بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ

بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:22:22    كۆرۈلۈش سانى : 772  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ  — مەيلى كىم بولۇشۇڭلاردىن، قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، بۈگۈن سىلەرنىڭ ئىنتايىن سىرلىق بىر كۈنىڭلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.     مەن ئاكتىپ تەپەككۇرنى ئىشقا سېلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالايدىغانلارغا نۇتۇق سۆزلەپ ئىلھام بېرىشتەك ناھايىتى نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. بۇنداق نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشىدا بەش مىڭدىن ئونمىڭغىچە تاماشىبىن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساننى ياشلار ئىگىلەيتتى، شۇنداقلا شىركەتمۇ ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلىدى.  نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئېھتىمال ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر نۇتۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. دېمىسىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشى بىر خىل ئىجادىي كەيپىيات يارىتىدۇ. ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك كۈچ - قۇدرەت ھاسىل قىلالايدۇ.  ئومۇمەن، ئۇلار ئۆزىدە مەلۇم خىل ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى بىلەن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلەيدىغان مىساللارنى قايتا ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، ئىلگىرى تامامەن ھېس قىلىپ باقمىغان ھەر خىل ئىقتىدارنى بايقايدۇ. ئۇلار بۈگۈن نىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەگەر بۈگۈن نى ھەقىقىي يوسۇندا چىڭ تۇتالىسا، مۇۋەپپەقىيەت نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.  بىر كۈنى كەچتە مەن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن چاتتا نوگاغا نۇتۇق سۆزلەشكە باردىم. ئۈچ نەپەر نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ ئىچىدە مەن ئۈچىنچى بولۇپ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ، باشقىلار نېمىلەرنى سۆزلەيدىكىن دەپ نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ نۇتۇقىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدىم.  بۇ چاغدا بىر سەمىمىي ياش يول تەرەپتىكى ئورۇننى ماڭا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزى ئىچكىرى تەرەپتە ئولتۇردى. بىز نۇتۇق سۆزلەش باشلانغىچە بىردەم ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ كىشى مېنىڭ نېمە ئادەملىكىمنى بىلمەيتتى.  نۇتۇق سۆزلىگۈچى سەھنىگە چىقتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ياش ئۈگدەپ قالدى - دە، بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى. نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرى مەيداندىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ، قىقاس چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئويغىنىپ كەتتى. ئەمما بىردەمدىن كېيىن ئۇ ياش يەنە ئۇخلاپ قالدى. ئۇ نۇتۇق تۈگىگەندە چېلىنغان چاۋاك ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىپ، ماڭا: — ياخشى سۆزلىدى — دېدى.  مەن ئەسلىدە ئۇنىڭغا: سىز قانداق بىلىسىز؟ دېمەكچى ئىدىم، ئەمما دەرھال گېپىمنى ئۆزگەرتىپ:  — ئۇنىڭ كەينىدىن سۆزلەيدىغان كىشى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆتكەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەخپىيىتىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىغان ئادەم ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىسا، بولۇپمۇ كەچكىچە ئۇخلاپ ئولتۇرىدىغان ئادەم ئاڭلىسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ بۇ خىل بىپەرۋا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئاشۇ ئادەملەر ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن،- دېدىم.  ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:  — مەن چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمەن.  مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇ كېيىنكى مەيداندىكى نۇتۇقنى ھەقىقەتەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ھېلىقى نۇتۇق سۆزلىگۈچى ھە دېگەندىلا، بۇ مۈگدەپ ئولتۇرىدىغان ياشنى جەلپ قىلدى. نۇتۇق سۆزلىگۈچى يۇقىرى ئاۋازدا:  — بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ھاياتقا يېڭىۋاشتىن تۇغۇلىسىلەر - دە، يوشۇرۇن ئەقىل - پاراسىتىڭلار جانلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇتۇقنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭلار كېرەك، تەقدىر بۈگۈن سىلەرگە قول پۇلاڭلاتماقتا،- دەپ سۆزلەيتتى.  بۇ قېتىم ھېلىقى ياش مۈگدىمەي، قەددىنى تىك تۇتۇپ ئاڭلىدى. ھەربىر ئېغىز سۆزنى تولۇق ھەزىم قىلىپ، 40 مىنۇت مىدىر - سىدىر قىلماي قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا ئۇ ئۆز - ئۆزىگە: چوقۇم ئاۋۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قولىنى بىر تۇتۇۋالاي، ئۇ مېنى ئۆزگەرتتى دېدى.  ئۇ مەندىن ئۆزرىخاھلىق سوراپ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ، يۈگۈرگىنىچە ئىككىنچى قەۋەتتىكى مۇنبەرگە چىقىپ كەتتى.  كېيىن مەن بۇ ياش بىلەن قايتا كۆرۈشەلمىدىم. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا نۇتۇق سۆزلىگەن كىشىدىن بوي - بەستى 183 سانتىمېتىر كېلىدىغان، سېرىق چاچ يىگىتنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن - كۆرۈشمىگەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:  — ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بىر يىگىتنى ئۇچراتتىم. ئۇ يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداقتۇر بىر ئىش يۈز بەرگەنمىش، ئۇ ئاشۇ كۈندىكى ئىشنى ھەرگىز ئۇنتالمايدىكەن.  مەن ئۇ ياشنى ئەڭ ياخشى بىر ئۈلگە قىلدىم. ئەگەر قەلبلەرنى ھەقىقىي تۈردە تۇتاشتۇرغىلى بولسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەرگەن ئىلھام بىلەن بۈگۈن نى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ ھەم ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتچىلەرنى تامامەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەمما ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئاشۇ قىسقا دەقىقىلەرنىڭ ئالدىمىزدا قاچان پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىزمىز. ئاشۇ ئېسىل پەيتلەر يېتىپ كەلگەن ھامان ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.  بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتىنى، ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق بىر كۈنى باشلاشقا بولىدۇ. سىز مۇشۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقان كۈندىن باشلاپ دەرھال ھەرىكەت قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ھەرىكەت قوللانغاندا پەقەت يېتەرلىك ئىلھام ۋە ئېنىق مەقسەت بولسىلا، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەل - تۆكۈس جارى قىلدۇرۇپ، قالتىس ئېسىل نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيسىز.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى