سونىنكېلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 13:36:07 كۆرۈلۈش سانى : 22
سونىنكېلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ساراكولېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ 5.63 پىرسەنتى مالى (550 مىڭ)، 5.12 پىرسەنتى سېنېگال (80 مىڭ)، 4.15 پىرسەنتى بوكىنافاسو (160 مىڭ) دا ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا ماۋرىتانىيە (50 مىڭ)، گۋىنىيە - بېسسائۇ (10 مىڭ)، گامبىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان نوپۇسى 1 مىليون 60 مىڭ، ئۇلار مالى نوپۇسىنىڭ 7.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سونىنكېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ دىۋارا، ئاسېر (ئادجېر) قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ماندې تىللىرى تارمىقىغا تەۋە سونىنكې تىلىنى قوللىنىدۇ.
سونىنكېلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا سۆك، قوناق، پۇرچاق ۋە باتات قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. بىر قىسىم كىشلەر سىرتقا قەرەللىك ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
سونىنكېلار ئەسلىدە ماندېلارنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، قەدىمكى گانا پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى ھەمدە غەربىي ئافارىقا تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار غەربىي ئافرىقا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ئۇلاردا ئەنئەنىۋى پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاتا جەمەتى بويىچە نەسەب ھېسابلىنىپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، كالا ئۇلاردا مال - دۇنيانىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ.
توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام قاتارلىق تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. |
|