بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(بۈدرە چاچلىقلارنىڭ ماكانى)

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(بۈدرە چاچلىقلارنىڭ ماكانى)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-16 12:28:42    كۆرۈلۈش سانى : 122  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
大洋洲 ئوكيانىيە پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(بۈدرە چاچلىقلارنىڭ ماكانى) 巴布亚新几内亚 ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت بولۇپ، يېڭى گۋېنىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ غەربتە ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىرىئان چايا رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا توررېس بوغۇزى ئارقىلىق ئاۋسترالىيىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيە چوڭ ئارال قىسمىدىن باشقا يەنە ئەتراپىدىكى بوگېنۋېل، يېڭى برىتانىيە، يېڭى ئېرلاندىيە قاتارلىق 600  دىن ئوشۇق ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 461 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەر ئىگىلەيدۇ، مەركىزىي تاغ سىستېمىسى دۆلەتنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا يەر ۋەزىيىتى پەس بولغان سازلىقلار جايلاشقان. دۆلەتتە يانار تاغلار، ئارشاڭ بۇلاقلار كۆپ تارقالغان. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ ئېگىز تاغلىق رايونلىرىدىن سىرت، باشقا جايلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 21℃ تىن  32.2℃  قىچە بولىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى سەل سالقىنراق بولىدۇ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقداردى 2500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ  87% يېرىنى ئىپتىدائىي ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ ئاھالىسى  3 مىليون  611 مىڭدىن ئاشىدۇ  )1985(، ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسى خەلقلىرى بىلەن مېلانىزىيە خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە مىكرونېزىيە، پولىنزىيىلىكلەر، ئاۋسترالىيىلىكلەر ۋە جۇڭگولۇقلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىتپىدائىي دىنلارغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسى جايلاشقان ئىرىئان ئارىلىنى  1512  - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر تاپقان، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە گوللاندىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان،  1884 - يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيىلەر ئارالنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىي ئايرىم - ئايرىم ئىگخلىگەن.  1920 - يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن.  1975 - يىلى  9  - ئاينىڭ 16 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە قالاق، تارقاق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. تېخىنىكا سەۋىيىسى تۆۋەن، ئاھالىنىڭ 87% تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ )1984(، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شېكەر قومۇچى، كوفې قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن مىس قاتارلىق بايلىقلىرى مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. پاپۇئا — يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ سانائەت ئاساسىي ئاجىز بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كان بايلىقلىرىنى ئېلىش سانائىتى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، تاماكا ئوراش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسىنىڭ تولۇق نامى >پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى مۇستەقىل دۆلىتى< بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. يېڭى گۋىنىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي يېرىمى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بىسمارىك تاقىم ئاراللىرى، بوگامۋېل ئارىلى قاتارلىق جەمئىي 600 دىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامى پاپۇئا ۋە يېڭى گۋىنىيە ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئارال نامىدىن ئېلىنغان. >پاپۇئا< سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، 1526 - يىلى پورتۇگالىيىلىك مېنسېس دېگەن كىشى مالاككا بوغۇزىدىن مارلوك تاقىم ئاراللىرىغا كېتىۋاتقىنىدا، دېڭىز شامىلى ئۇنىڭ كېمىسىنى ئۇچۇرۇپ، بىر نامسىز ئارالغا ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئارالنى >پاپۇئا< دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز ئەسلى مالاي تىلى  tanahpepuua دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى >بۈدرە چاچلىقلارنىڭ ماكانى<؛ ئىككىنچى، پورتۇگالىيىلىكلەر بۇ يەرگە دەسلەپ كەلگىنىدە يەرلىك كىشلەردىن >بۇ قەيەر؟< دەپ سوراپتۇ، يەرلىكلەر >پاپۇئا< دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاپۇئا مىللىتىنىڭ نامىنى شۇ جاينىڭ نامى دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەن. مىللەت نامى بولسا مالاي تىلىدىكى  papuvah )بۈدۈرە چاچ( ياكى  pua -  pua )قېنىق قوڭۇر رەڭ( سۆزلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئارالدىكى ئاساسلىق مىللەت پاپۇئالارنىڭ چېچى ۋە تېرىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ يېڭى گىۋىنىيە ئارىلى يەنە ئېرىئان ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1526 - يىلى پورتۇگالىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسى رىئو. دېمنىز بۇ جاينى بايقىغان.  1545 - يىلى پورتۇگالىيىلىك ئورتىس. دېرىتوس بۇ ئارالنىڭ شىمالىغا يېتىپ كېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىسى ۋە چاچلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋىنىيە قولتۇقى نېگىرلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى جاينىڭ تەبئىي مەنزىرىسى ۋە كېلىماتىنىڭمۇ ئاساسەن ئوخشاشپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى گۋىنىيە ئارىلى دەپ ئاتىغان ئىكەن. شۇندىن كېيىن بۇ جايلار پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى دەپ ئاتىلىپ قېلىپتۇ.  1884 - يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيە ئېرىئان ئارىلىنىڭ شەرقىي يېرىمى ۋە ئەتراپتىكى ئاراللارنى بۆلۈشىۋالغان.  1906 - يىلى ئەنگلىيە ئۆزىگە تەۋە قىسمىنى ئاۋستىرالىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئاۋستىرالىيىگە قاراشلىق پاپۇئا يېرى دەپ ئۆزگەرتكەن.  1946 - يىلى بۇ جاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى ئاۋستىرالىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان.  1973 - يىلى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرغان.  1975 - يىلى  9 - ئاينىڭ  16 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان. يېڭى گۋىنىيىنىڭ يەر مەيدانى  461.693 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  4 مىليون  50 مىڭ.  98%ى مىلانېزىيىلىك، قالغىنى مىكېونېزىيە ۋە ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەر. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، يەرلىك تىللارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئاھالىنىڭ  93%ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى مورېسبى پورتى، پۇل بىرلىكى كىنا.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى