىنچ ئوكياننى كۆرگەن ۋە بۇ رايوننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىپ، قىرغاقتىن بىر باسمىچىلىق تاللاپ تايانچ نۇقتا قىلغان ۋە ئىندىئانلارنىڭ ئاتىشى بويىچە بۇ جاينى پاناما دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى >بېلىق ماكانى<، >بېلىق توپى<، بۇ پانامانىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى.  1519 - يىلى ئىسپانىيە پادىشاھى بوربوبانىڭ ئورنىغا ۋالىي داۋىرانى ئەۋەتىپ، پاناما شەھىرنىڭ ئاپىرىدە بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. كېيىن بۇ نام پاناما قىساڭى ۋە پۈتكۈل دۆلەت تەۋەسىگە كېڭەيگەن؛ ئىككىنچى، پاناما تەۋەسىدە گاتون ناملىق بىر كۆل بولۇپ، كۆل بويىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كېپىنەكلەر قانات قېقىپ، بەزىدە پۈتۈن ئاسماننى رەڭگا - رەڭ كېپىنەك قاپلاپ، رەڭدار كېپىنەك دېڭىزى ھاسىل قىلىدىكەن. ئىندىئان تىلىدا پاناما سۆزى >كېپىنەك دۆلىتى< دېگەن مەنىدە ئىكەن. بەزى ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشچە، پاناما نامى بىر خىل پاناما دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ دەرەخنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان ئىكەن. پاناما 1501 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1821 - يىلى ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، بۈيۈك كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان.  1830  - يىلى بۈيۈك كولومبىيە پارچىلىنىپ، پاناما يەنىلا يېڭى گرىنادا )بۈگۈنكى كولومبىيە( نىىڭ بىر قىسمى بولغان، 1903 - يىلى  11 - ئاينىڭ  3 - كۈنى كولومبىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.  پانامانىڭ يەر مەيدانى  77.082 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر،  2 مىليون  563 مىڭ. ئىندىئان ئىسپان شالغۇت كىشىلىرى 80%نى، ئىندىئانلار  10%نى ئىگىلەيدۇ.  99%ى كاتولىك دىنىغا،  1%ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز ۋە ئىندىئان تىللىرىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە. پايتەختى پاناما شەھىرى. پۇل بىرلىكى پاناما بالبوئاسى. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئوتتۇرائامېرىكىنىڭ بويۇنغا جايلاشقان پانامانىڭ جۇغراپىيىلىلك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تىنىچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزى تۇتىشىدىغان بوغۇزنى قىسپ تۇرىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ.  16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پاناما ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان.  1821 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، بۈيۈك كولومبىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىمى بولغان.  1903 - يىلى پاناما ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن كولومبىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان، تارىختا پانامانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە لىبىراللار بىلەن كونسېرۋاتىپلاردىن ئىبارەت ئىككى سىياسىي پارتىيە ھاكىمىيەت تۇتقان. ئاق رەڭ ئىككى پارتىپىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ بايراقنىڭ سول تەرىپىدىكى ئاق ئورۇنغا سىزىلغان بىر كۆك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ساداقەتلىك بىلەن پاكلىققا، ئوڭ تەرەپتىكى ئاق ئورۇنغا سىزىلغان قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز قانۇننىڭ نۇپۇزىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىر بېغىررەڭ كەپتەر > دۇنيا مەنپەئىتى ئۈچۈن < دېگەن خەت يېزىلغان بىر ئاق لېنتىنى ئېلىپ دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىدە مەغرۇرانە ھالەتتە تۇرغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېغىررەڭ پاناما بويۇنى، كۆك تىنىچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزى ۋە ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان پاناما قانىلى سىزىلغان؛ كۆك ئاسماندا تولۇن ئاي ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرى تېخى چېچىلىۋاتقان بولۇپ، پانامانىڭ > كۈن ئولتۇرۇپ ئاي چىققان < ۋاقتىدا مۇستەقىل بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان قىلىچ بىلەن مىلتىق پانامانىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق ئۇرۇشىنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بولقا، تۆمۈر كۈرەك دۆلەتنىڭ پائال قۇرۇلۇش قىلش، تىرشىپ ئىشلەشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئالتۇن تەڭگىلەر تېشىپ تۇرغان ئاستىدىكى قوي مۈڭگۈزى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك قوش قاناتلىق ئۇچار چاق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللەپ ياشنىشىنىڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت گېربى تۆت دۆلەت بايرىقى بىلەن بېزەلگەن، چوققىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توققۇز بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز پانامانىڭ توققۇز ئۆلكسىنى كۆرسەتكەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى