بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت

ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:21:42    كۆرۈلۈش سانى : 316  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت    مەغلۇبىيەت بىر ھاياتنى ئېزىۋېتىشىمۇ ياكى مۇستەھكەملەپ، تولۇقلىشىمۇ مۇمكىن.     مەن، باشلىنىشىدىنلا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بىر خىل بەخت دەپ قارايمەن. ئەگەر خېلى ئاساسى بار خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، ئۇ سىزدىن چوقۇم خىزمەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئورنىڭىز تۆۋەنرەك بولسا، نەتىجە يارىتىشىڭىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ.  مەن، باستىر بولۇش سۈپىتىدە ھاياتىمدا تۆت دىنىي جەمئىيەتكە رىياسەتچى بولدۇم. ھەربىرى ئەمدىلا ئىش باشلىشى بىلەن ۋەيران بولۇش ھالىتىگە قاراپ يۈزلىنەتتى. ئەمما مەن بىر مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھەربىر دىنىي جەمئىيەتتە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئۇنى ياخشى ھالەتكە يۈزلەندۈردۈم. بۇ تەجرىبىلەر مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدا بەختكە مەنسۇپ. ئەمەلىيەتتە، مەن ھەربىر ئادەمگە تەكلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق خىزمەتلەرنى تاللىغىنىدىن كۆرە، ئوڭۇشسىز خىزمەتلەرنى تاللىغىنىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئوڭۇشسىز خىزمەت سىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئومۇمەن، مەن مانا مۇشۇنداق تەلەيلىك بەندە. ھەرقېتىم شەرت - شارائىتى ناچار خىزمەتلەرگە يولۇققاندا، ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا ئەڭ ياخشى پۇرسەتكە ئايلىنىدۇ.  ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغۇچى كىشى نېمىشقا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ؟  بۇ ئىشنى ئويلىساملا ئوتتۇرا غەربىي قىسىم شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى تاللاپ كۆرسەتكەن دوكتور مائارىپچى لاگا. چۇپورا كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.  CBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 60 مىنۇتلۇق خەۋەرلەر پروگراممىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ شەھەردە 22 باشلانغۇچ مەكتەپ، بەش تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار. ئەمما بۇلارنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسى شتات بويىچە ئەڭ تۆۋەن. دوكتور چوپورا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ خىزمەت ئۆز ئىقتىدارىنىڭ تىرىشىش نىشانىنى باھالىيالامدۇ - يوق دېگەننى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ تەكشۈرگەن، ئۇ ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، قىيىن خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى ياقتۇرىدۇ.  ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى خېلىلا پايدىسىز شارائىت ئىدى. ھەر قېتىم ئۇ مېھمانخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە، پوكەيدىكى مۇلازىمەتچى چېغىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېغىرىغا تېگىپ: سىزگە ئامەت تىلەيمەن، سىز چوقۇم ئىلاھنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىسىز دېگەن.  ئۇنىڭ ئېيتىشچە، جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقان بىر مۇئەللىم كەينى - كەينىدىن خىزمەتتىن يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان. دوكتور شەھەر ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەردىن ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە نىسبەتەن ياخشى تەسىراتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. بۇ ئېھتىمال تېلېۋىزوردا بەرگەن خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ھېچكىمنىڭ بۇ جايدىكى مەكتەپ بىلەن خوشى قالمىغاندەك قىلاتتى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مائارىپ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگىن، بولمىسا ئازار يېيىشتىن باشقىغا ئېرىشەلمەيسەن دېگەن.  كېيىن دوكتور چوپورا يەنە بىرەيلەننى ئۇچرىتىدۇ، ھېلىقى ئادەم دوكتورنى خىزمىتىدىن چېكىندۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدا ئىدى. بىر كۈنى، ئۇ ئادەم ئىشىكنىڭ ئالدىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇراتتى، دوكتور چوپورا بۇ ئادەمدىن سىز بۇ رايوندىكى مەكتەپكە نىسبەتەن قانداق تەسىراتقا ئىگە دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم دوكتورنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ، قولىدىكى پىۋىنى قويۇپ، مەكتەپكە قارىغىنىچە، قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا:  — ناۋادا بۇ مەكتەپكە ئوت كېتىپ قالسا، بىرەر چېلەك سۇمۇ چاچمايمەن،- دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. دوكتور كۆڭلىدە بۇ مەكتەپتىن قەتئىي چېكىنەي، دېگەن ئوي بىلەن ئۆيىگە قايتتى.  دوكتور كەچلىك تاماقتا بۇ ئىشنى ئۆيىدىكىلىرىگە دەپ بەردى. ئۇ بۇ رايوندىكى مەكتەپتە قەتئىي ئۈمىد قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئېچېندى، بىر ھازادىن كېيىن ئوغلى دىك:  — قېنى، دادامنىڭ ئىشەنچىسىنى بىر سىناپ باقايلى، سىز دائىم بىزگە قىيىنچىلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەيتتىڭىزغۇ؟- دېدى.  دوكتور بالامنىڭ دېگەن گېپى توغرا دەپ قاراپ، قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئاشۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماقۇل بولدى. دوكتور بۇ قېتىمقى تەجرىبىگە ئىگە بولۇشتا تۆۋەندىكى سۆھبەتلەرگە شاھىت بولغان:  مەن مەكتەپكە بېرىپ، ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنى، ئەتىگەندە مەكتەپ كارىدورىدا بىر مۇئەللىمە بىلەن سۈركۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن تىنچلىق سوراپ:  — چوڭىس مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز،- دېدىم. مۇئەللىمە جاۋابەن:  — ياخشى دېسىڭىز ياخشى، بىراق ياخشى دەيدىغان نېمە ئىش بار دەيسىز! — دېدى.  — چۈنكى سىزنىڭ گۈلدەك چىرايىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەن،- دېدىم. مېنىڭ گېپىمدىن ئۇ بىر ئاز ھەيرانلىق ھېس قىلدى. مەن ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ:  — چوڭىس مۇئەللىم، مېنىڭ ياخشى دېيىشىم بىز ئىككىمىز بۈگۈن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇشال - خورام ئۆگىنىش قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىمىز.  ئۇ دەرگۇمان بولغان ھالدا ماڭا قاراپ قويدى.  — شۇڭا سىز بۇ كۈننى ناھايىتى گۈزەل بىر سەھەر دەپ قارىمامسىز؟- دەپ سوردىممەن ئۇنىڭدىن. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:  — ھە، ھەقىقەتەن شۇنداق،- دېدى.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدى...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يو...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىن...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبە...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق ...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن...
●  مەن تېخى ھايات!
●  قىز-يىگىتلەر ئارىس...
●  ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىن...
●  شوخلىنى ئۆز پېتى يە...
●  بىلىۋالمىسىڭز بولم...
●  قىز پۇلى بەر!!
●  بۈگۈنكى مەخپىي سىر...
●  بەزى ئۇيغۇرلار ھەق...
●  ئاغرىپ يېتىپ قالغا...
●  بازغان ئەينەكنى ئۇ...
●  ئىشلار قانچە ئوڭ كە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىر نەچچە مىنۇت بىر ياشن...
●  ئوڭىشسىزلىق ئىچىدىكى مۇ...
●  شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن...
●  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتى...
●  ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چ...
●  مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ...
●  ھەققانىيەتكە نىسبەتەن ئ...
●  بايلىق ۋە خوشاللىق گۇما...
●  دۇنياغا يېڭىباشتىن تۇغۇ...
●  مەن تېخى ھايات!

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى