بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> ئىشلار قانچە ئوڭ كەلمىگەنسېرى، شۇنچە ئاسان پاكىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ

ئىشلار قانچە ئوڭ كەلمىگەنسېرى، شۇنچە ئاسان پاكىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-22 13:42:38    كۆرۈلۈش سانى : 53  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  تىل دېگەن پسىخىك تەسەۋۋۇرنى ئىپادىلەيدۇ، ئىشلار تازا يۈرۈشمىگەندە، ئۆز كەسپىڭىزگە بىر مەغلۇبىيەتچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلسىڭىز، شەك - شۈنھىسىزكى پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندەك قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سىز ھەرگىز تەڭرىدىن ماڭا تولىمۇ بېخىللىق قىلىپ كەتتى ياكى پۇل، مېلىم يېتىشمەيۋاتىدۇ، دەپ ئاغرىنماڭ. چۈنكى يېتىشمەيدۇ دېگەن بۇ گەپنىڭ ئۆزىمۇ ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس. يېتىشمەيدۇ دېگەنسىرى يېتىشمەيدىغان گەپ، يېتىشمەيدۇ دېگەن بىلەن يېتىشىدۇ دېگەن گەپ ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە ھەرپلا پەرق قىلىدۇ. كۈن بويى ھەرگىز ھالىم خاراب دەپ يۈرۈۋەرمەسلىك كېرەك. ئەقىللىق چارلىس. فىمويا مۇنداق دېگەن: يوق دېيىش ھەمىيىنىڭىزنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋېتىدۇ، ھەممىگە قادىر ئىلاھمۇ ھەميىنىڭىزغا بىر تىيىن پۇل سېلىشنى خالىماي قالىدۇ، شۇڭا، كاللىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىنى مول، گۈزەل، بار دېگەن سۆزلەر بىلەن تولدۇرۇۋېتىشىمىز كېرەك. ھەركۈنى ئەتىگەندە: مول، مول، مول دەپ، ئاندىن پۇرسەت، پۇرسەت، پۇرسەت دەپ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇ چاغدا مول دېگەن سۆز بىلەن پۇرسەت دېگەن سۆزنىڭ ئوبرازىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز، پاسسىپ قاراڭغۇ ئىدىيىلەردىن ۋاز كېچىپ، قەلبىمىزنى يورۇق، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ تەپەككۇر بىلەن سۇغۇرۇشىمىز كېرەك. يېتىشمەيدۇ دېگەن سۆزنى ئويلاشقىمۇ، دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا يېتىشمەيدۇ دېگەن سۆز خەتەرلىك رېئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر سىزدە ئاشۇ خىل ئىنكار خاراكتېرلىك ئوي باش كۆتۈرسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ روھىي دۇنيارىڭىز پاسسىپ تەرەپكە قاراپ سىلجىيدۇ. ھەممە ئۆز خىلى بىلەن دېگەن گەپنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئەگەر سىزدە ئىنكار خاراكتېرلىك ئاڭ بولىدىكەن، ئىنكار خاراكتېرلىك نەتىجىمۇ يۈز بېرىدۇ. خەيرىلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز ئويلىماڭ ياكى ئېغىزىڭىزدىن چىقارماڭ. دىنىي دەستۇرلاردا مۇنداق ۋەدە بېرىلگەن: سىز ئېغىزىڭىزدىن مەلۇم خىتابنى چىقارسىڭىز، ئۇ سىزگە نىسبەتەن ئۆزگەرمەس رېئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزىڭىزنى نامرات دېسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزنى نامرات دەپ جاكارلىغان بىلەن تەڭ. تىل دېگەن پسىخىك تەسەۋۋۇرنى ئىپادىلەيدۇ، ئىشلار تازا يۈرۈشمىگەندە، ئۆز كەسپىڭىزگە بىر مەغلۇبىيەتچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلسىڭىز، شەك - شۈبھىسىز پۇلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندەك قىيىن ئەھۋالدا قالىسىز. قانداق ئويدا ئىكەنلىكىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز، ناۋادا سىزدە مەغلۇبىيەتچىلەردىكى تەسەۋۋۇر بولسا، دەرھال ئۇنى ئاۋۋالقى تەسەۋۋۇرىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تالاش - تارتىش قىلمايدىغان پاكىتقا ئايلاندۇرۇڭ. ئادەم ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، تەپەككۇر قىلىپ، بارلىق ئىشلارنى غايىۋى نىشانغا تەرەققىي قىلدۇرغانغا يەتمەيدۇ. تىل ۋە تەپەككۇر سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزىڭىزنى ھەممە نېمەم يېتىشمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز ۋە يېتىشمەيدۇ دېگەن گەپنى دەۋەرسىڭىز بۇ گەپنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. شۇنداقلا گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدلەرنىڭ سىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭ، چۈنكى تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەندەك، ئىشلار ھەمىشە بىز ئويلىغاندەك، بىز دېگەندەك، بىز تىلىگەندەك، بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك بولۇپ چىقىدۇ. بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان ئومۇمىي قائىدىلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق پاكىت، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. بۇ پرىنسىپلارغا ئىشەنگەن ۋە بۇ پرىنسىپلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا جانلىق قوللانغان كىشىلەرگە ئايانكى، ئۇلار مۇشۇ پرىنسىپلار ئارقىلىق ئىشلىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى ھەل قىلغان. ئەگەر سىز مۇشۇ پرىنسىپلارغا ئىشەنچ قىلالىسىڭىزلا، ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلسىڭىزلا، ھەرقانداق ئىش ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايسىز. ئۇ بىر تۈرلۈك ھەقىقەت، ئۇ بىر بەخت.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى