بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> ئاغرىپ يېتىپ قالغان ھالەتتىمۇ، قىزغىنلىق ئوتىنى يالقۇنلىتىڭ

ئاغرىپ يېتىپ قالغان ھالەتتىمۇ، قىزغىنلىق ئوتىنى يالقۇنلىتىڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-25 16:10:42    كۆرۈلۈش سانى : 46  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  شەخسنىڭ كوللېكتىپقا تىرىشىپ - تىرمىشىپ قوشقان تۆھپىسى كوللېكتىپنى گۈللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ھەم مەدەنىيلىكنىڭ تاكاممۇللىشىشىغىمۇ بىر ئۈلۈش كۈچ قوشىدۇ.  ئان. پارسون كۈن بويى دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشمەيتتى. يولدىشى خىبمۇ كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئىنتايىن نامرات بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تولىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. ئەمما پارسون بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمىدى. چۈنكى ئۇ مۇنداق ئىككى مۇھىم ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ۋە تىلاۋەت قىلىش. مۇشۇنداق قىلسا ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايتتى. ئان. پارسوننىڭ كاللىسىدا بارا - بارا كونكرېت بىر ئوي پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسى ئېتىقاد، سىياسەت دېگەن ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان. بۇنى ھازىر سىلەرگە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: مەن ئورىۋان شتاتىدىكى دوختۇرخانىنىڭ تۇبېركۇليوز بۆلۈمىدە ئازابلانغانچە تورۇسقا قاراپ ياتاتتىم. كېسەل بولغاندىن بېرى مېنىڭ روھىي ھالىتىم بەكمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى 40 يىلدىن بېرى ئەرزىگۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقماپتىمەن دەپ ھېس قىلدىم. تازا قۇرامىمغا يەتكەن ۋاقىتلار ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. نېمىلا ئىش قىلسام قىززىق ھېس قىلاتتىميۇ، ئەمما ئەزەلدىن چىن نىيەت بىلەن كىرىشىپ كېتەلمەيتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم قونچاققا كۆينەك تىكىپ بەرگەندە، كەلگۈسىدە چوڭ بولغاندىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق كىيىم لايىھىلەش ئۇستىسى بولسام دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمما قاچاندىن بۇيان بۇ قىزغىنلىقىمنىڭ سۇسلاپ قالغىنىنى بىلمەيمەن. كەسپىي ئارزۇلىرىممۇ تەدرىجىي سۇسلاپ، ھزىرقى خىزمىتىم مۇقىملىشىپ قالغان ئىدى. ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچكە ۋە گۈزەل ئارزۇلارغا تولغان ھاياتىم، ئۆزۈمگە مەنىسىز تۇيۇلۇپ، ھەتتا سالامەتلىكىممۇ ناچارلىشىپ كېتىپ باراتتى. دوختۇرخانىدا يېتىشتىنىمۇ ئارتۇق يېگانىلىق ۋە مەنىسىزلىك يوقتەك ھېس قىلدىم. مەن ئاستا تىلاۋەت قىلىپ: مەن قورقۇنچلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەگەر مەن بۇ يەردىن سالامەت چىقىپ كېتەلىسەم، ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىمەن دېدىم. تىلاۋەتتىن كېيىن، مەن تىل بىلەن ئىپادە قىلغۇسىز چەكسىز تەسەللىگە ئېرىشتىم. مەن بارلىقىمنى تەڭرىگە تاپشۇرۇپ، ئۆزۈم خۇددى ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك بولۇپ قالدىم. روھىي ھالىتىم يېنىكلەپ، ئۇيقۇممۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزۈم ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا خۇشاللىق ھېسسىياتىم ئۇرغۇپ تاشتى. ئۆزۈم قىلغان تىلاۋەتنى ئويلىساملا، ئىشەنچىم ئوت ئالاتتى. يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزۈمگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك ئىش تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. بىر كۈنى مەن كىيىم تىكىش سىنىپىدا دەرس سۆزلەۋېتىپ، ئىلگىرىكى ئارزۇيۇمنىڭ قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدا تىنىمسىز ئۆركەشلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنە بىر كۈنى، بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچۇم چوڭ قەغەز يەشىكتە زاۋۇتتا ئىشلەپچىقارغان ئىلمە توقۇلما رەختنىڭ پۇرۇچلىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا، رەخت ئىشلەش ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تېخى بىرەر كىيىم تىكىش دۇكىنى ئىلمە توقۇلما رەختلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيتتى. ئىلمە توقۇلما رەختلەرنى بىلىدىغان كىشىلەر گەرچە ئىلمە توقۇلمىنىڭ ئىستىقبالى يوق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تىككۈچىلىك ئاسان ئەمەس، دەپ قارايتتى. مەنمۇ دوستلىرىمدىن كۆپ قېتىم ئىلمە توقۇلما كەسپىنىڭ خېلىلا قىيىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا ھېلىقى قەغەز ساندۇقتىكى رەڭگارەڭ ئىلمە توقۇلما رەختلەرنىڭ سېھرىي كۈچىگە تاقابىل تۇرالمىدىم. ئەشۇ رەخت پۇرۇچلىرى گويا: مېنى بىر سىناپ باقمامسىز! دېگەندەك ماڭا قاراپ كۆز قىساتتى. مەن يېشىل رەڭدىكى يوغان بىر پۇرۇچنى ئېلىپ كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا تىكىشنى سىناق قىلدىم. ھە دېگەندە تازا قاملاشتۇرالمىدىم. ھەرقېتىم يېڭىلىق ھېس قىلغاندا باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئاخىرى شۇنى سەزدىمكى رەختنى ئۇزۇن تارتىپ چوڭراق يىڭنىدە ماشىنىنى پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ تىكسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەممىدىن ياخشى بولىدىكەن. مېنىڭ بۇ خىل تىكىش ئۇسۇلۇم كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، ئۆزۈم تېخى سەزمىگەن ئەھۋالدىلا، ئوقۇغۇچىلىرىم مېنىڭ رەختنى ئۇزۇن قويۇپ تىكىش ئۇسۇلۇم غا دىققەت قىلغان. بۇ چاغدا، كىچىك بىر شەھەردە ئولتۇرىدىغان بىر ئايال ماڭا تېلېفون بېرىپ، مېنى دوستلىرىمغا تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز دەپ تەكلىپ قىلدى. مەن بارسام باراي دېگەن ئوي بىلەن ماقۇل بولدۇم. مەن ھېلىقى ئايال دېگەن يەرگە بېرىپ، 70 نەچچە ئايالنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بىلدىم، بۇ قېتىمقى تەجرىبە سۆزلەش نۇتۇقىدىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ تۇردۇم. يېشىمنىڭ ئۇلغۇيۇشى بىلەن بىر مەھەل ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خىزمەت ۋە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىم مېنى باشقىدىن روھلاندۇرۇۋەتتى. تۇغۇلغاندىن بۇيان مەن ئاخىرى ئۆزۈم قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئۆزۈمگە باب كېلىدىغان يولنى تاپتىم. مەن رەختنى ئۇزۇن قويۇپ تىكىش ئۇسۇلى دىن ئىبارەت مەخسۇس پاتېنت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردۈم - دە، دەسلەپكى كىيىم تىكىشتىكى سەككىز خىل ماھارەت دېگەن دەرسنى ئۆتۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھنامە تارقاتتىم. ئالتە ئايدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ، رەختنى ئۇزۇن قويۇپ تىكىش مەركىزى قۇردۇم. دەرس ئۆتۈشتىن سىرت، مۇستەقىل تۈردە كىيىم تىكىش قورالى، مودېل قەغەزلىرىنى ساتتىم. ئاندىن مەن ئىلمە توقۇلما رەختلەر بىلەن كىيىم - كېچەك تىكىش ھەققىدە بىر پارچە كىتاب يازدىم. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، مېنىڭ بۇ كىتابىم بىر مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىلدى. بۇ كىتابنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تېلېۋىزىيىدە ئان. پارسوننىڭ كىيىم - كېچەك تىكىش سىنىپى دېگەن پروگرامما ئۇدا بەش يىل كۆرسىتىلدى. كېيىن يولدىشىم خىب كىيىم - كېچەك تىكىش مەركىزى نى زەنجىرسىمان مەركەز گە ئايلاندۇردى. ھازىر ئامېرىكا ۋە كانادادا بۇ مەركەزدىن جەمئىي 923 بار بولۇپ، نەچچە يۈز مىڭلىغان ئاياللار رەختنى ئۇزۇن قويۇپ تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى