سۋاھىلىلار (سۋاھىل مىللىتى)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-03 11:39:59 كۆرۈلۈش سانى : 23
سۋاھىلىلارشەرقىي ئافرىقىدىكى دۆلەت رايون چېگرىسىدىن ھالقىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىسىنىڭ 67 پىرسەنتى ئاساسەن تانزانىيە (1 مىليون 500 مىڭ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، 13 پىرسەنتى كېنىيە، سومالى، ئۇگاندا، بۇرۇندى، رۇئاندا، زايىر، زامىبىيە، مالاۋى، موزامبىك، يەمەن، كومورو قاتارلىق 11 دۆلەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 70 مىڭ.
سۋاھىلىلار ھەبەش ئىرقىنىڭ نېگىر - ياۋروپا ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سۋاھىلى تىلىنىڭ 20 خىلدەك دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ ۋە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، سۋاھىلى تىلى تانزانىيە، كېنىيە، ئۇگاندادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتە ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدۇ، شۇڭا بۇ تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشلەر شەرقىي ئافرىقىدا 50 مىليوندىن ئېشىپ، ھازىرقى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىل بولۇپ قالدى، تانزانىيە، كېنىيە، ئۇگاندا قاتارلىق ئەللەردە بۇ تىل دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
سۋاھىلىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىندۇ.
سۋاھىلىلار ئاساسەن دېڭىز ياقسىى رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زانزىبار، پىمبا ئاراللىرىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك بانتۇلار بىلەن مىلادىدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن مالايلىقلار، ھىندونېزىيىلىكلەر، ئەرەبلەر، پارسلار قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۆزئارا ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت، شۇڭا سۋاھىلى ئەرەپچە <دېڭىز ياقىسىلىق> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. سۋاھىلىلار ئەرەب يازما ھۈججەتلىرىدە <زەنگىلەر> دەپ قەيت قىلىنغان، سۋاھىلىلار ماكانلاشقان دۆلەتلەر ئافرىقا ۋە ئاسىيا سودىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بولغاچقا، ئەرەب ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان.
سۋاھىلىلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە باشقا قائىدە - يوسۇنلىرى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
سۋاھىلىلار ئافرىقىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە مول ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت ھېسابلىنىدۇ، سۋاھىلى يازما ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچى <شەرقىي ئافرىقىنىڭ شېكىسپىرى> دەپ شۆھرەت قازانغان تانزانىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى شابان روبېرت (1909 - 1962) سۋاھىلى مىللىتىدىن كېلىپ چىققان."
|
|