فانگلار (فانگ مىللىتى)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 10:16:55 كۆرۈلۈش سانى : 108
فانگلار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <پاخۇئىنلار>، <فاڭلار>، <فانۋېلار>، <ئېكۋاتور بانتۇلىرى> ۋە <مىپانگىۋېلار> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
فانگلارنىڭ 6.72 پىرسەنتى كامېرون (1 مىليون 600 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇلار كامېروندىكى ئىككى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ، قالغان قىسمى كابون (350 مىڭ)، ئېكۋاتور گۋىنىيسى (250 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 480 مىڭدىن كۆپرەك.
فانگلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسىنىڭ نېگىر - كونگو تىللىرى (غەربىي شىمال بانتۇ تىللىرى) گۇرۇپپىسغا تەۋە فانگ تىلىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
فانگلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزملىق ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، يەر ئىلاھى، سۇ ئىلاھى ۋە ئاتا بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ. بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتسىتانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
فانگلار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا كاكائو پالما مانىخون، كۆممىقوناق، بانان قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
فانگلار، بېتە، بېنې ۋە بۇلۇلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارماق، ئالتە قوۋم، 122 قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ.
ئولتۇراق ئۆيلىرى چاسا شەكىللىك كەپىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆي - جايلىرى ئادەتتە يول بويلىرى بىلەن ئورمانزارلىقلار ئىچىگە سېلىنىدۇ.
فانگلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، نەسەب ئاتا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.
فانگلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، ھەممە كىشى قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ.
فانگلار كامېرون ئىقتىسادىي تورمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. |
|