بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> دۆلەتلەر >> ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋىس

ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋىس

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-19 11:11:33    كۆرۈلۈش سانى : 49  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
美洲 ئامېرىكا 圣克罗伊斯岛 ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋىس (كوقۇمبو بايقىغان ئىككى ئارال) ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى تەركىبىدىكى ئا ق ش غا قاراشلىق ۋېرگىن تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بىر ئارال. سان توماس ئارىلىدىن 64 كىلومېتىر جەنۇبقا جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى 37 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى 218 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئاھالىسى 49 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى كرىس تىستېد شەھىرى. ئارالنىڭ شىمالىغا ئېدىرلىقلار جايلاشقان، ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولغان ئېگىلىې تېغى دېڭىز يۈزىدىن 355 مېتىر ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس، تۈزلەڭلىكلەردىن ئىبارەت، دېڭىز قىرغاقلىرىدا چوڭ دېڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان تېيىز كۆللەر بار. ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدۇ. بىراق قۇرۇقلۇقتا ئېقىن سۈيى ئاز، تاتلىق سۇ مەنبەسى كەمچىل. تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىپ تەمىنلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە شېكەر قومۇشى، لىمون، ماڭگو قاتارلىق بېقىش، ئائىلە قۇشلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەيدانلىرى بار. سانائىتى شېكەر، ھاراق، ئاليۇمىن، نېفىت ئايرىش قاتارىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. سىرتقا شېكەر، ھاراق ئېكسپورت قىلىدۇ. غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى فرېدېرىكسىتېد مۇھىم سودا پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئارالنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ساينىت كىتىس ۋە نېۋىس ئارىلىنىڭ تولۇق نامى >ساينت كىتىس ۋە نېۋىس فېدېراتسىيىسى< بولۇپ، كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى شامالغا قارشى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ساينت كىتىس ئارىلى )Kitts Saint( يەنە ساينت كرىستوف ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى كولۇمبو 1493 - يىلى ئارالنى بايقىغان چاغدا، ئارالنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى كولۇمبىيىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى ساينت كرىستوفنىڭ ھەيكىلىگە ئوخشايدىكەن دەپ ھېس قىلىپ شۇنداق ئاتىغان. نېۋىس ئارىلىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىسپانچە ئاتالغۇسى  Nieves las de Senora Nuestra دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى >مۇقەددەس ئاق قار ئانا< )تاغ چوققىسىغا ئوخشاش ئاپپاق بۇلۇتلارنى كۆرسىتىدۇ(. ئەڭ ئاخىرىدىكى Nieves )مەنىسى >قارا<( سۆزى قۇلاقتىن قۇلاققا كۆچۈپ  Nevis قا ئۆزگەرگەن ۋە ئارالدىكى ئەڭ ئېگىز چوققىنىڭمۇ نامى بولغان.  1623 - يىلى ۋە  1629 - يىللىرى ساينت كىتىس ۋە نېۋىس ئاراللىرى ئايرىم - ئايرىم ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.  1967 - يىلى  2 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىگە ئايلانغان. ساينت كىتىس ۋە نېۋىسنىڭ يەر مەيدانى  269 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  49 مىڭ. نېگىرلار  94%نى ئىگىلەيدۇ. ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى باسسېتېر. پۇل بىرلىكى شەرقىي كارىب دوللىرى. دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ساينىت كرسىتوفېر بىلەن نېۋس كارىب دېڭىزىدىكى ئىككى كىچىك ئارال بولۇپ،  1493 - يىلى ساياھەت قىلىپ بۇ ئارالغا كەلگەن كولۇمبۇ تەرىپىدىن بايقالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان.  17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ ئىككى ئارال ئەنگلىيىنڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. كېيىن فرانسىيىمۇ بۇ ئىككى ئارانى كونترول قىلغان.  1983 - يىلى سىنتەبىردە بۇ ئىككى ئارال مۇستەقىل بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەت بولغان ھەمدە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. ئىتتىپاقىداش دۆلەت بايرىقىدىكى ئىككى ئاق بەشيۇلتۇز ئىتتىپاقداشىنىڭ ساينىت كرستوفېر ۋە نېۋستىن ئىبارەت ئىككى دېڭىز ئارىلىنى كۆرسەتكەن. قارا رەڭ بۇ ئارالدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىقى قارا تەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېشىل رەڭ كەڭ زېمىن ۋە ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ سىمۋولى بولغان. سېرىق رەڭ ئىسسىق بەلۋاغدىكى چوغدەك ئىسسىق قۇياش نۇرىنى بىلدۈرگەن. قىزىل رەڭ بۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كېيىن ئېرىشكەن يېڭى ھاياتىنى ئىپادىلىگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربىگە بىر يەلكەنلىك كېمە سىزىلغان بولۇپ، كولومبۇنىڭ ساينىت كرستوفېر ئارىلىنى بايقىغانلىقى خاتىرلەنگەن. كۆك جايدىكى بىر سېرىق پىياز گۈلى، بىر پاۋروپالىق ئايالنىڭ باىش سۈرىتى بىلەن بىر ئازغۇن گۈلى ئىتتىپاقداشىنڭ فرانسىيە، ئەنگلىيە دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ بولسا دېڭىز - ئوكياننىڭ سىمۋولى بولغان؛ ئاق جايدىكى ئىككى تال قىزىل گۈل بىلەن ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدىكى قىزل بەلدەم ساينىت كرىستوفېر ۋە نېۋىستىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئارالداىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە سىمۋول قىلىنغان، دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا سېرىق ۋە قارا رەڭلىك گۈلچەمبىرەك بىلەن بېزەلگەن دۇبۇلغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قول بىر مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتتىكى ھەر مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ئوتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ. ئورتاق ئالغا باسىدىغانلقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا ئىنگىلىزچە > ئۈچى بىر گەۋدە< دېگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ئاق لەگلەك، كوكۇس پالمىسى ۋە شېكەر قومۇشى بولۇپ، مول ماددىي بايلىققا سىمۋول قىلىنغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئارا...
●  ساينت كرىستوفېر ۋە ...
●  ھىندىستان(ھىندى دە...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭ...
●  كامبودژ(كېخمىرلارن...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىي...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(...
●  بۇتان(شىزاڭنىڭ چېت...
●  سانت لۇيىس
●  نىگاراگۇئا(ئىندىئا...
●  ئوكيانىيە (ناۋرۇ)
●  گايتى
●  پاكىستان(پاك ئەل)
●  ساينت لۇسىيە
●  گوندۇراس(تېگى يوق ھ...
●  پاناما(بېلىق ماكان...
●  گۋاتېمالا (بۈركۈت م...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەزەربەيجان
●  سولومون تاقىم ئاراللىرى
●  ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋى...
●  ھىندىستان(ھىندى دەرياسى...
●  يېڭى زېلاندىيە(دېڭىزدىك...
●  كامبودژ(كېخمىرلارنىڭ دۆ...
●  تونگا(مۇقەددەس جاي)
●  پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى(ب...
●  ئومان(جىمجىت زېمىن)
●  ترىنىداد ۋە توباگو(ھەرە ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى