بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇلۇڭ

دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇلۇڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 14:36:06    كۆرۈلۈش سانى : 77  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقنى تازا ئاڭقىرالمىغاندا ئۇنى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قىلىڭ، مەيلى شۇغۇللانغان كەسپىڭىز قانچىلىك خەتەرلىك بولۇپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، سىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسىز.   مېنىڭ نەۋرە ئىنىم رۇ. دىلان بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مال ساتقۇچى. ئۇ مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مال سېتىش ئورنىنىڭ دېرىكتورى. بىر قېتىم بىز ئادەملەرنىڭ ناھايىتى ئۆزگىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: — ئادەم ئۆزىگە سادىق بولغاندىلا، ئۆزىنى بىمالال ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم ئۆزىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ چوڭقۇر ئىتىقادقا ئىگە بولغاندىلا، مۇقەررەر ھالدا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۆزى كۈتكەن يەنە بىر ئادەمگە ئايلىنالايدۇ. بىزنىڭ شىركەتتە تېم ئىسىملىك بىر مال ساتقۇچى بار. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن بۇندىن بۇرۇنقى ھالىتىگە ئادەمنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. رو. دىلاننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا تېم كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بېرىدىغان كەڭ قورساق ئادەم، ئەمما ئۇنىڭدا ئەرلىك جاسارەت كەمچىل. رو. دىلان ئۇنى تەنقىدلەپ: ئۇ توتېملار ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ھايۋان دېگەن. بۇ دېگىنى شىركەتتە تىجارەت ئوبوروتى ئەڭ تۆۋەن مال ساتقۇچى دېگەنلىك، شىركەت گەرچە خالىمىسىمۇ ئەمما تېمنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىش قارارلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇ چاغدا، تېم تۇيۇقسىز خىزمەتلەرنى ناھايىتى ئاكتىپ ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى تاڭ قالدۇردى. تېجارەت ئوبوروتىمۇ تەدرىجىي ئاشتى. بىر يىلدىن كېيىن، شىركەتتىكى بارلىق مال ساتقۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ئاخىردىكى ئورۇندىن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، ئىككى يىلدىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى مال ساتقۇچىلار ئىچىدە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى مال ساتقۇچى بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك بۇنى بىر مۆجىزە دەپ قارىدى. مەملىكەت بويىچە مال ساتقۇچىلارنىڭ يىللىق چوڭ يىغىلىشىدا، تېم ئەڭ مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ، سەھنىگە چىقىپ مۇدىرىيەت باشلىقىنىڭ تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولدى. تېم سەھنىگە ناھايىتى قورۇنۇپ چىقتى. مۇدىرىيەت باشلىقى ئۇنىڭغا: — مەن ئەزەلدىن بىرەر كىشىنى بۇنداق خۇشاللىق بىلەن تەقدىرلەپ باققان ئەمەسمەن، تېم سەن ھەقىقەتەن بىر مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى سەن ھازىر بىر مەشھۇر شەخسكە ئايلاندىڭ، ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدىڭ، سېنىڭ تېجارەت ئوبوروتىڭ ناھايىتى تېز ئېشىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، سەن ھەقىقەتەن باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالدىڭ، بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا بۇنىڭ سىرىنى دەپ بەرگەن بولساڭ،- دېدى. رو. دېلاننىڭ دېگىنىدەك، تېمنىڭ نوتۇق قابىلىيىتى تۆۋەنرەك ئىدى. ئۇ شەلپەردەك قىزارغان ھالدا دۇدۇقلاپ تۇرپ سۆزلەشكە باشلىدى: — مۇدىرىيەت باشلىقى ۋە ئەپەندىلەر، مەن ئۆزۈمنى بىر مەغلۇبىيەتچى دەپ ساناپ دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ تەرىپى ماڭا تولىمۇ روشەنكى، باشقىلار دېمىسىمۇ بىلىمەن. بىر كۈنى، كەچتە مەن بۇنداق كېتىۋەرسەم بولماس دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۇ چاغدا مەن مېھمانخانا ئۆيدىكى كىتاب ئىشكابىدا مۇقەددەس دىنى دەستۇرنى كۆرۈپ قالدىم. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، بۇ دەستۇرنى ۋاراقلاپ باقمىغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەن دەستۇرنى قولۇمغا ئېلىپ، مۇقاۋىسىنى ئۆرۈپلا تېمنىڭ سۆيۈملۈك ئاپىسىغا تەقدىم دېگەن قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى. مەن يەنە ۋاراقلىدىم، بۇ چاغدا مەن تۈزۈلىمەن، باشقىچە بىر ئادەمگە ئۆزگىرىمەن دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر كۆز ئالدىمدا توغرا تۇرۇۋالدى، مەن دەرھال بۇ سۆزگە چىن پۈتتىم. ئىككىنچى كۈنى، ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە يېڭى كىيىم - كېچەك سېتىۋالدىم. كاستيۇم - بۇرۇلكا، ئىچ كىيىم، ئاسما مايكا، كالتە ئىشتان، پايپاق، كۆڭلەك، ئاياق، گالىستۇك دېگەندەك ئۇچامدىكى ھېچنىمىنى قويماي ئالماشتۇرىۋەتتىم. ئۇچامدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى سېلىپ تاشلىۋېتىپ، يېڭى كىيىم - كېچەكلەر بىلەن ئۆزۈمنى يېڭىلىۋالغان بىلەن يېڭى بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىم ماڭا ناھايىتى ئايدىڭ ئىدى. ئۆيگە قايتىپ بېرىپ دەرھال مۇنچىغا چۈشتۈم، پۈتۈن ئەزايىمنى يۇيۇپ تازىلاپ خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاكلاندىم. باش - كۆزۈمنى يۇيۇپ تازىلاش بىلەن بىرگە كاللامدىكى ئىلگىرىكى پاسسىپ ئىدىيىلەرنىمۇ پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىۋەتتىم. ئاندىن پاكىز، رەتلىك كىيىنىپ، بىر خىل يېڭى قىياپەت بىلەن مال سېتىشقا كىرىشتىم، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تېجارەت ئوبوروتۇم جانلىنىپ بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى. مۇدىرىيەت باشلىقى، مانا بۇ مېنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىم. رو، دىلان ماڭا: — بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بۇ بىر مەڭگۈ ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ھېكايە. 700 دىن ئارتۇق تاماشىبىن جەم بولغان، ئارىنى چوڭقۇر سۈكۈت باسقان ئەنە شۇ دەقىقىلەردىن كېيىن، مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئورنىمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتتىم. ئۇنى تەبرىكلىدىم، گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا كۆپچىلىككە ئوخشاش مەنمۇ قاتتىق ھاياجان ئىلىكىدە ئۇنى قۇتلۇقلىدىم،- دېدى. شۇنداق، بىر ئادەمنىڭ يېپيېڭى بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ كېتىشى، ھازىرقى بۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى شۇ كىشى ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ زادىلا ئەقلى يەتمەيدۇ، ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ! رو. دىلان يەنە: — تېمنى ئۆزگەرتكەن ھېلىقى كەلىمىلەرنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ بىلگۈسى بولسىمۇ ئەمما ئۇنى دېيىش تازا بىئەپ بولۇپ قالدى. كېيىن مەن تېمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ كارتىنىڭ ئارقىسىغا: گېلىندۇنىڭ كېيىنكى كىتابى 5 - باب 10 - پاراگراف دەپ يېزىپ، ئاندىن قېنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپتۇ. مەن بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۇنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭدىكى كەلىمىلەر مۇنداق يېزىلغان ئىدى: ئەگەر كىمكى ئىخلاسمەن دىن مۇرىتى بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارىتىلغان بولىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇ يېپيېڭى بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ — ھەي رومان،- دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، — بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا لىنھىن )ئوھىئو شتاتى( دىكى مەكتەپكە كىرگەندە تۇنجى بولۇپ بۇ كەلىمىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. سەن قانداق قىلغان بولغىيتىڭ، ئەمما مەن ئۇنچە بەك چوڭقۇر ئويلىنىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. تېمنىڭ ئۆزگىرىشىدىن، ئۇ كەلىمىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم. رو. دىلان ناھايىتى توغرا ئېيتىدۇ دېمىسىمۇ ئېتىقاد كىشىلەرگە بەرىكەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ! بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقنى تازا ئاڭقىرالمىغاندا ئۇنى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قىلىڭ، مەيلى شۇغۇللانغان كەسپىڭىز قانچىلىك خەتەرلىك بولۇپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، سىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسىز.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى