سېنۇفۇلار (سېنېلەر مىللىتى)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:25:50 كۆرۈلۈش سانى : 108
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
سېنۇاۇلار <سېنېلەر>، <سېنالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېنۇفۇلار ۋولىت مىللەتلەر تۈركۈمىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 51 پىرسەنتى كوتېدىۋا (1 مىليون 100 مىڭ) دا، 3.35 پىرسەنتى مالى (750 مىڭ) دا، ئاز قىسىمى بوكىنافاسو (200 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 550 مىڭ؛ ئۇلار كوتېدىۋا نوپۇسىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
سېنۇفۇلار پالاكا، دېمىسىن، سېنارى، سۇپپرې قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
سېنۇفۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسىى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ۋولت تىللىرى تارمىقىغا تەۋە سېنۇفۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
سېنۇفۇلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كاكائو، قەھۋە، كاۋچۇك، پالما قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر بىلەن كۆممىقوناق، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
سېنۇفۇلار ۋولت مىللەتلەر تۈركۈمى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت بولۇپ، تارىختىكى مەشھۇر بولغان گوڭگې پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىپ، كوتېدىۋانىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن سۇدان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ھازىرمۇ پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
سېنۇفۇلارنىڭ مېيت ئۇزىتىش ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ، كىشى قازا قىلغاندا، شۇئان مېيتنىڭ ئۈسىتگە داپ بىلەن قوڭغىراق قويۇپ قويىدۇ، ئاندىن داقا - دۇمباق ساداسى ئىچىدە مېيتنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن يېزىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئاندىن يەرلىككە قويىدۇ.
سېنۇفۇلارنىڭ <بودىئارا بايرىمى>(ئاقارتىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، <بۇرۇ بايرىمى> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار، بايرام كۈنلىرى سېنۇفۇلارنىڭ قىزلىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئاق قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، بېشىغا قالپاق كېيىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى - <ئىنگارۇن ئۇسسۇلى> نى ئوينايدۇ. بۇ خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ئەرلىرىمۇ تاقاپ يۈرىدۇ، بەزىدە پۇل ئورنىدا خەجلەيدۇ.
سېنۇفۇلار مۇزىكىغا ماھىرلىقى بىلەن پۈتۈن ئافرىقىدا داڭقى بار."
|
|