ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئويغىتىڭ
شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئويغىتىڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:20:39 كۆرۈلۈش سانى : 384
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شېرىن ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئويغىتىڭ
سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا تېخى سەرپ قىلىنمىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىجادىي كۈچ شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان بولۇشى مۇمكىن. مانا شۇ يوشۇرۇن كۈچىڭىزنىڭ ئۈن - تىنسىز نابۇت بولۇپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويماڭ.
ئادەم مانا شۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش توغرىسىدىكى مىساللارنى ئوقۇغانسېرى، ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە تايىنىپ ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، پاسسىپ ئىدىيىدىن ۋاز كېچىش، ئۆزىڭىزگە ئاكتىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيىسى قوللىنىپ، ئىشەنچ تىكلەش، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن تالانتىغا ۋە ئىقتىدارىغا ئىشەنچ قىلىش.
ئىنچىكە تەپەككۇر قىلىش، تەپەككۇردىن كېيىن يەنە تىلاۋەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق تەپەككۇر ۋە تىلاۋەت مۆجىزە يارىتىدۇ. بۇ ئىككى ئامىلغا جاسارەت ۋە باش ئەگمەس روھ قوشۇلسا، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ تونۇپ يەتمىگەن ئەقىل - پاراسەتنى بايقايمىز ۋە بۇ خىل ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرالايمىز.
پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كۆڭلىمىزدە قانداق ئادەمگە ئايلىنالايدىغانلىقىمىزنى، مۇشۇنداق بىر گۈزەل كۈننىڭ مۇقەررەر يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق سىزىپ چىقالايمىز. ئۇ چاغقا بارغاندا سىز چوقۇم شادلانغان ھالدا: بۈگۈن ماڭا مەنسۇپ! دېيەلەيسىز. شۇڭا چوقۇم بۈگۈننى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئان. پارسون ئەسلى ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىگىلىك يارىتىش ئىقتىدارىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ بايامقى تونۇشتۇرۇشلار ئارقىلىقلا، ئۆزىدىكى بۇ خىل ئىقتىدارنى بايقايدۇ.
|
|