بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> مىللەتلەر >> يېڭى زېلاندىيىلىكلەر

يېڭى زېلاندىيىلىكلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 12:01:13    كۆرۈلۈش سانى : 136  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يېڭى زېلاندىيىلىكلەر ئىنگلىز مۇھاجىرلىرى ئەۋلادى - >يېڭى زېلاندلار< ياكى >ئىنگلىز نەسلىدىن بولغان يېڭى زېلاندلار< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنىڭ  3.95 پىرسەنتى يېڭى زېلاندىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 86 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئاۋىسترالىيە فېدېراتسىيىسى ۋە ئەنگىلىيە، كانادا، ئامېرىكىدىمۇ 110 مىڭدەك يېڭى زېلاند بار. يېڭى زېلاندلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ. يېڭى زېلاندلار ئىنگلىزلار، شوتلاندلار ۋە ئىرلاندلار قاتارلىق ياۋروپا كۆچمەنلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى ياكى سىڭىشىشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن يېڭى مىللەت. يېڭى زېلاندلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. يېڭى زېلاندلار ئاساسەن خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزم ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيىلىكلەر سودا سانائەت )شەھەر نوپۇسى 81 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ( ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي بىلەن ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا قوي باقمىچىلىقى دۇنياغا داڭلىق. )2( يېڭى زېلاندىيە ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، نوپۇسى 3 مىليون 378 مىڭ، بۇنىڭ 86 پىرسەنتى ئىنگلىز كۆچمەنلىرىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېڭى زېلاندلار، 12 پىرسەنتىنى ماۋرىلار )نوپۇسى 410 مىڭ( تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ )150 مىڭ(، ھىندىستانلىقلار، پولىنېزىيىلىكلەر، )40 مىڭ( ئىنگلىزلار )4.6 پىرسەنت(، شوتلاندلار )6.1 پىرسەنت(، ئاۋىسترالىيىلىكلەر )5.1 پىرسەنت( قاتارلىق كۆچمەنلەرمۇ بار، يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنىڭ 85 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يېڭى زېلاندىيە دۇنيا بويىچە شەھەرلەشكەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يېڭى زىلاندىيىلىكلەر خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزم بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ئەسلىدە يەرلىك خەلق ماۋرىلارنىڭ ماكانى بولۇپ، مۇستەملىكىچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن تەخمىنەن 200 مىڭ نوپۇسى بار ئىدى. ماۋرىلارمۇ پولىينېزىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، مىلادى Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ ئارالغا كۆچۈپ كەلگەن. يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرار - جاي، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى يەرلىك ئاھالىسى بولغان ماۋرىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن غەربلەشكەن. يېڭى زېلاندلار قارنى كۆكسى كەڭ، چىقىشقاق كېلىدۇ، كىشىلەرگە باراۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئادەتتە مەرتىۋە، تەبىقە قارىشى بولمايدۇ. يېڭى زېلاندىيىلىكلەر گىۋى قۇش )بىر خىل قاناتسىز قۇش( نى ئۆزىنىڭ سىمۋولى، دۆلەت قۇشى دەپ ئەتىۋارلايدۇ، يېڭى زېلاندلارنىڭ نەزىرىدە گىۋى قۇشى باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان ئەزىمەت، قۇشلارنىڭ پادىشاھى، ئەجدادلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. يڭېى زېلاندىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ماۋرىلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن قائىدە - يوسۇنلىرى ئۆزگىچە كېلىدۇ. ماۋرىلاردا مال - مۈلۈككە مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ، مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىدۇ. ماۋرىلار مېھماندوست كېلىدۇ. ماۋرىلاردا مېھماننى ئەل ئىچىدىكى ئەڭ مويسسىپىت - مۆتىۋەر كىشى بۇرنىنى بۇرنىغا تەككۈزۈش سالىمى ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ، شۇڭا ماۋرىلار بۇرۇننىڭ ئېگىز بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ.!!


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  فانگلار (فانگ مىللى...
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسى...
●  فانتېلار (فانتې مىل...
●  يېڭى زېلاندىيىلىكل...
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر ...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار
●  شۋېتسارلار
●  ئالساسلىقلار
●  ئامېرىكا نېگىرلىرى
●  موسسى - گرۇسلار
●  سۋاھىلىلار (سۋاھىل ...
●  سۇكۇمالار (ۋاسۇكۇم...
●  سۇدانلىقلار (سۇدان ...
●  سۇتولار (لېسۇتو مىل...
●  سومالىلار
●  سونىنكېلار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  فانگلار (فانگ مىللىتى)
●  ھۇنلارنى چۈشىنەمسىز
●  فانتېلار (فانتې مىللىتى)
●  يېڭى زېلاندىيىلىكلەر
●  سىۋازىلار
●  سىدامولار
●  سېنېگامبىئانلار
●  سېنۇفۇلار (سېنېلەر مىلل...
●  مونگولار
●  شىلۇخلار

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى