بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مىللەتلەر >> ئالساسلىقلار

ئالساسلىقلار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-13 17:46:33    كۆرۈلۈش سانى : 30  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئالساسلىقلار <لوتارىنگ - ئېلزاسلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ئېلزاس - لوتارىنگىيە رايونىدا ياشىغۇچى ئىككى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 1 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7.2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئالساسلىقلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان ۋە رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نېمىس تىلىنىڭ ئالېمان دىئالېكتى بىلەن فرانسۇز تىلىنىڭ فرانك دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئالساسلىقلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ ليۇتىر ۋە كالۋىن مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئالساسلىقلار ئېلزاس رايونىدىكىلىرى سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىق، ئۈزۈم، كۆكتات ئۆستۈرىلىدۇ، لوتارىنگيە رايونىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن كالا ۋە چوشقا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئالساسلىقلار ئاساسەن قەدىمكى كېلىتلار ۋە Ⅳ ئەسىردە ئېلزاس رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ئالېمانلار بىلەن لۇتارىنگىيە رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن رېپۇ - ئارىئان فرانكلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي مىللەت  بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى نېمىسلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەر يېمەك - ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە ياۋروپادىكى مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاۋستىرىيىلىكلەر كۈنىگە بەش ۋاخ غىزالىنىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ۋاقتى غىزالىنىشقا كېتىدۇ. ئۇلار ئەتىگەندە تۇرۇپلا ناشتا قىلىدۇ، چۈشىتىن بۇرۇن بېلىق ياكى سوغۇق گۆش يەيدۇ، چۈشتە تۆت خىل سەي بىلەن غىزالىنىدۇ، چۈشتىن كېيىن بولكا بىلەن پىرەنىك يەپ، كەچتە كەچلىك تاماق يەيدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەر ئۇن غىزاسى بىلەن تاتلىقپىچىنە - تورتنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ۋېنو، مېۋە شەربىتى، پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى - ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك، ئۈستىگە خىلمۇ - خىل رەڭلىك كەمزۇل، بېشىغا شىلەپە كېيىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇچىسىغا يوپكا، كەشتىلەنگەن كوپتا، بېشىغا كەشتىلەنگەن تاجىسىمان قالپاق كېيىدۇ، شەھەردىكىلىرى ھازىر ئاساسەن ياۋروپا پاسونىدىكى كاستيۇم - بۇرۇلكا كېيىدۇ. ئاۋىستىرىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن رەسمىيىتى بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ، كېلىنچەككە يىگىت تەرەپ ئۈزۈك، ئاياغ، كىيىم - كېچەك ۋە قول ياغلىق قاتارلىقلارنىڭ توي خاتىرىسى ياكى سوۋغات سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدۇ، توي مەرىكىسىگە كۆپ ئادەم چاقىرمايدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەرنىڭ پاسخا بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، روژدېستۋو بايرىمى، پېرست بايرىمى (1 - يانۋاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، كىرتاگ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت - بايراملىرى بار. ئاۋستىرىيىلىكلەر يېڭى يىل كۈنى ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، قىسقۇچ پاقا، راك قاتارلىق سۇدا ئارقىسىغا قاراپ ئۈزىدىغان سۇ مەھسۇلاتىلىرىدىن باشقا تائاملارنى ئىستېمال قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ خىل جانىۋارلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلسا، يېڭى بىر يىلدا ئىشلىرىمىز ئالغا باسماي، ئائىلىگە بەختسىزلىك كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەرنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھېيت - بايراملىرىدىن باشقا يەنە <سانت - روبېرت بايرىمى>(24 - سىنتەبىردە ئۆتكۈزىلىدۇ)، <سانت - مىكال بايرىمى> (29 - سىنتەبىردە ئۆتكۈزىلىدۇ)، ئۈزۈم بايرىمى (ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزىلىدۇ)، <سانت لېئونارد بايرىمى> (6 - نويابردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، <ئادۋېنت بايرىمى> (دېكابرنىڭ بىرىنچى يەكشەنبىسىدە ئۆتكۈزىلىدۇ)، <ئالۋاسىتى قوغلاش مۇراسىمى> (5 - دېكابردا ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق مەھەللىۋى ھېيت - بايراملىرىمۇ بار. ئاۋستىرىيىلىكلەر ئۆي قارلىغىچىنى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، كىشلەرنىڭ دوستى، ئىنسانىيەتكە بەخت كەلتۈرگۈچى دەپ قاراپ، ئۇنى مىللەت قۇشى قىلىپ ئالاھىدە ھۈرمەتلەيدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەر ئوتنى مۇقەددەس بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا بەزى ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، خوشاللىق كۈنلىرىدە گۈلخان يېقىش ئادىتى بار. ئاۋستىرىيىلىكلەر ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىقا ئىگە مىللەت. ئاۋستىرىيىلىكلەر مۇزارت (1756 - 1791)، شۇبېرت (1797 - 1828)، جون سترائۇس (1804 - 1849) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىچىك جون سترائۇس (1825 - 1899) قاتارلىقلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋيېنا <دۇنيا مۇزىكا شەھىرى> دەپ داڭق چىقارغان. چۈنكى يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بېتخوۋېن، برامىس، شۇمان، لىست، گرۇك، ھايدىن قاتارلىق مۇزىكانتلارمۇ ۋيېنادا تۇرغان ھەم شۇ جايدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىر ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارالغان تانسا مۇزىكىسى <ۋالىس> ئاۋستىرىيە خەلقىنىڭ دۇنيا مۇزىكا خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاۋستىرىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاڭغا تېيىلىش ئوموملاشقان. ئاۋستىرىيىلىكلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، نېمىسچە ئىسىم فامىلە قوللىنىدىغانلار. سىلاۋىيانچە ئىسىم فامىلە قوللىنىدىغانلار بار. ئىش قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىسمى ئالدىدا، فامىلىسى ئاخىرىدا كېلىدۇ. رەسمىي سورۇنلاردا فامىلىسىنىڭ ئالدىغا <ئەپەندى>، <خېنىم> قاتارلىق سۈپەتلەرنى قوشۇپ ئاتايدۇ. ئاۋسىترىيىلىكلەردە قىزلار ياتلىق بولغاندىن كېيىت ئۇنىڭ قانداق فامىلە قوللىنىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، بىراق كۆپ ھاللاردا ئەر تەرەپنىڭ فامىلىسىنىڭ قوللىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  فانگلار (فانگ مىللى...
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسى...
●  فانتېلار (فانتې مىل...
●  يېڭى زېلاندىيىلىكل...
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر ...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار
●  شۋېتسارلار
●  ئالساسلىقلار
●  ئامېرىكا نېگىرلىرى
●  موسسى - گرۇسلار
●  سۋاھىلىلار (سۋاھىل ...
●  سۇكۇمالار (ۋاسۇكۇم...
●  سۇدانلىقلار (سۇدان ...
●  سۇتولار (لېسۇتو مىل...
●  سومالىلار
●  سونىنكېلار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  فانگلار (فانگ مىللىتى)
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسىز
●  فانتېلار (فانتې مىللىتى)
●  يېڭى زېلاندىيىلىكلەر
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر مىلل...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى