مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تۆت پەلەمپەي
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 11:53:01 كۆرۈلۈش سانى : 386
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تۆت پەلەمپەي
سىلەر ئىلاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى. سىلەر بۈيۈك ئادەملەردىن بولالايسىلەر، سىلەردە نىشان، ئىشەنچ بولسىلا ئۆگىنىشكە ماھىر بولساڭلار ئۇلۇغ شەخسلەردىن بولالايسىلەر. ئىلاھ سىلەرگە مەدەت بېرىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت ماھىرى چارى. پادىك باشلانغۇچ مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەش ئۇيۇشمىسىنىڭ لىكتورى بولغان. نۇرغۇن گېزىتلەرنىڭ تەنھەرىكەت ئىستونىدا ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز يۈگرەيدىغان ئادەم دەپ ئاتىغان.
بىر قېتىم مەن ئۇنىڭ بوستۇن تەنھەرىكەت مەيدانىدا قويۇندەك تېز يۈگۈرۈيدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا بالىلارنى تەربىيىلىگەن، نۇرغۇن ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.
بىر كۈنى مەكتەپنىڭ يىغىن زالىغا بۇ ئاتاقلىق ماھىرنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاشقا مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر بالا يىغىلىپتۇ. زالنىڭ ئەڭ ئالدىنقى رېتىدە كىچىك جىس. ئوۋنىس ئولتۇرۇپتۇ.
ئوۋنىس ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ھالىتىنى ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەردى!
چارى. پادىك مۇنبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىككى قولىنى شىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، يىغىن مەيدانى تىنچلانغاندىن كېيىن، جاراڭلىق، كۈچلۈك ئاۋازدا:
— سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ مەن بۇ يەرگە مۇشۇ ئىشنى دەپ قويغىلى كەلدىم. سىلەر ئىلاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى. سىلەر بۈيۈك ئادەملەردىن بولالايسىلەر، سىلەردە نىشان، ئىشەنچ بولۇپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولساڭلار ئۇلۇغ شەخسلەردىن بولالايسىلەر. ئىلاھ سىلەرگە مەدەت بېرىدۇ. سىلەر راستىنلا قالتىس ئادەملەردىن بولۇپ چىقالايسىلەر، دېدى.
جىس. ئوۋنىسنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئاشۇ دەقىقىلەردە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز نىشانىنى بەلگىلىۋالغان، ئۇ بولسىمۇ ئىككىنچى چارى. پادىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز يۈگرەيدىغان كىشى بولۇش. ئۇنىڭ نۇتىقى ئاخىرلاشقاندا، ئۇ دەرھال ئالدى - كەينىگە قارىماي مۇنبەرگە چىقىپ پادىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن.
جىس. ئوۋنىس بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىلەرنى ئەسلىگەچ بىر تەرەپتىن تولۇپ - تاشقان بىر خىل ئەيمىنىش تەلەپپۇزىدا ماڭا مۇنداق دېدى:
— چارىسنىڭ قولىنى تۇتۇشۇمغا خۇددى ئېلېكتر ئېقىمىغا ئوخشاش بىر خىل ئىسسىق ئېقىم مېڭەمدىن كىرىپ تاپىنىمىدىن چىقىپ كەتتى.
ئاندىن مەن يۈگۈرگەن پېتى تېرىنىرنى تېپىپ:
— تېرىنېر، مەن بىر ناھايىتى ياخشى ئارزۇغا ئىگە بولدۇم، ئۇ بولسىمۇ ئىككىنچى چارى. پادىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز يۈگرەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىش،- دېدىم.
تېرىنىر تولىمۇ ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بالىلارغا ئىلھام بېرىشنى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ مېنىڭ ئۇرۇق مۈرەمنى تۇتۇپ:
— توغرا، جىس، سەن ياخشى بىر ئارزۇغا ئىگە بولۇپسەن، بۇ ناھايىتى ئۇلۇغ ئارزۇ. ئادەم گەرچە ئۆز ئارزۇسىدىكى ئادەمدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەمما ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشسا، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ئىشەنسە، ئۆز ئارزۇسىغا سادىق بولسا، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قالمايدۇ. ئارزۇ - ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق تۆت پەلەمپەينى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ تۆت پەلەمپەي: ئىرادە، زېھنىنى قويۇش، چېنىقىش، پوزىتسىيە،- دېدى.
تېرىنىر يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پوزىتسىيە قالغان ئۈچىنى يىغىنچاقلىغاندىمۇ مۇھىم،- دېدى. ئۇنداق بولۇشى پوزىتسىيە بۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىشەنچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاندىن ئۇ يەنە، ئىرادە تىكلەش، زېھنىنى قويۇش، چېنىقىشتىن ئىلگىرى نىشانغا بولغان تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نىشان تىكلەشتىن ئىلگىرى نىشانغا ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش،- دېدى.
جىس. ئوۋنىسنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئېيتقان مۇمكىنچىلىكلىرىنى، ئۇنىڭ نىشان ۋە ئارزۇلىرىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ، قالتىس مەستىلىگىم كەلدى.
ئۇ 1936 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۆت ئالتۇن مېدال ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. ئۇ ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپلا قالماي 200 مېتىرغا يۈگرەش بويىچە دۇنيا رىكورتىنى يېڭىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ياراتقان يىراققا سەكرەش دۇنيا رېكورتىنى 22 يىلدىن كېيىنمۇ بۇزىدىغان ئادەم چىقمىدى. كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش تۈرىدىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
تەنھەرىكەت شان - شەرەپ سارىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغىنى كىرىراندا تۇغۇلغان ئاجىز ئۆسمۈر — جىس. ئوۋنىس بولدى. |
|