سۇكۇمالار (ۋاسۇكۇما مىللىتى)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 12:55:43 كۆرۈلۈش سانى : 23
سۇكۇمالارتانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاسۇكۇمالار>، <باسۇكۇمالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ نوپۇسى 2 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 12 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سۇكۇمالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ رونگو قاتارلىق تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي بانتۇ تىللىر تۈركۈمىگە تەۋە سۇكۇما تىلىنى قوللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى سىۋاھلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
سۇكۇمالار ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى - <موفومىي> غا چوقۇنۇش، ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
سۇكۇمالار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆممىقوناق، سۆك، شال، باتات، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.
سۇكۇمالارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى نىيامۋېزىلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشلەر ئۇلارنى نىيامۋېزىلار بىلەن ئۆزلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن مىللەت دەپ قارايدۇ.
سۇكۇمالار يىلانبازلىق ھۈنىرى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرىگە تونۇشلۇق. ئۇلار ئىچىدە يىلان ئەنئەنىۋى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئويۇنچۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يىلاننى تۇتۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ زەھەرلىك چىشىنى سۇغۇرۇۋېلىپ مەخسۇس سېۋەت ياكى ساندۇققا سېلىپ باقىدۇ. خەلق سەنئەتكارلىرى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بۇ يىلانلارنى بېلىگە يۆگەپ، بىلىكىگە ئارتىپ خىلمۇ - خىل يىلان ئويۇنىنى ئورۇنلايدۇ، يەنى رېتىملىق ناغرا - دۇمباقلارنى چېلىشىپ، يىلاننى ئوڭ - سول تەرەپكە چۆرگىلىتىش، بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلدۇرۇش ۋە تولغىتىش قاتارلىق ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلدۇرىدۇ."
|
|