سىۋازىلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 15:27:16 كۆرۈلۈش سانى : 61
سىۋازىلار3سىۋازىلار جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئاماسۋازلار>، <سۋازىلاندلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 9.63 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە (700 مىڭ)، 4.35 پىرسەنتى (470 مىڭ) سۋازىلاند، موزامبىك قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 145 مىڭ، ئۇلار سىۋازىلاند جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئاساسلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
سىۋازلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سىۋازى تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ تىل كوسالار بىلەن زۇلۇلارنىڭ تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان يېڭى يېزىقى بار، ئىنگىلىز تىلى ئۇلاردا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
سۋازلار ئاساسەن خرىستىئان دىنى بىلەن فېتىشىزم (نەرسە ئېتىقادچىلىقى) غا ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلىرىدە تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى بار.
ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىق ۋە شېكەر قومۇچى، تاماكا، سىتروس قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
سۋازىلار پاترىئارخاللىق چوڭ جەمەتنى ئۆزىگە ئىجتىمائىي بىرلىك قىلغان بولۇپ، قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتىنى ساقلاپ قالغان، ھازىر جەمئىي 26 دەك قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ. ئاتا جەمەتى بويىچە نەسەب ھېسابلىنىپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.
سۋازىلار قوناق بىلەن گۈرۈچنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، كالا، قوي گۆشى بىلەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ.
سىۋازىلارنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى بېلىنى يوپكا بىلەن ئوراپ، ئۈستىنى ئوچۇق قويىدۇ. ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالىدۇ، ياتلىق بولغاندىن كېيىنلا كەڭ يوپكا كېيىپ كۆكرىكىنى ئوچۇق رەڭلىك رەخت بىلەن ئورىۋالىدۇ.
سۋازىلار بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇنى سىۋازلارنىڭ سابىق پادىشاھى سوبوزا Ⅱ (1921 - 1982 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) نىڭ ھاياتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ 130 نەچچە خوتۇن ئالغان بولۇپ، ھاياتىدا 600 دەك پەرزەنت ۋە سانسىز نەۋرە كۆرگەن.
سىۋازىلار مېيتنى بەكمۇ تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئاندىن دەپنە قىلىدۇ، سۋازىلاردا ئەر ئۆلۈپ كەتسە ئايالى ئىككى يىل مۇسىبەت تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن ياتلىق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، بىراق مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ياكى يېقىن ئەل - ئاغىينىلىرىگە ياتلىق بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
سىۋازىلار مەدەنىيەت جەھەتتە نىگۇنىلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان.
سىۋازىلارنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 60 پىرسەنتى ساۋاتسىز.
سىۋازىلارنىڭ يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا، ئىنكىۋارا، قىزلار بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. قىزلار بايرىمى قومۇچ ئۇسسۇلى بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەر يىلى 7 -، 8 - ئاي ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇنىڭغا نەچچە مىڭلاپ قىزلار قاتنىشىدۇ، ئۇلار ئاساسەن پادىشاھ ئوردىسى ئەتراپىغا يىغىلىدۇ، ناخشا ئېيتىپ، قۇمۇچ ئۇسسۇلى ئوينايدۇ، پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆكۈز تەقدىم قىلىدۇ، ناۋادا پادىشاھ ياش بولسا، ئۇلار ئارىسىدىن بىر قىزنى خانىشلىققا تاللىۋالىدۇ.
ئىنكىۋارا بايرىمى مىلادى كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12 - ئاي بىلەن 1 - ئاي ئارىلىقىدىكى خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا پادىشاھ ئالىيلىرىغا ھۈرمەت بىلدۈرۈش، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى قارشى ئېلىش مەزمۇن قىلىنىدۇ."
|
|