فانتېلار (فانتې مىللىتى)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:05:48 كۆرۈلۈش سانى : 138
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
فانتېلار گانادا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 3.99 پىرسەنتى گانا (1 مىليون 487 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز قىسمى لىبېرىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 510 مىڭ.
فانتېلار ئاكانلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە فانتې تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار.
فانتېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتىستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
فانتېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كاكائو، مانىخوت، قەھۋە قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرىدۇ.
فانتېلارنىڭ ئەجدادلىرى ⅩⅢ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە شىمال تەرەپتىن گاناغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
فانتېلارنىڭ يېمەك - ئېچمەك، كىيىم - كېچەك، ئولتۇراق ئۆي، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام قاتارلىق جەھەتتىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاكانلار بىلەن ئوخشىشپ كېتىدۇ.
|
|