بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> ئوكيانىيە (ناۋرۇ)

ئوكيانىيە (ناۋرۇ)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-04 13:27:01    كۆرۈلۈش سانى : 37  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئوكيانىيە 瑙鲁 ناۋرۇ (مىللەت نامىدىن ئېلىنغان) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 166°56′ بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 0°31′ نىڭ تۇتاشقان جايىغا توغرا كېلىدۇ. ناۋرونىڭ كۆپ قىسمى مارجان ئاراللىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرى تىكرەك كېلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 70 مېتىر ئېگىز تۇرىدۇ. ناۋرۇنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئورمان ئىقلىمى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 25℃-35℃ قا يېتىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىننىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، ھەر يىلنىڭ 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 2 - ئايغىچە يامغۇر پەسلى، قالغان ۋاقىتلىرى قۇرغاق پەسلى بولىدۇ. قۇرغاق پەسلىدە ھۆل - يېغىن ئاز بولىدۇ. ناۋرۇنىڭ يەر مەيدانى 24 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 8400 دىن ئاشىدۇ )1982(، بۇنىڭ ئىچىدە ناۋرۇ خەلقلىرى 4990 كىشى، قالغىنىنى گىلبېرت - ئېبلىس خەلقلىرى، جۇڭگولۇقلار، فىلىپپىنلىقلار، ياۋروپالىقلار ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا، ئاز قىسمى كاوتلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ناۋرۇ تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ناۋرۇ ئەسلى ناۋرۇ خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان ئورۇن بولۇپ، 1888 - يىلى گېرمانىيە ئىگىلىگەن، 1920 - يىلى ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيىلەرنىڭ ئورتاق ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1947 - يىلدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيىلەرنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان، 1968 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى، ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. ناۋرۇ ئىقتىسادتا ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى بىلەن سەي ئۆستۈرۈش، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش، بېلىقچىلىق، فوسفور كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. فوسفور كېنى ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ناۋرۇ دۇنيادا ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، فوسفات تۇزى كىرىمى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. دۇنيادا مۇھىم فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ناۋرۇنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. دۆلەتتە ناۋرۇ ئارىلىنى ئايلىنىدىغان چەمبەر شەكلىدىكى 19 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول، 6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا مەخسۇس فوسفورلۇق مىنېرال توشۇيدىغان تار رېلىسلىق تۆمۈر يول، ئالتە رېئاكتىپ ئايروپىلاندىن تەشكىللەنگەن ھاۋا قاتناش شىركىتى بار. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ناۋرۇنىڭ تولۇق نامى >ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ، تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن ئېلىنغان. ناۋرۇ ھەم مىللەت نامى، ھەم دۆلەت، ئارال ۋە پايتەخت نامى. ناۋرۇلار قەدىمدىن بۇ ئارالدا ماكانلىشىپ كەلگەن. 1798 - يىلى ئەنگلىيىلىك جون، فېئن بۇ ئارالغا كېلىپ، ئارال ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى ئەركىن - ئازادە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، >شادلىق ئارىلى< دەپ ئاتىغان.  1888 - يىلى گېرمانىيە بۇ ئارالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، >شاتلىق ئارىلى< نامىنى بىكار قىلىۋېتىپ، يەرلىك نامى >ناۋرۇ< نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، لېكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس.  20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئارالدىن فوسفات كىسلاتا تۇزى )قۇش مايىقىدىن شەكىللەنگەن( كانى بايقىلىپ، ئەنگلىيىلىكلەر ئۇنى ئېچىشقا ئىجازەت ئالغان.  1914 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر ئاۋستىرالىيە ئارمىيىسىنى ياللاپ، بۇ ئارالنى بېسىۋالغان.  1919 - يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق ئۇنى ئاۋستىرالىيە، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىلەرنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە بېسىۋالغان. 1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىلەرنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.  1968 - يىلى  1 - ئاينىڭ  31 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ،  1969 - يىلى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان.  يەر مەيدانى  22 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  9 مىڭ  300، پايتەختى ناۋرۇ، ناۋرۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. پۇل بىرلىكى ئاۋستىرالىيە دوللىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ باياشات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى   تىنىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا، غەربىدىكى ئېكۋاتور سىزىقىغا جايلاشقان ناۋرۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەڭ بۇرۇن گېرمانىيە، ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. كېيىن ئاۋسترلىيە، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئورتاق باشقۇرشىدا بولغان.  1968 - يىلى يانىۋاردا ناۋرۇ مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. ناۋرۇنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىرقىزغۇچ سېرىق سىزىق تارتىلغان. سېرىق سىزىقنىڭ ئاستىدىكى بايراق سېپى تەرتىپىگە  12 بۇرجەكلىك بىر ئاق يۇلتۇز سىزىلغان. بۇ بايراقتا ناۋرۇدىن ئىبارەت بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئوبرازلىق ھالدا سۈرەتلەنگەن. ناۋرۇ خەلقئارالىق ۋاقتى ئۆزگىرىش سىزىقىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي كەڭلىكى بىر گرادۇسقا يېقىن تۇرىدىغان ئېكۋاتۇر سىزىقىغا جايلاشقان. سېرىق سىزىق ئېكۋاتۇرنى بىلدۈرگەن. ئاستىدىكى  12 بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇز ناۋرۇنىڭ سىمۋولى بولغان. ئاق يۇلتۇزنىڭ  12 بۇرجىكى ناۋرۇنىڭ  12 ئىپتىدائى قەبىلىسىنى، سېرىق سىزىقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى كۆك رەڭ كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوكيان بىلەن ئاسماننى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربىدىكى بىر سىزىق رەڭلىك كرېسىت بىلەن بىر ئۈچبۇلۇڭ فوسفورنىڭ خىمىيۋى بەلگىسى بولۇپ، بۇ بەلگە ناۋرۇ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ناۋرۇ ئارىلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن قۇشلارنىڭ قىغىلىرى بىلەن تىنىپ، فوسفۇر كانغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، فوسفورلۇق ئوغۇت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ناۋرۇنىڭ مول ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا ئىنگلىزچە > خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ< دىگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى ناۋرۇنىڭ  12 ئىپتىدائى قەبىلىسىگە سىمۋول قىلىنغان  12 بۇرجەكلىك يۇلتۇز ۋە > ناۋرۇ < دېگەن سۆز يېزىلغان لېنتا بىلەن بېزەلگەن، ئىككى يېنى يېشىل كوكۇس پالمسى ياپرىقى ۋە بانان ياپرىقى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئارال مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى