ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چاۋاك چېلىپ قۇيۇڭلارچۇ ؟!
ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چاۋاك چېلىپ قۇيۇڭلارچۇ ؟!
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 08:55:23 كۆرۈلۈش سانى : 170
[size=6][size=7]بارلىق مەدىيە ۋە گۈزەللىك ئالەملەر پەرۋەردىگارى بولغان بىر قۇدرىتى تەڭداشسىز "ئاللاھ" قا بولسۇن !
بىر ساڭىلا ئىشەنگەيمىز ،بىر ساڭىلا ئىبادەت قىلغايمىز !!! شەكسىز قىيامەت ئىگىسىدۇرسەن !!![/size][/size]
بىرى ئارىمىزدىن :
ھا ھا ھا ھەي ئاغىنىلەر ! ھېلىقى مۆمىنجان دىگەن ناخشىچىنىڭ ئاۋازى خېلى بولىدىكەن ،ئەمما زە ئۇنىڭ ئاشۇ دوردىيىپ چىققان كەلپۈكى ئاخشىمى بىرى بىلەن قاتتىق مۇشت يىگەندىن كىيىنكى ھاراقكەشتەك پولتىيىپلا چىققان دەڭلا ، مەنغۇ ھېچ بىلمىدىم نىمىگە شۇنچىۋىلا قىلىدىكىنا ئۇنىڭ ناخشىسىغا بۇ خەق ، توي قىلالماي تۇرغان خېنىملار ئاشىقمىدۇ ، يە ھە ؟ۋەھ.........
دىدى دە ئارىدىن بىرمۇنچە ھىجىيىش ئارىلاش تەنە كۆتۇرۇلدى .
بىر كۇنى توردا بىر دوست ئاۋامغا :
ھازىر بىزنىڭ مۇشۇ ناخشا مۇساپىمىزدە ئابدۇللا ئابدۇرىېھىمغۇ بىر تالانتلىق ناخشىچى بۇلۇپ پىشتى دەيلى ،ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى كىممۇ باسالار ،ئابدۇغېنى ئابلىكىمغۇ بوپقۇتىدۇ ،ئەمما ئۇ بىر خىل غىتمەك ناخشىچى ، ھەممە كىشىگە يېقىپ كىتەلمەيدۇ ،تاشمۇھەممەت باتۇر ئاكىمىز بولسا ساپ ئىلى-غۇلجا پۇرىقى بار ،قاراڭلار ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاسى زامان غىجەك-تەمبۇر چالىدىغانغا شۇنداققۇ ھە !نىمانداق مەتۇلىشىپ كىتىدۇ ئەمدى دەيمىنا !!!
دەپ ئۈزىچە ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىدىن ئەنسىرەپتىمىش ،ئەمىلىيەتتە كۆز ئالدىدىكىنى قارغۇلۇق بىلەن كۆز ئېتىبارغا ئالمىدى ...
----ھې تېخى ئۇيغۇر ئالىمىمىز تەندىكى نىمە ھۈجەيرىنى ئايرىپ ئولتۇرۇپتىمىش ،ئەمىلىيەتتە بىر كۆز ئالدامچىلىقىغۇ ئۇ !؟نوچىسى بولسا نىمىشقا بىز ئۈچۈن يېڭىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ ؟ بىز بۇ يەردە قۇرۇق نان غاجىلاۋاتىمىز ،يۇ - نىمىشقا ئۇ ئاقپىشماق بىزگە سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەستىن ،چەتئەللەردە نىمە ئىش قىلىدۇ دەيمىنا !!!
مانا بۇ بىز خەلىقنىڭ تايىنىشچانلىقى ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكى ،ياكى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئىچى تارلىق ،خۇسۇمەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنىڭ گەۋدىلىك نامايەندىسى .
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق ،
بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ بۇلۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.
*** *** ***
ھەممە شائىر ئاناملا دىدى ،ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى،بۇلسا مەلئۇن ھەرجايدا پەيدا .
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان ، قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى .
مانا بۇ كۇچلۇك مىللى ۋە پىسخىك ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئەكىس ئەتتۈرگەن شېئىر ---ئۇيغۇر مىللى چالغۇ ئەسۋابىنىڭ گۈلى بولغان ،دۇتتارنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بىلىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنىڭ قولىدا ناخشىغا ئايلانغان ئىدى .ئەپسۇس ،بىز نادان خەلق نەدىكى غىجىڭ ناخشىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاللا -توۋا ئېيتىشىپ كىتەرمىزكەن -يۇ، مۇشۇنداق
ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزى ۋە مىللى غۇرۇر ئىپادىلەنگەن چىن كۆڭۈل بىردىنلا ئاھاڭ بوغۇق ، مەتۇ ياغلىمىلىققا ئايلىنىپ قاپتۇدەكمىش ...
ھازىرقى ياشلارنىڭ روھىنى تورخانىنىڭ مەۋھۈم سايىلىرى رام قىلىۋالدى ،چۈنكى ئۇنىڭ سايىلىرىدا سارغىيىپ پىىشمىغان چەكلەنگەن مىۋىلەر دوقمۇشدوقمۇشتا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ...گەرچە ئۇ ئاچچىق بولسىمۇ يەيمىز ،چۇنكى بىز شۇنداق ئېچىرقاپ كەتكەن ...ئاز بولسىمۇ
تېڭىرقاش ئىچىدىكى ئاچلىقىمىزنى باسىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
نىمە ئۈچۈن ھېيتكاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرەپلىرى پاھىشخانا بولىدۇ ؟
چۇنكى ئەرلىرىمىزنىڭ ئەرلىك ئىپپىتىنىڭ كەمتۈكلىكى .
نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاتامانلىرى ئۆلۈم بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇغان ؟
چۈنكى ساتقىنلىقنىىڭ بىزدىكى روشەن ئىپادىسى .
*** *** ***
نىمە ئۈچۈن بالىمىز كۈلگەندە ھوي بالام يامان چىرايلىق كۈلىدىكەنسەنغۇ ، يەنە بىرنى كۈلىۋەتكىنە دىمەيمىز ؟
نىمە ئۈچۈن ئاياللىرىمىز ئەتىگەندە ھويلا-ئاراملارنى پاكىزلىغاندا <ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن ساڭا خوتۇن !> دەپ قوللىمايمىز يۇ،پەرۋاسىز ھالدا تېخى:< بۈگۈنچە ھويلا سۈپۈرۈپ كەتكىنىڭما بۇ ؟> دەپ زەربە بېرىپ قويىمىزيا ؟
نىمە ئۈچۇن بىلقۇت ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاچا ،ئاكىلىمىز بىز ئۈچۈن قان تەر ئاققۇزۇپ كەلدى ؟ "ئاپرىن سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلارغا !" دىيىش شۇنداق تەسما ؟ ھە توغرا ، بەزەن ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغانلىرىمىزمۇ بار ئەلۋەتتە ،ئۇلار تورىمىزغا كىرىپ ھەرقاچان ئىچىلىرى ئېچىشىپ خەتلەرنى تۇنۇيالماي چىقىپ كەتكەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن ... ئۇلار بۇ جايلاردا <ئېلىپبە> كىتابىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش باسقۇچىدا تېخى ،ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار خەنزۇچە بىلىدۇ !؟[s:52]
ۋاييەي ،ئەتىگەندىلا قاغا پوق يىمەستە قوپىۋىلىپ يىزىشقا كىرىشكەن ئىدىم ،ھازىر پۈتتى . پۇت-قوللىرىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك بوپ كەتتى .
ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر چاۋاك چېلىپ قۇيۇڭلارچۇ ؟ بەلكىم مەنمۇ <ئاللاھ> خالىسا مەنمۇ <ئۇيغۇر قەدىمكى تىلى توغرىسىدا بىرەر نەرسىگە ئېرىشىپ قېلىشىم مۇمكىن ...
|
|