بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> بازغان ئەينەكنى ئۇۋۇتىۋەتكەن بىلەن، پولاتنى تاۋلاپ چىقىدۇ

بازغان ئەينەكنى ئۇۋۇتىۋەتكەن بىلەن، پولاتنى تاۋلاپ چىقىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-23 14:22:32    كۆرۈلۈش سانى : 41  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ناۋادا سىز ياخشى ماتېرىيال بولسىڭىز، ئوڭۇشسىزلىق سىزنى ۋەيران قىلىۋەتمەي، ئەكسىچە سىزنى پولاتتەك مۇستەھكەم قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كۆڭلىڭىزدە ناخۇش كۈنلەرنى شېرىن، ئېسىل دەملەر دەپ خىيال قىلىڭ.  مەن ئايالىم لوس بىلەن نويابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، كانادانىڭ ياربات رايونىغا زىيارەتكە باردىم. ئۇ ئىنتايىن گۈزەل جاي ئىكەن. بىپايان يايلاقلار لەرزان شامالدا دېڭىزدەك تەۋرىنىپ تۇراتتى. يىراقتىكى لوس ئانژېلىس تاغ تىزمىلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كالگىرىدىكى نۇتۇقنى تۈگىتىپ، بىر كۈن تۇرۇپ ئەتىسى لوس بىلەن ئايرودرومغا قاراپ ماڭدىم. ئايروپىلان ئۇچۇشقا يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت بار ئىدى. شۇ تاپتا كۆڭلىمىز شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. بىز پىيادە سەيلە قىلىپ كەلمەكچى بولۇپ چەكسىز كەتكەن بىر يايلاققا كەلدۇق. ئالدىمىزدا ھەيۋەتلىك لوس ئانژېلىس تاغ تىزمىلىرى يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. تاغلار قېلىن قار بىلەن چۈمكەلگەن بولۇپ، قۇياش نۇرىدا گويا سانسىزلىغان ئالماسلاردىن نۇر چاقنىغاندەك نۇر چاقنايتتى. بىز كۈمۈشتەك ئاپپاق قار بىلەن پۈركەنگەن تاغ چوققىلىرىدىن جەمئىي 62 نى ساناپ چىقتۇق. مەن: نېمىدېگەن گۈزەل! دەپ ماختاپ كەتتىم. ئەتىگەندىكى خۇشاللىق ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن لوسنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. يامغۇردىن كېيىن بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان پاكار جىلغىلاردىن كېسىپ ئۆتتى. دېرىزىدىن قارايدىغان بولساق ئاقۋاش چوققىلار كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا دەريا ئۆركەشلىرىدەك ئۈزۈلمەيتتى. مەن بۇ مەنزىرىلەردىن تولىمۇ ھاياجانلىنىپ ئايالىمغا: — مەن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىلىرىگە كۆيۈپلا قالدىم، مېنىڭ بۇ بېھىشتەك گۈزەل دىياردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، يەنە ئۇزۇنراق ياشىسام بوپتىكەن. نېمىدېگەن سېھرىي كۈچكە تولغان ئۇلۇغ مەنزىرىلەر - ھە!- دېدىم. ئەمەلىيەتچىل لوس ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: — شۇنداق، ئۆزىڭىز داۋاملىق ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاكتىپ تەپەككۇردا بولسىڭىز چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز. كۈنلەر ناھايىتى ئۇزۇن، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر كۈننى ياخشى كۈتۈۋېلىپ، ھەربىر كۈننى گۈزەل ۋە رومانتىك ھېسلاردا ئۆتكۈزەيلى، ئىلاھ بىزگە ئاتا قىلغان ھايات خۇشاللىقلىرىدىن بەھرە ئالايلى! دوستۇم، بۈگۈن سىزگە مەنسۇپ! بۈگۈن نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇڭ، بۈگۈن نى قەدىرلەڭ، بۈگۈن ئىچىدە ياشاڭ. بۇنداق دېسەم ئېھتىمال بەزىلەر مېنى سىز خۇددى سەبىي قىزچاقلاردەك بەك رومانتىك ئىكەنسىز، دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىن. بەزىلەر ئېھتىمال مەندىن: — ئېغىر كۈلپەتلىك قىسمەتلەرگە يولۇقسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ زۇلمەت باسقان پاجىئەلىك كۈنلەرنىمۇ شاد - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتىمەن دەپ ئېيتالامسىز؟- دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھېچكىم مەندىن بۇنداق مەسىلىلەرنى سوراپ باقمىدى. بۇ پەقەتلا ئۆز - ئۆزۈمگە سوئال قويۇپ، ئۆز - ئۈزۈمنى سوراققا تارتىشىم. ئەلۋەتتە مەن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھايات سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققاندا، ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن. گەرچە ئادەم ھاياتتا بەزىدە نۇرغۇن مۈشكۈللەرگە ئۇچرىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا تەسەۋۋۇردىكىدەك ئۇنداق ئېغىر ئەھۋاللارغا قالمايدۇ. بۈگۈن، بىزگە نېمىنىلا سوۋغا قىلمىسۇن ھەممىسى ئۆزىمىزگە مەنسۇپ، خۇددى ئوسال ئەھۋالدىمۇ ئېسىل نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنگە ئوخشاش، مۇشۇ بىر كۈندىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ يەردىكى مەخپىي سىر، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىدكە ئىنتىلىش، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىشەنچكە ئېرىشىش! نيۇيورك يانكى ئەترىتىنىڭ مەشھۇر دىرېكتورى، مەرھۇم كاتى. سېتنجىر ئەنە شۇنداق ئويدا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كاتى مەغلۇبىيەتتىن قورقمىغان. ھەر قېتىم مەغلۇپ بولغاندا، كېيىنكى قېتىمقى غەلىبىگە بولغان ئۈمىدىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. مەغلۇبىيەت ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغان. بۈگۈن ئۇ ئىنتايىن ئازابلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئىككىنچى كۈنى مەغلۇبىيەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغان. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەيلى قانداق ئوسال ئەھۋالدا قالماي ياكى قانداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىماي، ھامان بازغان ئەينەكنى ئۇۋۇتىۋەتكەن بىلەن پولاتنى تاۋلاپ چىقىدۇ دېگەن ھېكمەت بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى