بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مىللەتلەر >> ھۇنلارنى چۈشىنەمسىز

ھۇنلارنى چۈشىنەمسىز

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-16 14:32:05    كۆرۈلۈش سانى : 700  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ھۇنلار ئەسلى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چۆللۈك ئەتراپىغا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان قەدىمكى مىللەت بولۇپ، جۇڭگۇ تارىخناملىرىدا <شيۇڭنۇلار>، <غۇزلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار جۇڭگۇ تارىخىدىكى <رۇڭلار> بىلەن <دىلار> نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ - Ⅶ موڭغۇل ئېگىزلىكى ئەتراپىغا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كېيىن جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىپ چۇغاي تېغى ۋە خېتاۋ رايونىغىچە يېتىپ بارغان. ھۇنلار تەڭرىقۇتى تۈمەن ۋە مودۇن (باتۇر) تەڭرىقۇت (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209 - 174) دەۋرىدە 300 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى دىڭلىڭ، توخرى (ئۇلۇغ ياۋچىلار) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن قۇلدارلىق ھەربىي ھاكىمىيەت قۇرغان، دەسلەپ تۈمەنبالىق (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدە) نى ئۆزىگە سىياسىي مەركەز قىلغان، ئۇنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىگىچە، شەرقتە لياۋخې دەرياسىغىچە، غەربتە كۆكئارت (پامىر) غىچە يېتىپ بارغان. ھۇنلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان، قوشۇنىمۇ 300 مىڭدىن ئاشقان. ھۇنلار ئېلىمىز تارىخىدا تارقاق ھالەتنى تۈگىتىپ، كېيىنكى چوڭ بىرلىككە ئاساس سالغان، مىلادى 48 - يىلى ھۇن تەڭرىقۇتلىقى شەرقىي (جەنۇبىي) ۋە غەربىي (شىمالىي) ھۇنلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي ھۇنلار خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، خەن سۇلالسىگە ئەل بولغان. غەربىي ھۇنلار (ئاساسەن غەربىي يۇرتتىكى ھۇنلار) بىر مەھەل غەربىي يۇرتنى تىزگىنلىۋالغان. Ⅰ ئەسىردە شەرقىي خەن سۇلالىسى ۋە غەربىي يۇرتتىكىلەرنىڭ زەربىسى بىلەن چېكىنىپ، غەربكە قاراپ كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىغا كەلگەن، Ⅱ ئەسىردە شىمالىي ھۇنلار سىيانپىيلارنىڭ قىستاپ كېلىشى بىلەن داۋاملىق غەربكە قاراپ سىلجىپ، بىر قىسم قەبىلىلىرى Ⅳ ئەسىردە ئۇرال، ۋولگا ۋە دون دەرياسى ۋادىلىرىغا يېتىپ كېلىپ، يەرلىك ئۇگۇرلار، سارماتلار ۋە ئالانلارنى بويسۇندۇرغان. تەخمىنەن 374 - يىلى دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ بېرىپ، شەرقىي گوتلار قەبىلە ئىتتىپاقىنى يوقىتىپ، غەربىي گوتلارغا ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ؛ياۋروپا تارىخىدىكى <مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچىشى> نى پەيدا قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاننۇنىيە (ھازىرقى ۋېنگىرىيە) نى ئۆزىنىڭ پائالىيەت مەركىزى قىلىپ، ئوتتۇرا ياۋروپاغا يېتىپ بارغان، 432 - يىلى پادىشاھ رۋا ھۇن قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، بىر قىسىم گېرمان قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرغان، 444 - يىلى يېڭى ھۇن ئىمپىرىيسىنى بەرپا قىلغان. پادىشاھ ئاتىللا دەۋرى (434 - 453) دە ھۇن ئىمپېرىيسىنىڭ زېمىنى شەرقتە كاسپىي دېڭىزىدىن، غەربتە رېيىن دەرياسىغىچە، شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە كېڭىيىپ ھازىرقى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىر ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى خىراج تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. بىراق ھۇنلارنىڭ 451 - يىلى سارۇن جېڭىدىكى مەغلۇبىيەت ۋە 453 - يىلى ئاتىللا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىچكى ماجرالىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى ھۇنلارغا بويسۇنغان گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلىپ، قارشى چىقىپ ھۇنلارنىڭ قوراللىق كۈچىنى مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار ئىمپېرىيسىمۇ بەربات بولغان. ھۇنلار ئاھالىلىرى ھازىرقى شەرقىي ياۋروپادىكى خەلقلەر بىلەن ئۆزلىشىپ، كېيىن ۋېنگىر (ماجار)، بۇلغار، فىن قاتارلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ھۇنلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىمالىي، غەربىي قىسمىدا قالغان ئاھالىلىرى كېيىن بېرىپ تۈرك، سىيانپىي، جورجان، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، ھازىرقى ئېلىمىزدە ياشىغۇچى بەزى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھۇنلاردا قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە كۆككە چوقۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار ئىدى. ھەر يىلى نورۇز مەزگىلىدە نەزىر - چىراق قىلىش، ماي ئېيىدا كۆك (تەڭرى) ۋە ئەرۋاھلارغا ئاتاپ زاراخەتمە قىلىش ئادەتلىرىمۇ بار ئىدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  فانگلار (فانگ مىللى...
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسى...
●  فانتېلار (فانتې مىل...
●  يېڭى زېلاندىيىلىكل...
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر ...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار
●  شۋېتسارلار
●  ئالساسلىقلار
●  ئامېرىكا نېگىرلىرى
●  موسسى - گرۇسلار
●  سۋاھىلىلار (سۋاھىل ...
●  سۇكۇمالار (ۋاسۇكۇم...
●  سۇدانلىقلار (سۇدان ...
●  سۇتولار (لېسۇتو مىل...
●  سومالىلار
●  سونىنكېلار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  فانگلار (فانگ مىللىتى)
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسىز
●  فانتېلار (فانتې مىللىتى)
●  يېڭى زېلاندىيىلىكلەر
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر مىلل...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى