ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ياشلار >> ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىنىڭ...پىكىر قورالىڭىز بىلەن ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭ!!!
ھوزۇرلىنىڭ...ئويلىنىڭ...پىكىر قورالىڭىز بىلەن ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭ!!!
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-21 22:29:07 كۆرۈلۈش سانى : 72
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزانە قېرىنداشلار ۋە تور ئىشتىراكچىلىرى:
مەن ھازىر غەربى جەنۇپ مىللەتلەر ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ 2-يىللىقىدا تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.كورلا قاراشەھەر ناھىسىدىن . تۆۋەندە سىلەرگە بۇيەردە تۇرۇپ ھېس قىلغانلىرىمنى ھەرقايسىڭلارغا تەخېرسىزلىك بىلەن ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ.گەرچە مەن شائىر بولمىساممۇ ھەرھالدا بىرنەرسىلەرنى توقۇپ قويدۇم ،قۇلاق سېلىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەن بۇ 4يىللىق ئۇقۇش ھاياتىمدا شۇنى ھېس قىلپتىمەنكى،ھازىرقى زامان ئۇقۇتىشى ئوقۇغۇچىلىرىمىزگە ھەقىقى بىلىم ۋە ئەخلاق ئەمەس،بەلكى مۇقۇملۇق, تېنچلىق ،تەبىىيلىكنى ساقلىغان ،كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇخلىتىپ قويىدىغان <ئەللەي > ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىۋىتىپتۇ.بۇلۇپمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا قوش -تىلىلىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بېرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېڭىدىن "ئېلىپبە" ئۈگىنىشى، بارا -بارا مىللىي ئاڭنىڭ ئاجىزلىشىشىنى تېزلىتىۋېتىپتۇ شۇنداقلا قىز - يىگىتلىرىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن قولتۇقلىشىپ مېڭشى كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان، ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىۋېتىپتۇ.گەرچە مەن ئۈزۈم بىر تارىخ ئۈگەنگۈچى بولساممۇ ئەمما مېنىڭ كۆپ ۋاقتىم ئۇيغۇر تورىدىكى مۇلاھىزىدە...ئىچكىرىگە ئۆتتۇق دېگەن بىلەن كەسىپ تاللاش ھوقۇقى ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەس، سىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۆگەنمەسلىكىڭىز ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، سىز پەقەت يۇۋاش 6 يىلنى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك سىرتقا كۆز سالماي ئۆتكۈزسىڭىزلا سىز ياخشى ئوقۇغۇچى!!![s:45][s:36]
ئۆزىمىز بىر شىركەت قۇرۇپ ئايرىم ماركا مەيدانغا چىقارساق ،باشقىلار بىزنى نىمىشقا ماۋۇ ماركىنى چىقاردىڭ دەمدۇ؟ ساپ ئەقلىمىز بىلەن ھالال ياشاپ مىللىتىمىزنى گۈللەندۈرسەك، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلىساق بىزنى باشقىلار بىزنى كەمسىتەلەمدۇ؟ ئۆز ناخشىلىرىمىزنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىدەك ،ئابدۇغېنى ،ئابدۇخالىق،مۆمىنجان قاتارلىق ياش -تالانتلىق ناخشىچىلىرىمىزدەك دۇنياغا تۇنۇتساق ،بىزنى بىركىم نىمانداق قاغىدەك ۋاقىرايسەن دىيەلەمدۇ ؟
بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى،بىزدىن چىقىۋاتقىنى ئەركەك مىجەز،خۇش-پېئىل ،ناخشا-ئۇسسۇل،ناۋا-مەشرەپكە ھېرىسمەن مىللەتنىڭ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئارلاشقان بوغۇق ئاۋازى! بىزنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئاكىمىز ئېيتقاندەك مىللەتنى 1.تەبىئى مىللەت 2.ئىجتىمائى مىللەت 3.سىياسى مىللەت دەپ ئۈچكە ئايرىۋەتكەن،بىز ھامان ئاشۇ 1-سىگە كۆنۈكمۇ؟ مەسىلەن بىز بىر ئادەمنى 3 قىسىمغا بۆلۇپ باقايلى ! كىندىكنىڭ تۆۋەن قىسمى تەبىئى مىللەت بولسۇن ، كىندىكنىڭ ئۇستى قىسمى بويۇننىڭ تۇۋەن قىسمىنى ئىجتىمائى مىللەت دىسەك ،ئۇنداقتا باش قىسمى سىياسى مىللەت بولىدىكەن .خوش،بىز قايسى قىسىم بولىمىز ؟پاھ ،بەدەن ۋە باشنى كۆتۇرۇپ تۇرغۇچى تاغ بولامدۇق نىمە !؟باش قاياققا ماڭ دىسە شۇياققا ،قورساق شۇنداقلا كورىلدىسا پۇتتا جان نىمە ئىشقىلا؟ مەسىلەن پۇت بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك كېلەر ؟ توغرا 1 سانتا ... بۇ بىر سانتا ئارىلىق تېيىلغاق بولسىچۇ ؟ ئۇ چاغ تەسەۋۋۇردىنمۇ پاجىئەلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ ،ئەلۋەتتە باش ھەرگزمۇ پۇتنىڭ ئۇنداقلا يىقىلىپ كىتىشىنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ ،ئەلۋەتتە .چۇنكى پۇت بولمىسا باش قانداق ئۆرە تۇرالىسۇن؟ ئاران كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان ،ئۆزىگە يۆلەنچۇك بولىۋاتقان كۈچنى يوقاتمايدۇ،ئەمما كۈچەيتىپمۇ قويماسلىقى ئېنىق، بولمىسا باش ۋە قورساق تولىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ ...
يەنە 50 يىلدىن كېيىنمۇ بىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىدىن مۇشۇنداق بەھىر ئالالامىزمۇ؟ ئەۋلادلىرىمىز يۈز-شەكلى بىزگە ئوخشاش، مىجەز -خۇلقى ھايۋان كەبى ئۆسۈپ يېتىلەرمۇ؟ قاچانمۇ <ياۋا مىللەت >دېگەن گەپنى ئاڭلىماس بولارمىز؟
ئاخىىرىدا "ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىمان ئاتا قىلىشىنى!ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بېرىشىنى تىلەيمەن، ئامىن!!! |
|