بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆلىتى)

كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆلىتى)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-20 10:47:05    كۆرۈلۈش سانى : 128  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
亚洲 ئاسىيا  柬埔赛 كامبودژ (كېخمىرلارنىڭ دۆلىتى) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىنچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى ۋېيتنام بىلەن، شەرقىي شىمالى لائوس بىلەن، غەرب ۋە غەربىي شىمالىي تايلاند بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىي جەنۇب سىئام قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلپ تۇرىدۇ. مەيدانى 181 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 8 مىليون 872 مىڭدىن ئاشىدۇ )1980(، بۇنىڭ 80% ى كخمېر خەلقلىرى، قالغان قىسمىنى جەن، پونۇڭ، لائوس قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا خەنزۇلار ۋە جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى كامبودژالىقلار بار. كخمېر تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، پاتەختى پنوم پېن شەھىرى. كامبودژىنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرەپلىرىنى ئېگىزلىكلەر بىلەن تاغلىقلا، ئوتتۇرا قىسمى بىلەن جەنۇبىنى مىكونگ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن توڭلىسا، كۆلى تۈزلەڭلىكلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 24℃ بولىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىر، غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىقلاردا 5000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 74% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ھەرخىل چىداملىق ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. گۆھەر، ئالتۇن، تۆمۈر، ۋولفروم، قەلەي، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. كامبودژا مىلادىيە 1 - ئەسىردىلا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1863 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن. 1953 - يىلى مۇستەقىل بولغان، 1976 - يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن دۆلەت نامىنى دېموكراتىك كامبودژىغا ئۆزگەرتكەن. كامبودژا ئاھالىسىنىڭ 90% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى، ئۇنىڭدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوانق، قارامۇچ، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقلىقىدا كالا، چوشقا، پىل بېقىلىدۇ، سانائىتىدە شال ئاقلاش، ياغا متېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. قاتناش ترانسىپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ، مىكونگ دەرياسى بلەن توڭلىسا كۆلىدە قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، باڭسون پورتى ئەڭ مۇھىم پورتى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى كامبودژانىڭ تولۇق نامى >كامبودژا پادىشاھلىقى< بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلىتىمىز تارىخىناملىرىدە خەن دەۋرىدە >فۇنەن<، سۈي دەۋرىدە >جېنلا<، تاڭ دەۋرىدە >جېنمياۋ<، سۇڭ دەۋرىدە >جېنلا<، يۈەن دەۋرىدە >گەنبوجى< ياكى >گەنپۇجى< دەپ ئاتالغان. >كامبودژانىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، بىر خىل >كامپو< دېگەن مېۋىنىڭ نامىدىن كەلگەن. چۈنكى، شۇ يەرلىك ئاياللارنىڭ يۈزى بۇ خىل مېۋىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، مالاي تىلىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك نامىدىن كېلىپ چىققان )يەنى كۇئامپۇ(. چۈنكى، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئاق ھەم خۇشپۇراق، بەرگى مايلاپ قويغاندەك سىلىق بولۇپ، كۆپىنچە ئىلاھلار ھۆرمىتىگە بۇتخانىلارغا تىكىلگەچكە شۇنداق ئاتالغان؛ئۈچىنچى، بىر پادىشاھنىڭ نامىدىن كەلگەن. كېخمىر قەھرىمانى كامبۇ يەرلىك مىللەتكە رەھبەرلىك قىلىپ بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ، بۇ مىللەت كامپۇچا دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى كامپۇچا دۆلىتى دېيىلىدۇ. بۇ نام كېيىنكى دەۋىرلەردە خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ، ئاقىۋەت بۈگۈنكى كامبۇدژا دېگەن دۆلەت نامىغا ئۆزگىرىپ قالغان. كامبۇدژا ئاھالىسىنىڭ 80%تى كېخمىرلار بولغاچقا، خەلىقئارادا ئۇمۇمەن >كېخمىر< دەپ ئاتىلىدۇ. كامبۇدژا مىلادى ىرىنچى ئەسىردە دۆلەت قۇرغان. 1863 - يىلى فرانسىيە بېسىۋالغان.  1940 - يىلى  9 - ئايدا ياپونىيە تاجاۋۇز قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن.  1945 - يىلى  9 - فىرانسىيە فرانسىيە قايتا تاجاۋۇز قىلىپ ياپونىيەنىڭ ئورنىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.  1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ  9 - كۈنى كامبودژا پادىشاھلىقى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.  1976 - يىلى  1 - ئاينىڭ  5 - كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ دۆلەت نامىنى >دىموكراتىك كامبودژا<غا ئۆزگەرتكەن  1990 - يىلى  2 - ئاينىڭ  3 - ئاينىڭ دۆلەت نامىنى يەنە >كامبودژا< قىلىپ بېكىتكەن.   كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 1810.35 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 9 مىليون  890 مىڭ، كېخمىر مىللىتى ئاھالىسىنىڭ  80%دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، 90%دىن ئارتۇق ئاھالە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پىنوم پېن. پۇل بىرلىكى رىئېل.  دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى كامبودژاشەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت بولۇپ، مىلادىيە 1- ئەسىردە دۆلەت قۇرۇلۇپ، كامبودژا، كېخمىر، ئانكور قاتارلىق دەۋرلەرنى ئۆتكۈزگەن. 9- ئەسىردىن  14- ئەسىرگىچە ئانكور پادشاھلىق سۇلالىسى ئەك قۇدرەت تاپقان بولۇپ، قەدىمكى ئىزلاردىن  600 نەچچىسى بولۇپ، ئەڭ مەشھۇر ئانكور ئۆڭكۈرى ئىدى. ئانكور ئۆڭكۈرى تاش بىلەن قۇپۇرۇلغان بۇددا ئىبادەتخانىسىدۇر. ئىچىدىكى ئايلانماكارىدور، بۇت تەكچىسى، مۇقەددەس تەختى ۋە  800مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەڭداشسىز نەپىس ۋە ئېسىل قاپارتما نەقىش كامبودژانىڭ قىممەتلىك سەنئەت گۆھىرى ۋە مەدىنيەت مىراسى بولۇپ، كامبودژانىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. كامبودژانىڭ ھەر قايسى دەۋردىكى دۆلەت بايراقلىرى ئانكور ئۆڭكۈرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ لايھىلەنگەن. كامبودژا پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ بايرىقى شاھزادە سىخانوك     1948- يىلى ئۆزى بىكىتكەن بايراق بۇلۇپ،  1970- يىلى سىياسى ئۆزگۈزۈش بولۇشقا قەدەر ئىشلىتىلگەن.  1993- يىلى كامبۇدژا پادشاھلىقى      1970- يىلىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگى قىزىل، .ئوتتۇرسىغا چۆرسى ئالتۇن سىزىقلىق ئاق ئانكور ئۆڭكۈرنىڭ رەسىمى نەقىشلەنگەن بۇلۇپ، كامبودژانىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە قەدىمكى مەدەنىيتىگە سىمۋول قىلىنغان؛ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى پارالىل كۆك بەلدەم تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گىربىنڭ مەركىزدىكى رەسىم پەتنۇس بىلەن كۆتۈرۈلگەن پادىشاھ زۇلپىقارى بۇلۇپ، بارلىق ھوقۇقنىڭ پادشاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، پادىشاھلىق ھاكىميتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئوڭ ۋە سول ئىككى يېنىدا شىر بىلەن پىل بەش قەۋەتلىك كۈنلۈكنى ھىمايەقىلىپ تۇرغان."5" دىگەن بۇ سان كامبۇدژانىڭ ئۆرىپ ئادىتىگە مۇكەممەل ۋە بەخىت سائەدەتنى بىلدۈرىدۇ. چوققىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يۇقىرىغا سوزۇلغان پالما دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى غەلبىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لىنتىغا كامبودژا يېزىقىدا " كامبۇدژا پادىشاھلىقىنڭ پاىشاھى" دېگەن خەت يېزىلغان. پۈتۈن دۆلەت گېربى كامبودژا پادىشاھىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن، بىرپۈتۈن، ئىتتپاق ۋە بەختىيار دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈگەن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى